ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئالدىنقى يىلى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەش ۋە قائىدە ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىدىم، قائىدىگە چۈشىدىغان پېئىل، ئىسىم، سۈپەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ غايەت زور ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.
مەسىلەن: تۈپ پېئىل «ياز-»نى مىسال ئالسام،
(1) يېزىل (پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، مەجھۇل دەرىجە)
(2) يېزىلغان (پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پۈتكەن تۈر)
(3) يېزىلغىنىڭىز (پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى، 2-شەخس سىپايە تۈر)
دەپ تۈرلەشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا بىر تۈپ پېئىلنى يۇقىرىقىدەك پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى (يەنە 3 شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك) بويىچە قاتمۇقات تۈرلەپ چىققاندا، جەمئىي 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدىكەن. ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 8455 تۈپ پېئىلنى تۈرلەپ، 42613200 (42 مىليوندىن ئارتۇق) سۈنئىي تۈرلەنگەن پېئىل ئامبىرىنى قۇرۇپ باقتىم. ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ھەر قانداق بىر پېئىلنى قانداق شەكىلدە يازسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي تۈپ پېئىلىنى %99.99 تېپىپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى تەكرارلانمىغان ھەر خىل مۇرەككەپ تۈرلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قورال دېتال ئارقىلىق «ئاپتوماتلاش-» دېگەن تۈپ پېئىلنى كىرگۈزۈپ، بىر كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
================
(1) ئاپتوماتلاشماق
(2) ئاپتوماتلىشىش
(3) ئاپتوماتلىشىپ
(4) ئاپتوماتلاشقان
(5) ئاپتوماتلىشىدۇ
(6) ئاپتوماتلاشتى
(7) ئاپتوماتلىشىدىغان
(8) ئاپتوماتلىشە
(9) ئاپتوماتلىشىشقا
(10) ئاپتوماتلىشىشى
(11) ئاپتوماتلاشسا
(12) ئاپتوماتلىشاتتى
(13) ئاپتوماتلىشار
(14) ئاپتوماتلاشقاندا
(15) ئاپتوماتلاشماقتا
(16) ئاپتوماتلىشىشنى
(17) ئاپتوماتلاشماي
(18) ئاپتوماتلاشقاندىن
(19) ئاپتوماتلىشىپتۇ
(20) ئاپتوماتلىشىۋاتقان
(21) ئاپتوماتلىشىشتىن
(22) ئاپتوماتلاشتىم
(23) ئاپتوماتلاشما
(24) ئاپتوماتلاشقۇچى
(25) ئاپتوماتلاشمايدۇ
(26) ئاپتوماتلىشىشنىڭ
(27) ئاپتوماتلىشىدىكەن
(28) ئاپتوماتلاشقاندەك
(29) ئاپتوماتلاشقىلى
(30) ئاپتوماتلىشىمەن
(31) ئاپتوماتلاشقانلىقىنى
(32) ئاپتوماتلىشىمىز
(33) ئاپتوماتلاشقانىدى
(34) ئاپتوماتلىشىپلا
(35) ئاپتوماتلاشقانلىقى
(36) ئاپتوماتلاشماسلىق
(37) ئاپتوماتلاشماقچى
(38) ئاپتوماتلاشقىنى
(39) ئاپتوماتلىشىڭ
(40) ئاپتوماتلاشتۇق
(41) ئاپتوماتلىشىشتا
(42) ئاپتوماتلىشىۋاتىدۇ
(43) ئاپتوماتلاشمايدىغان
(44) ئاپتوماتلىشاي
(45) ئاپتوماتلاشسىمۇ
(46) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى
(47) ئاپتوماتلاشسۇن
(48) ئاپتوماتلىشىلغان
(49) ئاپتوماتلاشمىسا
(50) ئاپتوماتلاشقۇچ
(51) ئاپتوماتلاشمىدى
(52) ئاپتوماتلاشماس
(53) ئاپتوماتلاشساق
(54) ئاپتوماتلاشسام
(55) ئاپتوماتلاشقانلار
(56) ئاپتوماتلىشىسەن
(57) ئاپتوماتلاشتىڭ
(58) ئاپتوماتلىشايلى
(59) ئاپتوماتلاشساڭ
(60) ئاپتوماتلىشىپمۇ
(61) ئاپتوماتلىشىڭلار
(62) ئاپتوماتلىشالايدۇ
(63) ئاپتوماتلاشقانلىق
(64) ئاپتوماتلاشماستىن
(65) ئاپتوماتلاشسىڭىز
(66) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتى
(67) ئاپتوماتلىشىلدى
(68) ئاپتوماتلاشقىن
(69) ئاپتوماتلاشماسلىقى
(70) ئاپتوماتلىشالماي
(71) ئاپتوماتلىشالايدىغان
(72) ئاپتوماتلاشتىكى
(73) ئاپتوماتلاشقۇدەك
(74) ئاپتوماتلاشقۇچىلار
(75) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقى
(76) ئاپتوماتلاشقانغا
(77) ئاپتوماتلىشىۋالغان
(78) ئاپتوماتلىشىسىز
(79) ئاپتوماتلىشىشتەك
(80) ئاپتوماتلاشقانلىقتىن
(81) ئاپتوماتلاشتىمۇ
(82) ئاپتوماتلاشقاچ
(83) ئاپتوماتلىشامدۇ
(84) ئاپتوماتلاشماڭ
(85) ئاپتوماتلاشقىنىچە
(86) ئاپتوماتلىشىشمۇ
(87) ئاپتوماتلاشمايمەن
(88) ئاپتوماتلىشىۋېلىپ
(89) ئاپتوماتلاشمايتتى
(90) ئاپتوماتلىشىشلار
(91) ئاپتوماتلىشىدىغانلار
(92) ئاپتوماتلىشىشتىكى
(93) ئاپتوماتلاشقانلىقىدىن
(94) ئاپتوماتلاشقاچقا
(95) ئاپتوماتلاشمايلا
(96) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندەك
(97) ئاپتوماتلاشقۇسى
(98) ئاپتوماتلىشىۋېتىپ
(99) ئاپتوماتلاشقاندىلا
(100) ئاپتوماتلاشمايدىكەن
(101) ئاپتوماتلىشىشتى
(102) ئاپتوماتلاشسىلا
(103) ئاپتوماتلاشسىلام
(104) ئاپتوماتلاشقىنىنى
(105) ئاپتوماتلاشمىدىم
(106) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلىقى
(107) ئاپتوماتلىشىشقىمۇ
(108) ئاپتوماتلىشىۋالدى
(109) ئاپتوماتلاشقانلىقىقا
(110) ئاپتوماتلاشقانلارنىڭ
(111) ئاپتوماتلىشارمۇ
(112) ئاپتوماتلاشمايمىز
(113) ئاپتوماتلاشقىنىغا
(114) ئاپتوماتلىشىۋېلىش
(115) ئاپتوماتلىشىشىمۇ
(116) ئاپتوماتلاشتىدىدە
(117) ئاپتوماتلاشماپتۇ
(118) ئاپتوماتلاشقانىكەن
(119) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندا
(120) ئاپتوماتلاشقۇم
(121) ئاپتوماتلاشقۇچىنىڭ
(122) ئاپتوماتلاشقۇچە
(123) ئاپتوماتلاشقىنىم
(124) ئاپتوماتلىشىشتۇر
(125) ئاپتوماتلاشماڭلار
(126) ئاپتوماتلاشقانمۇ
(127) ئاپتوماتلىشاتتىم
(128) ئاپتوماتلاشقاننى
(129) ئاپتوماتلاشقانلارغا
(130) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنىڭ
(131) ئاپتوماتلىشىۋېتىپتۇ
(132) ئاپتوماتلاشتىڭىز
(133) ئاپتوماتلاشقانلىرى
(134) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقىنى
(135) ئاپتوماتلىشالمىدىم
(136) ئاپتوماتلاشقانلارنى
(137) ئاپتوماتلاشمىساق
(138) ئاپتوماتلاشساڭلار
(139) ئاپتوماتلىشالايسىز
(140) ئاپتوماتلىشىۋال
(141) ئاپتوماتلىشالماسلىق
(142) ئاپتوماتلىشىدىغىنى
(143) ئاپتوماتلاشساممۇ
(144) ئاپتوماتلاشقانىدىم
(145) ئاپتوماتلىشىشىڭىز
(146) ئاپتوماتلىشاتتۇق
(147) ئاپتوماتلاشقاي
(148) ئاپتوماتلاشقانچە
(149) ئاپتوماتلىشىسىلەر
(150) ئاپتوماتلاشقاندىمۇ
(151) ئاپتوماتلىشىۋاتىمەن
(152) ئاپتوماتلاشقانلىقىنىڭ
(153) ئاپتوماتلىشامسىز
(154) ئاپتوماتلاشمايلى
(155) ئاپتوماتلاشمىغىن
(156) ئاپتوماتلاشماسلىققا
(157) ئاپتوماتلاشساقمۇ
(158) ئاپتوماتلاشقاندۇ
(159) ئاپتوماتلىشالمىغان
(160) ئاپتوماتلاشقاننىڭ
(161) ئاپتوماتلىشىۋېتىش
(162) ئاپتوماتلاشقانسېرى
(163) ئاپتوماتلاشقىنىڭ
(164) ئاپتوماتلىشىپتىكەن
(165) ئاپتوماتلىشىشنىمۇ
(166) ئاپتوماتلىشىپسىز
(167) ئاپتوماتلىشالىغان
(168) ئاپتوماتلاشقاق
(169) ئاپتوماتلاشقۇچىسى
(170) ئاپتوماتلىشالايمىز
(171) ئاپتوماتلاشقۇچىغا
(172) ئاپتوماتلاشقاندىكى
(173) ئاپتوماتلاشماسلىقنى
(174) ئاپتوماتلاشمامدۇ
(175) ئاپتوماتلىشىشچانلىق
(176) ئاپتوماتلاشمىغانىدى
(177) ئاپتوماتلىشىۋاتىمىز
(178) ئاپتوماتلاشقۇچىنى
(179) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنى
(180) ئاپتوماتلاشمىدۇق
(181) ئاپتوماتلاشمايسەن
(182) ئاپتوماتلىشارمەن
(183) ئاپتوماتلىشىدىغاندەك
(184) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىغا
(185) ئاپتوماتلىشىۋالدىم
(186) ئاپتوماتلاشقۇچىلارغا
(187) ئاپتوماتلىشالماس
(188) ئاپتوماتلىشالمىسا
(189) ئاپتوماتلاشقانلاردىن
(190) ئاپتوماتلىشىلمىغان
(191) ئاپتوماتلىشىشلارنى
(192) ئاپتوماتلىشىشىمىزغا
(193) ئاپتوماتلاشساڭمۇ
(194) ئاپتوماتلىشالايمەن
(195) ئاپتوماتلىشىپتىمەن
(196) ئاپتوماتلاشسىڭىزمۇ
(197) ئاپتوماتلىشالمايتتى
(198) ئاپتوماتلىشىشلارغا
(199) ئاپتوماتلىشىۋالسا
(200) ئاپتوماتلاشقانلىرىنى
(201) ئاپتوماتلاشقىنىدا
(202) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلار
(203) ئاپتوماتلىشىۋېلىشقا
(204) ئاپتوماتلىشامسەن
(205) ئاپتوماتلاشماسلىقىنى
(206) ئاپتوماتلىشىۋېتىلگەن
(207) ئاپتوماتلاشقىنىدىن
(208) ئاپتوماتلاشسىڭىزلا
(209) ئاپتوماتلىشالىسا
(210) ئاپتوماتلىشىپسەن
(211) ئاپتوماتلىشىشچان
(212) ئاپتوماتلىشىۋاپتۇ
(213) ئاپتوماتلىشىۋالغاندىن
(214) ئاپتوماتلاشمايسىز
(215) ئاپتوماتلاشتىڭلار
(216) ئاپتوماتلىشىشچانلىقى
(217) ئاپتوماتلاشماقچىمۇ
(218) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقى
(219) ئاپتوماتلىشالىشى
(220) ئاپتوماتلاشتىغۇ
(221) ئاپتوماتلاشتىڭمۇ
(222) ئاپتوماتلىشىشىڭىزنى
(223) ئاپتوماتلىشالمىغاچقا
(224) ئاپتوماتلىشىدىغانغا
(225) ئاپتوماتلىشامدۇق
(226) ئاپتوماتلاشقىنىدەك
(227) ئاپتوماتلىشارمىز
(228) ئاپتوماتلاشساقلا
(229) ئاپتوماتلاشقاندۇر
(230) ئاپتوماتلىشىدىغانلارنىڭ
(231) ئاپتوماتلىشىلمىغاچقا
(232) ئاپتوماتلاشقىنىمىز
(233) ئاپتوماتلاشقۇچىلاردىن
(234) ئاپتوماتلىشىدۇدە
(235) ئاپتوماتلىشىشلاردىن
(236) ئاپتوماتلىشىۋات
(237) ئاپتوماتلاشقاندەكلا
(238) ئاپتوماتلاشمايۋاتىدۇ
(239) ئاپتوماتلاشمىدىڭ
(240) ئاپتوماتلىشىۋالاي
(241) ئاپتوماتلىشىشلا
(242) ئاپتوماتلاشقىنىمدا
(243) ئاپتوماتلىشىلمىدى
(244) ئاپتوماتلىشىشىچە
(245) ئاپتوماتلىشىۋېلىشى
(246) ئاپتوماتلاشقىنىڭىز
(247) ئاپتوماتلاشمىدىمۇ
(248) ئاپتوماتلاشقانلىقنى
(249) ئاپتوماتلاشقانلىقىمنى
(250) ئاپتوماتلاشمىقى
(251) ئاپتوماتلىشارسەن
(252) ئاپتوماتلاشقىنىمنى
(253) ئاپتوماتلىشىشىڭىزغا
(254) ئاپتوماتلىشارمىش
(255) ئاپتوماتلاشقانلارمۇ
(256) ئاپتوماتلىشىدۇكى
(257) ئاپتوماتلىشىشلارنىڭ
(258) ئاپتوماتلىشاتتىڭلار
(259) ئاپتوماتلىشالايدىكەن
(260) ئاپتوماتلاشتىڭىزمۇ
(261) ئاپتوماتلاشمىغىنى
(262) ئاپتوماتلىشىدىغاندۇ
(263) ئاپتوماتلىشىشنىلا
(264) ئاپتوماتلىشىشىڭ
(265) ئاپتوماتلىشىۋاتامدۇ
(266) ئاپتوماتلاشمىغۇچە
(267) ئاپتوماتلاشساملا
(268) ئاپتوماتلاشقانلىقىم
(269) ئاپتوماتلاشمامسەن
(270) ئاپتوماتلىشىۋاتسا
(271) ئاپتوماتلىشىۋالاتتى
(272) ئاپتوماتلىشىۋېرىپ
(273) ئاپتوماتلىشىۋېرىدۇ
(274) ئاپتوماتلاشقانتى
(275) ئاپتوماتلىشالايتتى
(276) ئاپتوماتلىشالماسلىقى
(277) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن
(278) ئاپتوماتلىشىۋېلىشنى
(279) ئاپتوماتلىشالماپتۇ
(280) ئاپتوماتلىشالىدى
(281) ئاپتوماتلىشىۋېتىشكە
(282) ئاپتوماتلاشتىلا
(283) ئاپتوماتلاشقۇلۇق
(284) ئاپتوماتلاشقانىدۇق
(285) ئاپتوماتلاشقۇچنى
(286) ئاپتوماتلاشمايمۇ
(287) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتىم
(288) ئاپتوماتلىشالامدۇ
(289) ئاپتوماتلىشىشىمىزنى
(290) ئاپتوماتلىشامسىلەر
(291) ئاپتوماتلاشقانتىم
(292) ئاپتوماتلاشقۇچىدۇر
(293) ئاپتوماتلىشىۋالغاندەك
(294) ئاپتوماتلىشامدىكىن
(295) ئاپتوماتلىشىدىكەنمىز
(296) ئاپتوماتلىشىشقىلا
(297) ئاپتوماتلىشىۋەرسە
(298) ئاپتوماتلاشقىنىمىزدا
(299) ئاپتوماتلاشماقتىمەن
(300) ئاپتوماتلىشىشىڭلارنى
…
…
…
(5035) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن
(5036) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىغا
(5037) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغاننىلا
(5038) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلارمىز
(5039) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلىققا
(5040) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا
==============
مېنىڭ بايقىشىمچە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئىسىم تەخمىنەن %50 نى، پېئىل تەخمىنەن %25 نى، باشقا سۆز تۈركۈمى %25 نى ئېگەللەيدۇ. خالىغان بىر تەبئىي جۈملىدە گەرچە پېئىلنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئەڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىكەن. زامان ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى تۈپ پېئىلنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ ھەر خىل مەنانى بىلدۈرىدىكەن، مەن بىلىدىغان ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك يوق، بەلكىم باشقا تىلدىمۇ بۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكنى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىلى مەن بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولغان ئىدىم ھەمدە مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ئۆز ئانا تىلىم بولۇپ قالغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغانىدىم.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تۆۋەندە مىسال بېرىلدى.
================
بىز زاۋۇتىمىزغا ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىشىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاپتوماتلاشتى. بىز بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئاپتوماتلىشىش زۆرۈرلىكىنى قاتتىق تونۇپ يەتتۇق. ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش بىزنىڭ ئىقسادى كىرىمىمىزنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ ئاپتوماتلىشىشقا يۈزلەندۇق. خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەڭلار تامغا ئېسىلغان « ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشىم ياخشى بولسۇن دېسەڭ ئالدى بىلەن ئاپتوماتلىشىۋال (ئاپتوماتلاش)» دېگەن گەپنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ گەپنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز.
================
ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,042 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:49
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن
- كېيىنكى يازما :Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
مەن مۇشۇ پروگرامما تىلىنى زادىلا ئۆگىنەلمەي قىينىلىپ كېتىپ بارىمەن . مۇئەللىم، بۇنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى زادى قانداقتۇ ؟
ياكى بۇنىڭ ياردەمچى ئۆگىتىش دېتاللىرى بارمىدۇ ؟
پروگرامما تىلىنى بىرە ھەپتىدە ياكى بىرە ئايدا ۋە ياكى بىرە كىتابنى كۆرۈپ بولۇپلا ئۆگىنىپ بولىدىغان ئىش يوق، ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن توختىماي ئەمەلى تەجىربە توپلاش بىرلەشسە ئۆزىڭىزنىڭ قاچانلاردا پروگرامما يازالايدىغان بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. بىر تىلنى تۇتۇڭدە تاشلىماي داۋاملىق ئۆگىنىڭ، خەقنىڭ ئۇ ياخشى بۇ ياخشى دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭ، پىشىق ئۆگەنسىڭىز ھەممىسى ياخشى
ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز، ئۆتكەندە «باھادىرنامە» رومانىدىكى سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىنى سىتاستىكىلاپ چىقىپتىكەنسىز. بۇ قېتىم تېخىمۇ مۇھىم بولغان پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى ھەققىدىكى يازمىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپسىز. بۇ ئەمگىكىڭىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدىكى بەك چوڭ. بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىنى چۈشىنىمىزگىمۇ بەك پايدىلىق. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن! سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن.
مەن راس گەپ قىلسام ئاۋۇ‹‹2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى›› نى بىلمەي دىكەنمە ،توۋا نەدىكى قاللاشمىغان بايرامنى بىلىپ ،مۇشۇنداق بايرامنى بىلمەي يۇرۇپتىمەن ،
‹‹ئانا تىل›› بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،
ھەراس ئالىم مۇئەللىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ كومپىيۇتىر نۇسقىسى بارمىدۇ ،نەدىن تاپقىلى بولىدۇ،
رەخمەت
بۇ ئادەمنى خۇش قىلىدىغان نەتىجىكەن. مەنمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ھەرقانداق سۆز(ئىسىم، پىئىل، ئالماش …) تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنى مۇمكىن بولغان دائىرىدە بارلىق قوشۇمچە ئۇلانغان ھالىتىنى تېپىپ چىقىش ۋە ھەرقانداق سۆزدىن ئەسلى سۆز تومۇرىنى تېپىپ چىقىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم(PHP بەت يۈزى پروگراممىسى شەكلىدە). ئەمما قولۇمدا نۇپۇزلۇق ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى ھەققىدە ماتېرىيال بولمىغاچقا، بەزى ئالاھىدە سۆز ۋە ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىق توغۇلدى. ھازىرچە ماتېرىيال ئىزدەۋاتىمەن.
سۆز تۈرلەش ۋە قوشۇمچە ئۇلاش ئىشى تاماملانسا، مۇنتىزىم ئىپادىگە تايىنىپ تۇرۇپ جۈملە تەھلىل قىلىشمۇ تامامەن مۇمكىن بولغۇسى.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
سىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تور ئىشلىرىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىڭىز، بۇ جەھەتتە خەۋىرىم بار، سىزمۇ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار كۆپىيىۋېتىپتۇ. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەسسالام ئالىم .ئەخەت ئەپەندىم سىز بىر تالانت ئىگىسى ،تېخىمۇ تىرىشىڭ . ئانا تىل بايرىمىڭىزغا مۇبارېك بولسۇن.
ئالىم ئەپەندىنىڭ تالانتىغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ، ئەمما ماختاۋەرسەك ئۇچۇپ كېتىپ چۈشەلمەي قالمىسۇن بىكار ، بىزدە بۇنداق ئادەملەر بەك كەمچىل بولغاندىكىن ،ئازراق ماختايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا،
باياتىن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئىلكاندىن كۆرۈپ ئۇقۇپ ، قەۋەتلام خوش بوپكەتتىم.
خۇددى سىزنىڭ «ئانا تىل بايرىمى» مىزغا قىلغان چوڭ سوۋغىڭىز دەپ ھېس قىلدىم،شەرەپلەندىم.
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! ھەممىمىزنىڭ «ئانا تىل بايرىمى» مىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئالىم ئەھەت بەك قالتىسكەن جۇمۇ بىر كۇنۇپكا 5000 مىڭ سۆز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم،سىز مۇشۇنداق دېتاللارنى قايسى پروگرامما تىلى بىلەن يازىسىز؟
قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن ئالىمكا….. ئالدى بىلەن تىلىمىزدىن پەخىرلەنسەك، ئارقىدىنلا سىزدەك ئىلىم سۆيەر ئوقۇتقۇچىلاردىن پەخىرلىنشكە ھەقلىقمىز.
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشكە تولىمۇ باي بىر تىل، ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر پېئىلنىڭ تۈرلىنىش سىستىمىسىنى سىتاتىستىكا قىلغاندا راستىنلا نەچچە مىڭ خىلغا يېتىدىكەن. مەن ھازىر ئوقۇتقۇچۇمغا ياردەملىشىپ «ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ ئۆزەك قىسىمى بىلەن قوشۇمچە قىسىمىنى ئايرىش قورالى» دىكى 50 مىڭغا يېقىن پېئىل تۈرلىنىش شەكلىدىن ئۆزەمگە ئايرىپ بېرىلگەن 13 مىڭدىن كۆپرەك پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسىمى بىلەن ھەر بىر قوشۇمچىسىنى بىر مۇ بىر ئايرىۋاتىمەن، بىر قانچە پروگراممىچى بالىلار ياردەم قىلىپمۇ باقتى، لېكىن يەنىلا ئۆزەك بىلەن ھەر بىر قوشۇمچىنىڭ ئايرىلىشى توغرا چىقمىدى، ئامالسىز يەنىلا قولدا تۈگىتەي دەپ بىر ھەپتىدىن ئاشتى تېخى ئىشلەپ بولالمايۋاتىمەن، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خىيال كېلىۋاتىدۇ، مۇبادا مۇشۇ ئامبار بىلەن ئاۋۇ مەن ئىشلىتىۋاتقان 维吾尔语动词词干提取工具3000 بىرلەشكەن بولسا، ھېچ بولمىغاندا پېئىلنىڭ ئۆزىكىنى ئاپتوماتىكلا ئايرىۋېتەر ئىكەن. مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنىڭ تېمىسى «تەبىئىي تىل ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشى ھەققىدە» بولغاچقا مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرىۋاتىمەن، ھازىرچە ماقالەمنىڭ تىمىسى مۇشۇ ھەر بىر پېئىلنىڭ تۈرلىنىش شەكلىنى فورمۇلالاشتۇرۇپ چىقسام، بەلكىم مۇشۇ نەچچە مىڭ خىل تۈرلىنىش ئۇسۇلى نەچچە يۈز فورمۇلاغا يىغىنچاقلىنامدىكىن دەيمەن، ياكى بۇ ئىشىم ئارتۇقچىمىدۇ، باشقىلار ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولدىمۇ دەپمۇ ئەنسىرەپ قالىمەن بەزىدە.
سىز مەن قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئەكسىنى قىلىۋېتىپسىز، لېكىن، مەن مۇشۇ ئامبىرىم بىلەن ھەر قانداق مۇرەككەپ تۈرلىنىشتىكى پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسىمىنى تېپىپ بېرەلەيمەن، مەيلى ئاجىزلاشقان بولسۇن مەيلى ئۇ بولۇشسىز شەكىلدە كەلسۇن ۋە ياكى مۇرەككەپ زاماندا كەلسۇن. ياكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بىر كۇنۇپكا بېسىپلا، بىر تۈپ پېئىلنى 5000 دىن ئارتۇق تۈرلەپ بېرەلەيمەن.
ئەگەر قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنسىڭىز، فورمۇلاسى تېخىمۇ ئاز،50 گىمۇ بارمايدۇ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
سالام ئالىم ئەپەندىم! ئۇيغۇر نەشرياتچىلىقىدا تۈپ سۆزلەر لوغىتى يوق ئىدى. سىز بۇنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بوپسىز ئەمەسمۇ؟ «ئۇيغۇر تىلى تۈپ سۆزلەر لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلى مورفىمىلار» لوەىڭتڭ دېگەندەك كىتاپ ئىشلەپ باقسىڭىز قانداق؟
بىر چاغلاردا ئۇيغۇرچىمىزدىكى ھەرقانداق بىر تۈپ پېئىلنى 2800 نەچچە خىل تۈرلەپ چىقارغان (ھە توغرا، غەيرەت توختى ئەپەندىنىڭغۇ دەيمەن) بىر ئېلكىتابىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇنىڭغىمۇ ناھايىتى ھەيران قالغان ئىدىم. ئەمدى بۇ 5000 نەچچە خىل تۈرلىنىشكە بولغان ھەيرانلىقىمزە…
شۇنداق، غەيرەت ئاكىمىز كەنجى كوررېكتورىنىڭ بەزى سۆزلۈك ئامبىرىنى مۇشۇنداق ھاسىل قىلغان. ئەگەر كەينىگە ئۇلانما «-چۇ»، «-مۇ» قوشىدىغان بولساق، تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ
ۋاھ ھەجەپ ھاياجانلاندىم !مۇشۇ ئانا تىلمىزنىڭ
قەدىرىگە يەتمەيدىغان بايقۇشلادىن بەك نۇمۇس قىلىمەن .
(يۇزى قىزارغان چىراي ئىپادىسى)
ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بۇ قىتىم بىرىنجى قىتىم ئىنكاس يازغان ئوخشايمەن. بۇنى ئالدىنقى قىتىم شىركەتتە كۆرگەن ۋاقىتتا بەك كۆپ مەسىلىلەر كاللامغا كەلمەپتىكەن. خۇددى ئۇيغۇرتىلى ۋە شۇ تىلغا ئوخشاش بارلىق تىللار شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك ھىس قىلىپتىكەنمەن. چۈنكى بايىقى «ئاپتۇماتلاشتۇرۇش» دىگەن پىئىلنىڭ خالىغان بىر شەكىلىنى ئوقۇسام شۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك بىر جۈملىنى تاپالايدىكەنمىز. مەسىلەن مەن ئۆزۈم قەستەن ھەرپ سانى ئۇزۇنراق بولغان 5053-جى تۈرلەنگەن ‹ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن› نى تاللاپ جۈملە تۈزۈپ باقسام : مەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى سىستىمىلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تولۇق ئاپتۇماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن خەۋەر تاپتىم.
دەپ مۇشۇنداق جۈملە تۈزۈپ باقتىم . قارىسام خېلى مۇرەككەپ تۈرلەنگەن پېئىللارغىمۇ ئۇيغۇرتېىلىدىن جۈملە تۈزۈش تامامەن مۇمكىن ئىكەن دەپ ئويلىدىم. لىكىن ماتىماتكىلىق قائىدىگە سالغاندىن كىيىن تۈرلىنىپ چىققان بارلىق پىئىللارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن بىردىن جۈملە تۈزۈپ سىناپ بېقىش ئىمكانىيىتى مەن بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مىنىڭ يۇقارقى تۈزگەن بىر جۈملەمگە ئاساسەن ھەممىسى شۇنداق بولىدىكەن دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ماتىماتىكا ساھەسىنىڭ ستاتىستىكا ئىلمىدە 不完全归纳法 ۋە 完全归纳法 دەپ ئۇسۇللار بار ئىدى. (ئۇيغۇرچىغا نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئالدىراشچىلىقتا مۇشۇنداق يېزىپ تۇردۇم. بىلىدىغانلار ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.) مەن پەقەت گورۇپپىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ ھەممىنى قائىدىگە بىرمۇ-بىر تولۇق سېلىپ سىنىماستىنلا : ئۇيغۇرتىلىدىكى تۈرلىگىلى بولىدىغانلا بارلىق پىئىللارغا جۈملە تۈزۈپ تولۇق بولغان بىر ئوي پىكىرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ . دىگەن يەكۈننى چىقاردىم. باشقىلارنىىڭمۇ بۇنىڭدىن باشقا پىئىللارنى تۈرلەپ سىناپ بېقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆزى تۈزۈپ ھىس قىلىپ باققاندا ئۇيغۈرتىلىنىڭ ھەسەلدەك تاتلىق ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىغان ھالدا ھىس قىلالايدىكەن.
ئالىم مۇئەللىمدىن بىر ئىشنى مۇشۇ بلوگ ئارقىلىق سورىغاچ باشقىلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش سۇئالدىن مۇشۇ ئارقىلق جاۋاب تېپىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. ھازىرغىچە كومپىيوتىر ئارقىلىق ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز مەسىلىسى بارا-بارا ھەل بولىۋىتىپتۇ. مۇشۇ ئارقىلق جۈملىنىڭمۇ مۇقۇم قائىدىسىنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىسەك ئۇ چاغدا فورمۇلا ئارقىلىق ئۇيغۇرتىلىدىكى تۈزۈلۇش ئىھتىماللىق بار بارلىق جۈملىلەرنى گورۇپپپىلاش قائىدىسى بويىچە بىر غايەت زور ئامبار ياساپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟ ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا ئۇيغۇرسوفت چوڭ لوغىتىگە قايسى سۆزنى ئىزدىسەك شۇ سۆز ئىشلىتىلگەن بارلىق جۇملىلەرنى شۇ سۆزنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى ، ئورنى ۋە ئىشلىتىلىشگە ئاساسەن ئايرىپ تىزىلىپ كۆرسىتىلسە بۇ چاغدا بەك ياخشى ئىش بولاتتى. ( بۇنى مەن خۇددىGoogle ئىزدەش ماتورىنىڭ ئادىرىسلارنىڭ ۋە بەتلەرنىڭ ئەكسى يۆنىلىشتىكى چىكىلىش قېتىم سانىغا ئاسەسەن باش بەتتىكى تىزىلىش دەرىجىسىنى بەلگۈلىگەنگە ئوخشاش ……دىمەكچى. )
تاماملىنىدىغان ئانالىز ئۇسۇلى ۋە تاماملانمايدىغان ئانالىز ئۇسۇلى دەيمىز ئا خەنزۇچە گەپنى. مەسىلەن : «بىر چىلەك سۇنىڭ ھەر بىر قېتىمدا چىلەكتىكى سۇنىڭ ئىككىدىن بىرىنى تۆكىۋەتسە قانچە قېتىم تۆكۈش ئېلىپ بارسا بۇ چىلەكتىكى سۇ تۈگەيدۇ؟» مانا بۇ تاماملانمايدىغان ئانالىز ئۇسۇلى دېيلىدۇ.
بۇ دېتالنى ساتامسىز؟
مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ياسىغان دېتاللارنى سېتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.
مەندە بۇنداق قىزىقىشىم ئۈچۈن ئىشلەپ قويغان دېتاللار خېلە بار. لېكىن، بۇنى سېتىشنى ھازىرچە ئويلىمىدىم، قانچىلىك باھاغا يارايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن،
ئالىم مۇئەللىم، توردىن C تىلىنى چۈشۈرەي دېسەم، نەچچە خىلى باركەن،
++C
C
++Visual C
دېگەندەك، مەن قايسى خىل شەكلى، قايسى خىل نۇسخىسىنى ئىشلەتسەم مۇۋاپىق؟ دەپ بەرگەن بولسىڭىز…
Microsoft Visual Studio 2010 نىڭ ئىچىدىكى C++ نى ئىشلىتىڭ. بىزغۇ ھازىر يەنىلا 2008 نى ئىشلىتىۋاتىمىز