نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئالدىنقى يىلى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەش ۋە قائىدە ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىدىم، قائىدىگە چۈشىدىغان پېئىل، ئىسىم، سۈپەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ غايەت زور ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.

مەسىلەن: تۈپ پېئىل «ياز-»نى مىسال ئالسام،
(1) يېزىل (پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، مەجھۇل دەرىجە)
(2) يېزىلغان (پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پۈتكەن تۈر)
(3) يېزىلغىنىڭىز (پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى، 2-شەخس سىپايە تۈر)
دەپ تۈرلەشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا بىر تۈپ پېئىلنى يۇقىرىقىدەك پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى (يەنە 3 شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك) بويىچە قاتمۇقات تۈرلەپ چىققاندا، جەمئىي 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدىكەن. ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 8455 تۈپ پېئىلنى تۈرلەپ، 42613200 (42 مىليوندىن ئارتۇق) سۈنئىي تۈرلەنگەن پېئىل ئامبىرىنى قۇرۇپ باقتىم. ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ھەر قانداق بىر پېئىلنى قانداق شەكىلدە يازسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي تۈپ پېئىلىنى %99.99 تېپىپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى تەكرارلانمىغان ھەر خىل مۇرەككەپ تۈرلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قورال دېتال ئارقىلىق «ئاپتوماتلاش-» دېگەن تۈپ پېئىلنى كىرگۈزۈپ، بىر كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
================
(1) ئاپتوماتلاشماق
(2) ئاپتوماتلىشىش
(3) ئاپتوماتلىشىپ
(4) ئاپتوماتلاشقان
(5) ئاپتوماتلىشىدۇ
(6) ئاپتوماتلاشتى
(7) ئاپتوماتلىشىدىغان
(8) ئاپتوماتلىشە
(9) ئاپتوماتلىشىشقا
(10) ئاپتوماتلىشىشى
(11) ئاپتوماتلاشسا
(12) ئاپتوماتلىشاتتى
(13) ئاپتوماتلىشار
(14) ئاپتوماتلاشقاندا
(15) ئاپتوماتلاشماقتا
(16) ئاپتوماتلىشىشنى
(17) ئاپتوماتلاشماي
(18) ئاپتوماتلاشقاندىن
(19) ئاپتوماتلىشىپتۇ
(20) ئاپتوماتلىشىۋاتقان
(21) ئاپتوماتلىشىشتىن
(22) ئاپتوماتلاشتىم
(23) ئاپتوماتلاشما
(24) ئاپتوماتلاشقۇچى
(25) ئاپتوماتلاشمايدۇ
(26) ئاپتوماتلىشىشنىڭ
(27) ئاپتوماتلىشىدىكەن
(28) ئاپتوماتلاشقاندەك
(29) ئاپتوماتلاشقىلى
(30) ئاپتوماتلىشىمەن
(31) ئاپتوماتلاشقانلىقىنى
(32) ئاپتوماتلىشىمىز
(33) ئاپتوماتلاشقانىدى
(34) ئاپتوماتلىشىپلا
(35) ئاپتوماتلاشقانلىقى
(36) ئاپتوماتلاشماسلىق
(37) ئاپتوماتلاشماقچى
(38) ئاپتوماتلاشقىنى
(39) ئاپتوماتلىشىڭ
(40) ئاپتوماتلاشتۇق
(41) ئاپتوماتلىشىشتا
(42) ئاپتوماتلىشىۋاتىدۇ
(43) ئاپتوماتلاشمايدىغان
(44) ئاپتوماتلىشاي
(45) ئاپتوماتلاشسىمۇ
(46) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى
(47) ئاپتوماتلاشسۇن
(48) ئاپتوماتلىشىلغان
(49) ئاپتوماتلاشمىسا
(50) ئاپتوماتلاشقۇچ
(51) ئاپتوماتلاشمىدى
(52) ئاپتوماتلاشماس
(53) ئاپتوماتلاشساق
(54) ئاپتوماتلاشسام
(55) ئاپتوماتلاشقانلار
(56) ئاپتوماتلىشىسەن
(57) ئاپتوماتلاشتىڭ
(58) ئاپتوماتلىشايلى
(59) ئاپتوماتلاشساڭ
(60) ئاپتوماتلىشىپمۇ
(61) ئاپتوماتلىشىڭلار
(62) ئاپتوماتلىشالايدۇ
(63) ئاپتوماتلاشقانلىق
(64) ئاپتوماتلاشماستىن
(65) ئاپتوماتلاشسىڭىز
(66) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتى
(67) ئاپتوماتلىشىلدى
(68) ئاپتوماتلاشقىن
(69) ئاپتوماتلاشماسلىقى
(70) ئاپتوماتلىشالماي
(71) ئاپتوماتلىشالايدىغان
(72) ئاپتوماتلاشتىكى
(73) ئاپتوماتلاشقۇدەك
(74) ئاپتوماتلاشقۇچىلار
(75) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقى
(76) ئاپتوماتلاشقانغا
(77) ئاپتوماتلىشىۋالغان
(78) ئاپتوماتلىشىسىز
(79) ئاپتوماتلىشىشتەك
(80) ئاپتوماتلاشقانلىقتىن
(81) ئاپتوماتلاشتىمۇ
(82) ئاپتوماتلاشقاچ
(83) ئاپتوماتلىشامدۇ
(84) ئاپتوماتلاشماڭ
(85) ئاپتوماتلاشقىنىچە
(86) ئاپتوماتلىشىشمۇ
(87) ئاپتوماتلاشمايمەن
(88) ئاپتوماتلىشىۋېلىپ
(89) ئاپتوماتلاشمايتتى
(90) ئاپتوماتلىشىشلار
(91) ئاپتوماتلىشىدىغانلار
(92) ئاپتوماتلىشىشتىكى
(93) ئاپتوماتلاشقانلىقىدىن
(94) ئاپتوماتلاشقاچقا
(95) ئاپتوماتلاشمايلا
(96) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندەك
(97) ئاپتوماتلاشقۇسى
(98) ئاپتوماتلىشىۋېتىپ
(99) ئاپتوماتلاشقاندىلا
(100) ئاپتوماتلاشمايدىكەن
(101) ئاپتوماتلىشىشتى
(102) ئاپتوماتلاشسىلا
(103) ئاپتوماتلاشسىلام
(104) ئاپتوماتلاشقىنىنى
(105) ئاپتوماتلاشمىدىم
(106) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلىقى
(107) ئاپتوماتلىشىشقىمۇ
(108) ئاپتوماتلىشىۋالدى
(109) ئاپتوماتلاشقانلىقىقا
(110) ئاپتوماتلاشقانلارنىڭ
(111) ئاپتوماتلىشارمۇ
(112) ئاپتوماتلاشمايمىز
(113) ئاپتوماتلاشقىنىغا
(114) ئاپتوماتلىشىۋېلىش
(115) ئاپتوماتلىشىشىمۇ
(116) ئاپتوماتلاشتىدىدە
(117) ئاپتوماتلاشماپتۇ
(118) ئاپتوماتلاشقانىكەن
(119) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندا
(120) ئاپتوماتلاشقۇم
(121) ئاپتوماتلاشقۇچىنىڭ
(122) ئاپتوماتلاشقۇچە
(123) ئاپتوماتلاشقىنىم
(124) ئاپتوماتلىشىشتۇر
(125) ئاپتوماتلاشماڭلار
(126) ئاپتوماتلاشقانمۇ
(127) ئاپتوماتلىشاتتىم
(128) ئاپتوماتلاشقاننى
(129) ئاپتوماتلاشقانلارغا
(130) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنىڭ
(131) ئاپتوماتلىشىۋېتىپتۇ
(132) ئاپتوماتلاشتىڭىز
(133) ئاپتوماتلاشقانلىرى
(134) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقىنى
(135) ئاپتوماتلىشالمىدىم
(136) ئاپتوماتلاشقانلارنى
(137) ئاپتوماتلاشمىساق
(138) ئاپتوماتلاشساڭلار
(139) ئاپتوماتلىشالايسىز
(140) ئاپتوماتلىشىۋال
(141) ئاپتوماتلىشالماسلىق
(142) ئاپتوماتلىشىدىغىنى
(143) ئاپتوماتلاشساممۇ
(144) ئاپتوماتلاشقانىدىم
(145) ئاپتوماتلىشىشىڭىز
(146) ئاپتوماتلىشاتتۇق
(147) ئاپتوماتلاشقاي
(148) ئاپتوماتلاشقانچە
(149) ئاپتوماتلىشىسىلەر
(150) ئاپتوماتلاشقاندىمۇ
(151) ئاپتوماتلىشىۋاتىمەن
(152) ئاپتوماتلاشقانلىقىنىڭ
(153) ئاپتوماتلىشامسىز
(154) ئاپتوماتلاشمايلى
(155) ئاپتوماتلاشمىغىن
(156) ئاپتوماتلاشماسلىققا
(157) ئاپتوماتلاشساقمۇ
(158) ئاپتوماتلاشقاندۇ
(159) ئاپتوماتلىشالمىغان
(160) ئاپتوماتلاشقاننىڭ
(161) ئاپتوماتلىشىۋېتىش
(162) ئاپتوماتلاشقانسېرى
(163) ئاپتوماتلاشقىنىڭ
(164) ئاپتوماتلىشىپتىكەن
(165) ئاپتوماتلىشىشنىمۇ
(166) ئاپتوماتلىشىپسىز
(167) ئاپتوماتلىشالىغان
(168) ئاپتوماتلاشقاق
(169) ئاپتوماتلاشقۇچىسى
(170) ئاپتوماتلىشالايمىز
(171) ئاپتوماتلاشقۇچىغا
(172) ئاپتوماتلاشقاندىكى
(173) ئاپتوماتلاشماسلىقنى
(174) ئاپتوماتلاشمامدۇ
(175) ئاپتوماتلىشىشچانلىق
(176) ئاپتوماتلاشمىغانىدى
(177) ئاپتوماتلىشىۋاتىمىز
(178) ئاپتوماتلاشقۇچىنى
(179) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنى
(180) ئاپتوماتلاشمىدۇق
(181) ئاپتوماتلاشمايسەن
(182) ئاپتوماتلىشارمەن
(183) ئاپتوماتلىشىدىغاندەك
(184) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىغا
(185) ئاپتوماتلىشىۋالدىم
(186) ئاپتوماتلاشقۇچىلارغا
(187) ئاپتوماتلىشالماس
(188) ئاپتوماتلىشالمىسا
(189) ئاپتوماتلاشقانلاردىن
(190) ئاپتوماتلىشىلمىغان
(191) ئاپتوماتلىشىشلارنى
(192) ئاپتوماتلىشىشىمىزغا
(193) ئاپتوماتلاشساڭمۇ
(194) ئاپتوماتلىشالايمەن
(195) ئاپتوماتلىشىپتىمەن
(196) ئاپتوماتلاشسىڭىزمۇ
(197) ئاپتوماتلىشالمايتتى
(198) ئاپتوماتلىشىشلارغا
(199) ئاپتوماتلىشىۋالسا
(200) ئاپتوماتلاشقانلىرىنى
(201) ئاپتوماتلاشقىنىدا
(202) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلار
(203) ئاپتوماتلىشىۋېلىشقا
(204) ئاپتوماتلىشامسەن
(205) ئاپتوماتلاشماسلىقىنى
(206) ئاپتوماتلىشىۋېتىلگەن
(207) ئاپتوماتلاشقىنىدىن
(208) ئاپتوماتلاشسىڭىزلا
(209) ئاپتوماتلىشالىسا
(210) ئاپتوماتلىشىپسەن
(211) ئاپتوماتلىشىشچان
(212) ئاپتوماتلىشىۋاپتۇ
(213) ئاپتوماتلىشىۋالغاندىن
(214) ئاپتوماتلاشمايسىز
(215) ئاپتوماتلاشتىڭلار
(216) ئاپتوماتلىشىشچانلىقى
(217) ئاپتوماتلاشماقچىمۇ
(218) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقى
(219) ئاپتوماتلىشالىشى
(220) ئاپتوماتلاشتىغۇ
(221) ئاپتوماتلاشتىڭمۇ
(222) ئاپتوماتلىشىشىڭىزنى
(223) ئاپتوماتلىشالمىغاچقا
(224) ئاپتوماتلىشىدىغانغا
(225) ئاپتوماتلىشامدۇق
(226) ئاپتوماتلاشقىنىدەك
(227) ئاپتوماتلىشارمىز
(228) ئاپتوماتلاشساقلا
(229) ئاپتوماتلاشقاندۇر
(230) ئاپتوماتلىشىدىغانلارنىڭ
(231) ئاپتوماتلىشىلمىغاچقا
(232) ئاپتوماتلاشقىنىمىز
(233) ئاپتوماتلاشقۇچىلاردىن
(234) ئاپتوماتلىشىدۇدە
(235) ئاپتوماتلىشىشلاردىن
(236) ئاپتوماتلىشىۋات
(237) ئاپتوماتلاشقاندەكلا
(238) ئاپتوماتلاشمايۋاتىدۇ
(239) ئاپتوماتلاشمىدىڭ
(240) ئاپتوماتلىشىۋالاي
(241) ئاپتوماتلىشىشلا
(242) ئاپتوماتلاشقىنىمدا
(243) ئاپتوماتلىشىلمىدى
(244) ئاپتوماتلىشىشىچە
(245) ئاپتوماتلىشىۋېلىشى
(246) ئاپتوماتلاشقىنىڭىز
(247) ئاپتوماتلاشمىدىمۇ
(248) ئاپتوماتلاشقانلىقنى
(249) ئاپتوماتلاشقانلىقىمنى
(250) ئاپتوماتلاشمىقى
(251) ئاپتوماتلىشارسەن
(252) ئاپتوماتلاشقىنىمنى
(253) ئاپتوماتلىشىشىڭىزغا
(254) ئاپتوماتلىشارمىش
(255) ئاپتوماتلاشقانلارمۇ
(256) ئاپتوماتلىشىدۇكى
(257) ئاپتوماتلىشىشلارنىڭ
(258) ئاپتوماتلىشاتتىڭلار
(259) ئاپتوماتلىشالايدىكەن
(260) ئاپتوماتلاشتىڭىزمۇ
(261) ئاپتوماتلاشمىغىنى
(262) ئاپتوماتلىشىدىغاندۇ
(263) ئاپتوماتلىشىشنىلا
(264) ئاپتوماتلىشىشىڭ
(265) ئاپتوماتلىشىۋاتامدۇ
(266) ئاپتوماتلاشمىغۇچە
(267) ئاپتوماتلاشساملا
(268) ئاپتوماتلاشقانلىقىم
(269) ئاپتوماتلاشمامسەن
(270) ئاپتوماتلىشىۋاتسا
(271) ئاپتوماتلىشىۋالاتتى
(272) ئاپتوماتلىشىۋېرىپ
(273) ئاپتوماتلىشىۋېرىدۇ
(274) ئاپتوماتلاشقانتى
(275) ئاپتوماتلىشالايتتى
(276) ئاپتوماتلىشالماسلىقى
(277) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن
(278) ئاپتوماتلىشىۋېلىشنى
(279) ئاپتوماتلىشالماپتۇ
(280) ئاپتوماتلىشالىدى
(281) ئاپتوماتلىشىۋېتىشكە
(282) ئاپتوماتلاشتىلا
(283) ئاپتوماتلاشقۇلۇق
(284) ئاپتوماتلاشقانىدۇق
(285) ئاپتوماتلاشقۇچنى
(286) ئاپتوماتلاشمايمۇ
(287) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتىم
(288) ئاپتوماتلىشالامدۇ
(289) ئاپتوماتلىشىشىمىزنى
(290) ئاپتوماتلىشامسىلەر
(291) ئاپتوماتلاشقانتىم
(292) ئاپتوماتلاشقۇچىدۇر
(293) ئاپتوماتلىشىۋالغاندەك
(294) ئاپتوماتلىشامدىكىن
(295) ئاپتوماتلىشىدىكەنمىز
(296) ئاپتوماتلىشىشقىلا
(297) ئاپتوماتلىشىۋەرسە
(298) ئاپتوماتلاشقىنىمىزدا
(299) ئاپتوماتلاشماقتىمەن
(300) ئاپتوماتلىشىشىڭلارنى



(5035) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن
(5036) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىغا
(5037) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغاننىلا
(5038) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلارمىز
(5039) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلىققا
(5040) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا
==============
مېنىڭ بايقىشىمچە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئىسىم تەخمىنەن %50 نى، پېئىل تەخمىنەن %25 نى، باشقا سۆز تۈركۈمى %25 نى ئېگەللەيدۇ. خالىغان بىر تەبئىي جۈملىدە گەرچە پېئىلنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئەڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىكەن. زامان ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى تۈپ پېئىلنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ ھەر خىل مەنانى بىلدۈرىدىكەن، مەن بىلىدىغان ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك يوق، بەلكىم باشقا تىلدىمۇ بۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكنى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىلى مەن بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولغان ئىدىم ھەمدە مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ئۆز ئانا تىلىم بولۇپ قالغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغانىدىم.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

تۆۋەندە مىسال بېرىلدى.
================
بىز زاۋۇتىمىزغا ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىشىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاپتوماتلاشتى. بىز بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئاپتوماتلىشىش زۆرۈرلىكىنى قاتتىق تونۇپ يەتتۇق. ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش بىزنىڭ ئىقسادى كىرىمىمىزنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ ئاپتوماتلىشىشقا يۈزلەندۇق. خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەڭلار تامغا ئېسىلغان « ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشىم ياخشى بولسۇن دېسەڭ ئالدى بىلەن ئاپتوماتلىشىۋال (ئاپتوماتلاش)» دېگەن گەپنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ گەپنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز.
================

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
82 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،بۇيازمىڭىزنى ئالمىزار مۇنبىرىدىن كۆرۇپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم .ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:16
  • مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پىئېل بايلىقىنىڭ ھەقىقەتەن مول ئىكەنلىكىگە قايىل. مەن گەرچە باشقا تىللارنى ئانچە بىلمىسەممۇ، تىلىمىزنىڭ پىئللىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. تىلىمىزدا پېئىل بەكلا كۆپ. تۈرلىنىشىچۇ تېخى…… مەنمۇ تىلىمىزنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە قايىل. ئانا تىلىمىزدا پەقەت ئىسىملار كەمچىل. يېڭىدىن بىزگە تونۇشقان نەرسىلەرگە ئوبدان ئىسىم قويۇپ بولالمايۋاتىمىز. تىلىمىزدىكى بۇ پىئللار بىزگە مىراس بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرتىلنىڭ پىئل بايلىقى ھەقىقەتەن قالتىس مۆجزە. تىلىمىزدىكى پىئېللار ھەم ئاددي ھەم چۈشۈنۈشلۈك، تىلىمىزنى راۋان قىلىشىتا پىئېللارنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:31
  • قارىغاندا سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىنى كىرگۈزسەك قالغىنىنى ئۆزى تېپىپ بېرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ۋە ماشىنا تەرجىمانغا كۆپ ۋاقىت قالمىغاندەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:41
  • رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭز ،چۈشۈرۈش ئادىرىسى چالا قالدىمۇ يا؟ چۈشۈرلگىلى بولمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 23:21
  • مانا ھازىر ۋاقىت 2012-02-21 كۈنى سائەت00:00:00 بولدى ھەممىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!!! ئانا تىلىمىزنى قوغداش،تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئەجبۇريىتىمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 21:59
  • ئالىم مۇئەللىم ، ماڭا سىزنىڭ بۇ ئامبىرىڭىزدىكى ئىسملار لازىم بولۇپ قالغان ، تەمىنلىيەلەسىىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:06
  • راستىنلا پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى يازمىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:02
  • ئەگەر مەن بۇ ماقالىنى خاتا چۈشەنمىگەنلا بولسام ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يېڭى سۆزلۈك ياساشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولامدۇ – قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:54
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەجىر -ئەمگەكلىرڭىزگە ھەشقاللا.بۇتىمىڭزنى كۈرۈپ مۇنداق بىر ئىش كاللامغا كەپ قالدى. ھازىر ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىكەنسىز،ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلدىكى قاپىيە لوغىتىنى تۈزۈش ئمكانىيتى سزدە ھازىرلىنىپتۇ دىسەك بۇلامدۇقانداق؟سىز بۇھەقتە ئويلىنىپ قاقتىڭىزمۇ؟
    مەسلەن-تاپ، دىگەن بىر سۆزنى كىرگۇزسەك قاپ،ساپ، ياپ، لاپ،دىگەندەك ئۆز-ئاراقاپىيداش سۆزلەنى مەنىسى بىلەن چىقرىپ بىرەلەيدىغان.
    يۇقاردىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىردىكى ئىككى ھەرىپ، ئا پ ،ئوخشاش تەكرارلىنىپ كىلىپ قاپىداش سۆزلەنى ھاسىل قىلغان.
    . قاپىيە
    شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىردىكى سۆز ياكى بۇغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بۇلۇپ كىلىشى قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ .قاپىيە شېئىرى ئەسەرلەرنىڭ گەۋسىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئۈچ خىل رولى بار .
    (1) سۆزلەردە مۇناسىپ ئاھاڭداشلىق پەيدا قىلىپ ،شېئىرى تىلنىڭ تەسىرلىك ، جاراڭلىق ۋە مۇزىكىلىق گۈزەللىككە ئىگە قىلىدۇ .شېئىرنىڭ رىتىملىق ھىسياتىنى كۈچەيتىدۇ .
    (2) كۈيلەشكە، دىكلىماتسىيە قىلىشقا ، يادلاشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ.
    (3) شېئىرى تىلنى شېئىردىكى ھىس ـ تۇيغۇنى تەسرىلەندۈرەرلىك ئىپادىلەپ بىرىش ئىمكانيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
    قاپىيىلىك سۆزلەرنى ئەستە قالدۇرۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن، ھىكمەتلىك سۆزلەرنى، تېپىشماقلارنى خەلق قاپىيەلىك قىلىپ تۈزىدۇ (ئۈلگە : ئابدۇكىرەم ئابلىز) شۇڭلاشقا خەلق ماقال ـ تەمسىللىرىدە، تېپىشماقلاردا شېئىرى تۈس ئىنتايىن قۇيۇق بۇلۇپ، ئۇلارنى كىشىلەر ئاسان ئەستە ساقلىيالايدۇ .
    مەسىلەن :
    جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق ،
    ئىناق بولماي سائادەت يوق .

    شېئىرى قاپىيىلەر بۇغۇملار تەركىبىدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىش خۇسۇسىيەتلىرى بۇيىنچە توق قاپىيە ۋە ئاچ قاپىيە دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ

    توق قاپىيە
    ئاھاڭداشلىقى تۇلۇق بولغان سۆز ياكى بۇغۇملارنىڭ قاپىيىلىنىشى توق قاپىيە دىيلىدۇ. يەنى بىر بوغۇملۇق قاپىيە (سۆز) باشتىن ئاخىر بىر خىل سوزۇق تاۋۇشتىن تەركىپ تاپقان، ۋە ئاخرىدا بىر خىل ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن كەلگەن بولسا بۇ توق قاپىيە .

    ئاچ قاپىيە
    ئاھاڭداشلىقى تۇلۇق بولمىغان، سۆز ياكى بۇغۇملارنىڭ قاپىيىلىشىنى ئاچ قاپىيە دىيلىدۇ. يەنى ، تەركىبىدە سوزوق تاۋۇشلار ئوخشاش بولمىسا، ياكى تۈركۈمداش، (جۈپلۈك) تاۋۇش بولمىسا ئۇ ئاچ قاپىيە دىيلىدۇ.
    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    قاپىيە شەكىللىرى
    قوش قاپيە
    ئۇيغۇر شېئىرىيىتدە يۇقىرىقى ئىككى قاپىيە ئاساسىدا مىسرالارنىڭ ئاھاڭداشلىقىنى ئاشۇرۇش، ۋە پىكىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قوش قاپىيەدىن پايدىلىنىدۇ .
    شېئىرى مىسرالاردىكى قاپىيىدىن كېيىن تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆز ياكى بۇغۇملار دىن تۈزۈلىدۇ.
    (ئۈلگە: بىلىم ئىشقىدا )
    1.جۈپ قاپىيە . (ئادەتە جۈپ قاپىيە بىلەن قوش قاپىيەنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوش قاپىيە رادف دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

    1. جۈپ قاپىيە
    شېئىردىكى مىسرالار سانىنىڭ ئاز كۆپلىكىدىن قەتئى نەزەر ھەر بىر جۈپ مىسرالارنىڭ ئاخىردىكى سۆز ياكى بۇغۇملار بىر ـ بىرى بىلەن مۇستەقىل ھەم ئەركىن ھالدا قاپىيداش بۇلۇپ كەلسە جۈپ قاپىيە دىيلىدۇ.
    2. ئەركىن قاپىيە
    تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 2-4- مىسرالىرىنىڭ ئاخىردىكى سۆزلەر ئاھاڭداش بۇلۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى ئەركىن قاپىيە دىيلىدۇ . (شېئىرىيەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ )
    3. ئالماش قاپىيە
    تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 1- 3- مىسرالىرىنىڭ ۋە 2-4- مىسرالىنىڭ ئاخىرقى سۆزلەر ئاھاڭداش بۇلۇپ كەلسە قاپىيە شەكلى ئالماش قاپىيە دىيلىدۇ.
    4. يانداش قاپىيە
    تۆت مىسرالىق شېئىرلاردا 1-مىسرا بىلەن 4- مىسرا ، 2-3- مىسرانىڭ ئاخىردىكى سۆزلەر ئاھاڭداش بۇلۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى يانداش قاپىيە دىيلىدۇ . بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپرەك شەكىل . شائىردىن زور ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.
    مەسىلەن :
    ئەركىلىتىپ سېنى ئۆستۈردى ۋەتەن ،
    بۇلبۇللار سايرىغان بۇ گۈلزار باغدا.
    ئاھۇلار يايرىغان لالىزار تاغدا ،
    قەلبىڭدە نۇر سەپتى ئاپتاپ روشەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:42
  • بۇ بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ!
    بۇنىڭ ئاساسىدا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئاپتوماتىك جۈملە تەرجىمە، ئەقىللىق كىرگۈزگۈچ قاتارلىقلارمۇ تېزرەك بازارغا چىقسا بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:20
  • مەن ئاڭلىسام ئىتالىيانچىدا ئاساسەن پېئىللارنى تۈرلەش ئارقىلىق تىلنى ئىپادىلەيدىكەن. ئاندىن ئەرەبچىدىمۇ پېئىلنى 200 نەچچە خىل تۈرلىگىلى بولىدىغۇ دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:32
    • باشقا تىلدا مۇنداق ئانچە-مۇنچە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، ئۇيغۇر تىلىدەك مۇنداق مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارايمەن. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشىمايدىغان جۈملە تۈزۈشكە بولىدۇ-ئەمەسمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:54
  • مەن يۇقۇرىقىدەك ئىنكاسنى ياقتۇرمايتىم، ئەمما بۈگۈن ئاۋۇ يۇمتالىڭىز(تۈرلىگۈچىڭىز)نىڭ مەھسۇلاتى ئۈچۈن ۋە شۇ ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى قىزىپ چىققانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىدىم.
    يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى تەپسىلى كۈزەتكەندە تەكرارلىنىپ قالغانلىرىمۇ باردەك قىلىدۇ، 102- سۆز بىلەن 103 سۆز ئوخشاشتەك قىلىدۇ، ئارىلىقى يىراقراق كەلگەنلىرىدىن ئوخشىشىدىغانلىرىدىن يەنە قانچىلىكى بار بۇنىمۇ تەكشۈرۈپ باقساقمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:18
    • (103)-سۆزنىڭ ئاخىرىدا «م» چۈشۈپ قاپتۇ، ئەسلىدىكى جەدۋەلگە بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلانغانلىرى پەقەت يوق. مەن ھەممىنى كۆچۈرۈپ چاپلاي دېسەم، بىر قۇردا بىر سۆز بولغاچقا، بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىكەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:51
  • ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن سوققان ئاشۇ يۈرىكىڭىز ھەرگىز ئازاپ چەكمىسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:08
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇ ئەمگىكىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇشال بۇلدۇم، بۇ يىللىق ‹‹ئانا تىل بايرىمى›› غا ئەڭ چوڭ سوۋغا بوپتۇ، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز … كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:45