• 2010-10-30ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قارىسا ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن - [قىزىقارلىق]

    ئەرلەرنىڭ گۈزەل قىزلارغا قارىشى ئۇلارنىڭ تۇغما ئىنكاسى بولۇشىدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر پايدىلىق تەرىپى بار. ئەنگىلىيە مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئەرلەر كۈندە نەچچە مىنۇت گۈزەل قىزلارغا قارىسا ئۆمرى 4-5 يىلغىچە ئۇزۇن بولىدىكەن.

    ئەنگىلىيە مەلۇم تەتقىقات ئورنى 5 يىل سەرىپ قىلىپ 200 نەپەر ئەرگە سىناق ئېلىپ بارغان. بۇلار كۈندە گۈزەل قىزلارغا قاراپ بەرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قان بىسىمى تۆۋەنلەپ، تومۇر سوقىشى نىسبەتەن ئاستا بولغان، بۇنداق بولغاندا ئۆمرىنى 4-5 يىلغىچە ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. ئەرلەر ئەدەپ بىلەن چىرايلىق قىزلارغا قاراپ بەرسە، يەنى كۈندە 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرسا، ئۇ خۇددى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاندەك ھىس قىلىپ،30مىنۇت تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىدىكەن.

    گەرچە ئەرلەر تۇيۇقىسىز گۈزەل بىر قىزنى ئۇچىرىتىپ قالسا جىددىلىشىپ، يۈزلىرى قىزىرىپ پۇت قوللىرى كالاڭلىشىپ كەتسىمۇ، لىكىن بۇ خىل ھالەت داۋاملاشسا تەبىئى ھالدا كەيپىيات ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇراقلىشىدىكەن.  ھەم ھەرخىل يۈەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئەسلى ماقالە مەنبەسى:ئۇيغۇرشاھ بىلوگى

     بۇ ماقالە كۆلتېكىن بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://koltekin.blogbus.com/logs/66768026.html

     


    收藏到:Del.icio.us