-
2011年06月09日
دەججال بىلەن تۇنۇشۇپ قۇيۇڭ(ھەمزە)
دەججال ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ پىتنىدىن ئىبارەت بىر مەخلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندىن باشلاپ قىيامەت قايىم بولغىچە ئارىلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت دەججالنىڭ چىقىشىدۇر.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
دەججال ئىنسان پۇشتىدىن بولغان بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئاخىر زامان بولغاندا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىلىقىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنى ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىققاندا، دەسلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىكنى، ئاندىن ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، سۆزىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاسمانغا بۇيرۇق قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زېمىنغا بۇيرۇق قىلىپ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا سۇ ۋە ئوت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتى سوغۇق سۇدۇر، سۈيى ئوتتۇر. ھەر بىر مۆمىن ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھقا سىغىنىپ ئۇنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلىشى، ۋاقىت يار بەرسە سۈرە كەھفنىڭ باش تەرىپىنى ئوقۇشى، ئۇنىڭ پىتنىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مۆمىن ھېسابلايدىغان ئادەم ئۇنىڭ قېشىغا كەلسە، ئۇ قوزغىغان شۈبھىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان