• 2010-10-23ئامىرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلىنغان 20 نەسىھەت - [قىزىقارلىق]

    1. مەكتەپ قىرائەتخانىسىغىلا كىرىۋالماڭ. سىزنىڭ ئىلمى ئۈنۋانىڭىز ۋە يۇقۇرى بولغان ئوتتۇرىچە نۇمۇرىڭىز (  GPA ) بولغان تەقدىردىمۇ  كەلگۈسىدىكى خىزمتىڭىز ئۈچۈن تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتكۈزگەن بولۇشىڭىز ناتايىن . ئالى مەكتەپتىكى توت يىللىق ئۇقۇش ھاياتىڭىزدا ئېرىشىدىغىنىڭىز بەقەت يۇقۇرى نۇمۇرلارلا ئەمەس بەلكى مول بولغان ھاياتلىق تەجىربىلىرى بۇلىشى كېرەك .
     
    2. ياتىقىڭىزدا تۇرۇپ سودا قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . بۇنىڭغا كىتىدىغان چىقىممۇ ئاز ، ئەگەر ياخشى توربەتلەرنى لاھىيەلىسىڭىز گوگىل ، ياخۇ تور بىكەتلىرى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ . بۇ ئەلىۋەتتە ئاشخانىلاردا قاچا يۇيغاندىن ياخشىراق . كىچىچە توردا قارتا ئوينايدىغانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، توردا تىكىشىپ قەرت ئويناش بولسا قىممار ، ھەرگىزمۇ سودا ئەمەس ، قىممار ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ .


     3.باشقىلار غا قەرىز بۇلۇپ قالماڭ ، بۇنىڭ توردا قىممار ئويناش بىلەن ئانچە بەكمۇ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ، ئەمما بەزى زور سوممىلىق قەرىزلەر توردا قىممار ئويناشتىن كىلىدۇ . بۇ سىزنىڭ ئادەتتىكى شىتاتلىق مەكتەپ ياكى داڭلىق ، ئۇقۇش پۇلى قىممەت بولغان شەخسى مەكتەپلەرنى تاللىشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە .  كۆپ قىسىم كىشىلەر ئادەتتىكى مەكتەپلەردىمۇ ياخشى بولغان تەلىم تەربىيەدىن بەھرىمەن بولغىلى بۇلىدۇ دىگەن قاراشقا قۇشۇلىدۇ . شۇڭىلاشقا قەرزى يوق بۇلۇش قەرزىدار بۇلۇپ داڭدار مەكتەپتە ئۇقۇغان دىگەن نامنى سېتىلۋالغىنىڭىزدىن ياخشىراق . 

    4.مەكتەپ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىڭ ، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ، باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى ، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۈگىنىۋالالايسىز . بۇنىڭ سىزنىڭ خىزمەت ئىزدىگەندە رىقابەتچىلىرىڭىزدىن ئۈستىن تۇرۇشىڭىزغا ،  خىزمەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىزغا  ياردىمى تىگىدۇ . ئۇقۇش ھاياتىڭىز مەكتەپ ئىچىدىلا ئۈتۈپ كەتمىسۇن .
    5.ئىجتىمايى پەن ئاسپىرانتلىقىدا ئۇقۇماڭ . ئېنگىلىز تىلى دوكتورلىقىدا ئۇقۇغانلاردىن بەشتەن بىرىلا ئونۋىرسىتلاردا مۇقىم خىزمەت تاپالايدۇ . مەكتەپ سىرتىدا ئىلمى ئۈنۋاننىڭ سىزگە ھېچقانچە پايدىسى تەگمەيدۇ ، پەقەت سىز ئىلمى ئۈنۋان ئۈچۈن جىقراق پۇل خەجلەش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىسىز خالاس ! 

    6.قانۇن ئىنستۇتىدا ئۇقۇماڭ ، گەرچە تاپىدىغان پۇلى كۆپ بولسىمۇ ، ئادۇۋكاتلار دائىم زور  بېسىم ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، ھارغىنلىق ئىچىدە ياشايدۇ ، دائىم باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىلار ئىچىدە ئادۇۋكارلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى .

    7. دائىم چېنىقىپ تۇرۇڭ . تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئونىۋېرستتىكى چاغدا چېنىقىپ تۇرىدىغانلانىڭ كىرىمى ، ئۇيقۇچان ھۇرۇنلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقۇرى ئىكەن ، سىزنىڭ تەنتەربىيە ماھىرى بۇلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، پەقەت بىرەر كوماندىغا ئەزا بۇلۇپ چېنىقىپ تۇرسىڭىزلا بۇلىدۇ .

    8. ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكىنى بۇيىچىلا ياشىماڭ ، بولمىسا «سىز بىر كۈنلەردە  ئۈزىڭىزگە تەللۇق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزدىن ئايرىلپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز ».

    9. ئۈزىڭىز ئانچە ماھىر بولمىغان يېڭى ئىشلارنى قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ . ئىش قىلغاندا نەتىجە قازىنىشنىلا ئويلىماي خۇشاللىققا ئېرىشىشنىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ !

     10.  مۇۋاپىقىيەتكە قارىتا ئۆزىڭىزگە خاس قارىشىڭىز بولسۇن ، پۇل ، نام - ئاتاقلار بىلەن مۇۋاپىقىيەتنى ئۆلچىمەڭ .

      11. سىز ئەڭ ياخشى دەپ ئويلىغان خىزمەتنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىڭ ، ئەلىۋەتتە ياخشى خىزمەتلەر سىزنى ساقلاپ تۇرغان بۇلۇشى ناتايىن ، ئەلۋەتتە پىلانلىق ، مەقسەتلىك ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتپ قولغا كەلتۈرىشىڭىز  كېرەك .

     12.  بەخىت ھەققىدىكى دەرسلەرنى ئۈگىنىشكە قاتنىشىڭ ، قانداق بەخىتلىك (خۇشال بۇلۇش )  بۇلۇش ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى قىزىق نوقتا دەرىسلىكلىرىنىڭ بىرى .

    13.  رول ئېلىشنىمۇ ئۈگىنىپ قۇيۇڭ .ئەڭ ياخشىرولچىلار ئالغان رولى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئەلۋەتتە سىزمۇتۇرمۇشتا  ھەرخىل روللارنى ئالىسىز ،ھەرخىل روللارنى  ئويناشقا مەجبۇر بۇلىسىز ، شۇڭا بۇنى بالدۇر ئۈگىنىپ قويغىنىڭىزنىڭزنىڭ زىيىنى يوق .

     14. باشقىلارنى ماختاشنى ، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . ئەمما جايىدا ماختاڭ ، قۇرۇق سۆزلەرنى ئىشلەتمەي ، ئەمەلىي ئىشىنى ماختاڭ ، ھەقىقى بولسۇن .

     15.  كەسپى مەسلىھەت ئېلىڭ .  كەسپى مەسلىھەت بىرىش ئورنىدىكى مۇتىخەسسلەر سىزگە خىزمەت تېپىش ، سىزنىڭ قانداق خىزمەت قىلىشقا ماس كىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ناھايىتى ياخشى مەسلىھەتلەرنى بىرەلەيدۇ .

     16. بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ سىزنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىدىن كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئۆزىڭىز گە ئىشەنچىڭىزبولسۇن . ئۆزلۈك ئېڭىڭىز كۈچلۈك بولسۇن ، باشقىلارنىڭ نەزىرى بىلەن ئۆزىڭىزنى باھالىماڭ .

    17. مەكتەپ ئالماشقان ئۇقۇغۇچى سالاھىيتى بىلەن خارۋارد ئونۋېىرسىتىغا ئىلتىماس سۇنۇڭ . كىشىلەر دائىم داڭلىق ئونۋىرسىتلاردا ئۇقۇغانلار چۇقۇم زور مۇۋاپىقىيەت قازىنىدۇ دەپ قارايدۇ ، بىراق ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ رەت قىلىنىشقا ئۇچۇرغان ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئاشۇ مۇناۋەر ئۇقۇتقۇچىلاردىن  ناچار ئەمەس . سىزدە چۇقۇم ئاشۇ مۇناۋەر ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشاش يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە قاپ يۈرەكلىك بۇلۇشى كېرەك .

    18.ھەممە ئىشنى مۇكەممەل قىلىمەن دەپ يۈرمەڭ ، بۇنداقتا ئۆزىڭىزگە زور بېسىم چۈشۈرىۋېلىپ تۇرمۇشتىن بەھىر ئالالمايسىز .مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ئونۋىرستتىكى ۋاقتىڭىزدا مەدھىيلەنگەن بىلەن ، بىراق ئۇ كىيىنچە سىزنى ئۆزخىزمىتىدىن رازى بولمايدىغان ، ھارغىن كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ .

    19.  ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ  ئالى مەكتەپ ئۇقۇشىنى تاماملاڭ .سىرتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ تەجىربە توپلاڭ . بۇ سىزنىڭ كىيىنچە خىزمەت تېپىشىڭىز ، خىزمەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىش ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار .

    20. ھەممە ئىشىڭىزنى پىلانلىق قىلىڭ . پەقەت پىلان بولغاندىلا ئاندىن كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يىتەلەيسىز.


    收藏到:Del.icio.us