ئۆز خەۋىرىمىز : ئۈرۈمچى چەتئەل تىللىرى مەكتىپى 19- ئۆكتەبىردىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا تولۇق 1- يىللىق ئوقۇغۇچىسى 16 ياشلىق قىزچاق ياشىن «ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن» دەپ تەقدىرلەندى،5- ئۆكتەبىر سائەت 10:00 لاردا ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىدىن قايتىۋاتقاندا، ئىككى ئىتنىڭ بىر كىچىك ئوغۇل بالىنى تالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ، قىزچاق قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئېتلىپ بېرىپ بالىنى قۇتقۇزغان. ياشىن :« ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتتا مەن بالىنى قۇتقۇزىۋالمىغان بولسام ، ئۇ جېنىدىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى.ياشىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھېچنېمىنى ئويلاشمايلا يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر ئىتنى ئۇرۇپ ،تەپكەن. بىراق ئىت ئۇرغانسىرى قاتتىق چىشلىگەن .بۇ ئىككى ئىت بالابىلەن قىزچاقنى تالىغان. قىزچاق بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنى ئىتنىڭ تالىۋىتىشىدىن ساقلىغان. كېيىن بىر چوڭ ئادەم كىلىپ ئىتنى قوغلىۋەتكەن. مۇخبىر تۆشۈكتام ‹ساڭفاڭگو›3- ئەترىتىگە كېلىپ بۇيەردىكى كوچا كويلاردا يوغان ئىتلارنىڭ جىقلىقىنى بايقىغان، بۇ جايدىكى بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھويلا - ئاراملىرىنى يوغان ئىتلارغا قاراتقۇزغان مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گوشىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىت بار ئىكەن. مەكتەپمۇ بۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇدىغان ئوقۇغۇچىلارغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرگەن ئىكەن .ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ توغرىسىدا قانۇن - تۈزۈم چىقىرىپ ، ئىت بېقىشنى تەرتىپكە سېلىشىنى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.