-
2010-11-30جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس
شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنى ئۆلچىشى ئەتتى مىنى مەس ،
مەسلىكتە دەۋالاي لىكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
ئالەمنىڭ ئابادى دىھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى كېچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى تاقتى پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ مۆمىن بەك ياۋاش ساددا مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم ،
دەر ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم،
تەقدىردە ئىتىزدىن ئىلىنمىش لاھىم ،
رىسىقمنى ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قويۇن،
توت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئويۇن،
قىشتا سوغ يازدا ئوت باھاردا قۇيۇن،
گاھ كەلكۇن گاھ تومۇ قىسقۇزار بويۇن ،
دەر قىسمەت جاپاغا خام كىكىر تويۇن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
قاراشلىق كارى با ئۇنىڭ بىشىغا ،
يۇگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا بىشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئىتىز ئىشىغا،
قورۇقلا ماس كەلمەس ھەرگىز يىشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكات تەر دەردىن تەرلەيدۇ چاپان،
كۆيىدۇ چوققىسى كۆيىدۇ تاپان ،
چاك-چاك يىرىلىپ قانايدۇ ئالقان،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەمەس چوقان ،
جاھاندە ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس .
كىرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىن تەۋرىشى،
ئىتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشىى،
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى قوينىڭ مەرىشى،
يىل بويى ئۆكسىمەي پىشىپ پەرۋىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
كىتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نىمى،
مىنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتىنىڭ كىمى،
ئۇششىيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خىمى،
تۇرسا سىرىت ئالۋىڭىز ئۆزىنىڭ غىمى،
تالجىقسا ھىرىقسا كىسىلىپ دىمى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
كىلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش،
دىھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش،
ئوي پىكرى ھىيىت ئەمەس ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كىرسە كۆپرەك ئاش،
مەشرىبى ماتىمى خاماندا ئاتاش ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندا تەلەيلىك كىشى،
توشمايدۇ بىر ئۆمۇر پىنسىيگە يىشى،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۈزۈلمەس ئىشى ،
يوق مائاش دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى،
ئايدا ساق ئوتتۇز كۈن ئىشىلەر ياز قىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
چوڭ كىچىك شىنچىلەر يوقلىماس ئۇنى ،
تۇئەنجامۇ شۇئەنجامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۇ تەگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۇتى باش،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش ئوتياش،
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش،
ئۇ بولغاچ مەرت ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
مەن سەن ئۇ سەھرالىق يىزىدىن ئەسىلى،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى ،
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەق ۋەسلى ،
قەدرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسىلى،
يەسلىگە سوزمىسۇن قول ئياز پەسلى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك،
ساغقانچە بىلىنەر سۇتى چالىدەك،
ئۆزىلا ئاق دىھقان كۆڭلى ئالىدەك،
مۇڭلانسا تۇيۇلار تۆھمەت يالىدەك،
رىسىقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
بەزىلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سولىشىپ،
يىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ،
سەھنىدە تۇزۇشۇپ توختام قوللىشىپ،
قاتلىنپ ئاچتى دەپ دوكلات يوللىشىپ،
مۇكاپات ئىلىشتى تۆرنى گوللىشىپ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئەللىك كۈن تۇرۇغلۇق تۆھپە ئەمگكى،
يىل بويى ئىشلەتتى ھاشار بەگلىگى،
رەت قىلسا تۆلەم بار قالتىس دەللىكى،
ئەرىز قىلسا چاپىندا قالار تەنلىگى،
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىگى ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر يىلىگى،
يوقىرغا ئاڭلىنار ئەرزى تىلىگى،
ھال سوراپ كىلىشەر خىزمەت ئۆمىگى،
يىتەمدۇ يىلغا دەپ ئوزۇق يىمىگى ،
بارى-با نە ھاجەت ئۇ-بۇ دىمىگى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.
ساق تۇرۇپ ئىككى قول ئىككى پۇتىمىز ،
دەپ تۇرۇپ پايدىلىق پەيتىنى تۇتىمىز ،
تۇتقانچە بوشىشىپ ھەسرەت يۇتىمىز،
كىملەنىڭ كەينىدىن نابۇت قۇتىمىز،
قاچانمۇ ئۇتۇلماي يىڭىپ ئۇتىمىز،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.مەنبەسى: بىلىملىكلەر بىلوگى
历史上的今天:
mtv گەپ بولۇپتۇ 2010-11-30ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى 2010-11-30روسيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى 2010-11-30
收藏到:Del.icio.us