-
2010-10-30 يۇسۇپ (ئەلەيھىسسالام)نىي ئەسلەش - [قىزىقارلىق]
يۇسۇپ (ئەلەيھىسسالام)نىي ئەسلەش
يۇسۇفنى ئەسلەش
يۇسۇف تىكىلمەكتە قېرىنداشلىرىغاسۆيگۈنىڭ ئىمكانلىرىدا .سەبرنىڭ ئېتەكلىرىدە
قاخشال بولغان سەبىيلىكئۇندا كۆكلىگەن كىشىلەر
تاشلىۋەتتى يۇسۇفنى ساداقەتنىڭ قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇقىغا،
ئەقىدەسىزلىكتىن شور باسقان جەزىرىگە،قاراڭغۇ بازاردىكى تۆت تال تەڭگىگە. 2
يۇسۇفنىڭ چېھرىدە چىقسا قۇياش
ئويغىنار جانلىقلار سۆيگۈ ۋەسلىدە،
زۇلمەتلىك ئۇيقۇدىن-
رېئاللىقنىڭ ئۇيقۇسىدىن، ئۇنتۇلغان دۇنيانى كۆرگەندەك ئالدىدا، ئۇنۇتقان بىرسىنى سۆيگەندەك قايتازۇلەيخا
ئوخشامدىكىن كېچ ئاسمىنىدىكى ئايغا،يۇلتۇزغاياكى ھەۋەس ئوتىدا يانغان
قىپقىزىل ئوتقا،
ئىشىق چۆلىدە خار بولغان
ماكانسىز توزانغا. يۇسۇف سۆيگۈ ئىزلەپ كىردى زىندانغا
سەبرنى يېپىنچاقلاپ غېرىب قەلبىگە. ,
قاچماقتا ئىنسانلار بۈگۈن نەپسىگە
يۈرەكسىز ياشاشقا رازى ئۇلار يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىغانلارغا ئوخشاش
ئۆز نەپسى راھەت تاپسىلنادانلىقتىن قارايغان مېڭە زىندانلىرىغا قامىلىشقا.
يۇسۇف كۆردى چۈشىدىن ئۆز ھاياتىنىڭ ئەينىنى ئۇ چۈش كۆردى، ئۇ رېئاللىقىنى كۆردى. كىشىلەر ئۇخلىماقتا ئۇنۇتقان تەۋبىنىڭ ئورنىدا. >
يۇسۇف كەچۈردى تەۋبىگە بوغۇلغان قېرىنداشلىرىنى.
زامان ئۇنۇتماقتا بۇ كىشىلەرنى
يوقاتقان چۈشلىرى ئەسلىمەكتە بۇ كىشىلەرنى.
يۇسۇف تىكىلمەكتە بىزلەرگە
سالام يوللىغان بىر بۈيۈك زاتنىڭ ئۈممىتىگە،
نەفسى ئۈچۈن 0سەبىرنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن،
ھايا پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغان،
گۈزەل چۈشنىڭ ماكانى بولغان يۈرىكىسىز ياشاشقا رازى بولغان، ئۇنۇتقان ۋە ئۇنتۇلغان بۈگۈنكى كىشىلەرگە.
يۇسۇف يىغلىدى چەكسىز بىر سۆيگۈگە قۇللىقىدا
ۋاقىتنى ئېرىتتى ئۇنىڭ ياشلىرى
زۇلەيخا ياشاردى تەۋبە بىلەن چەكسىز كەتكەن ۋاقىتنىڭ پايانىدا...
كەل! تەۋبە قىلايلى ئى، ئەبدۇللاھنىڭ ئوغۇللىرى
تامسۇن ۋوجۇدىمىزدىن چىن ئىخلاس بىلەن ئاللاھ يولىدا سۆيۈملۈك ئىككى تامچه .
siz koriwatkan butemining asli manbasi ئۇيغۇر QQ مۇنبىرى http://www.uyghurqq.com/bbs,asli adersi:http://www.uyghurqq.com/bbs/read.php?tid=10273
收藏到:Del.icio.us