تەيۋەننىڭ «بىرلەشمە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەندە «پۇلدار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر لالما ئىت بار بولۇپ، كىيىن ئۇنى بىرى بېقىۋېلىپ سەۋرىچانلىق بىلەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەتكەن، بۇ رەسىم سىزىشنى ناھايىتى تىزلا ئۆگىنىۋالغان.خەۋەردە دىيىلىشىچە ئۇ سىزغان رەسىملەرنىڭ بىرىنى 2000 يۈەنگە ساتقىلى بولىدىكەن، ئىتنى بېقىۋالغۇچى بۇ پۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشقا لالما ئىتلارغا ئىئانە قىلغان. توققۇز ياشلىق بۇ «پۇلدار» ئىگىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەسىم قەلىمىنى ئېغىزى بىلەن چىشلەپ تۇرۇپ، قەغەزگە مەۋھۇملۈك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان رەسىمنى سىزىپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە پۇتى بىلەن رەسىمنىڭ ئۈستىگە «تامغا»سىنى بېسىپ قويغان.