DSB بولسا شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىكى پاركور(Parkour) يۈگۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر توپ ئۇيغۇر ئوغۇللىرى تەشكىللىگەن ئىشتىن سىرتقى پاركور گۇرۇپپىسى. تۆت يىل بۇرۇن تېخى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇسالام مەقسەتسىزلا توردىن پاركور يۈگۈرۈشكە ئائىت ۋېدىونى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە پاركور ئۇستىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەتلىرى ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى بىرلىكتە DSB پاركور گۇرۇپپىسىنى قۇرىدۇ.

«قەشقەردە ئەڭ ئاۋال بىز بىر نەچچە بالىدىن باشقا پاركور ئوينايدىغانلار يوق ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ مەشىق قىلغىنىمىزنى كۆرۈپ پاركورنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە بىزگە ئەگىشىپ ئويناشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى قىرىق نەچچە كىشىلىك پاركور ئەترىتىگە ئايلاندۇق!» دېدى ئابدۇسالام.

يېرىم ئاي بۇرۇن ئاياغلاشقان قىزىل كالا پاركور مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقە DSB گۇرۇپپىسىنىڭ ئەلگە تونۇلۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر قاتارىدا DSB يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بىراق ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇنىڭغا قانائەت قىلمىغان ئىدى. ھازىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، ئابدۇسالام، قەيسەرجان ۋە ھەبىبۇللا قاتارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرى قەشقەردە مەشىقنى باشلىۋەتتى. مەشىق دەرىجىسىنىمۇ ئادەتتىكى بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بىر كۈندە بىر قېتىمغا ئۆزگەرتتى.

باغچىدىن خەلق مەيدانىغا يەنە كونا شەھەرگىچە، ئۇلار ئوخشىمىغان شارائىتتا ۋە مەيداندا مەشىق قىلىپ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى مول قىلماقتا. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا--دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش.

مەشىق قىلىۋاتقان DSB پاركور ماھىرى.






روسىيە ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەر
ئاجايىپ ئېلېكترونلۇق دەرەخ: توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، WiFi بار
قەشقەر كونا شەھەردىكى ئۇچقۇر ئۇيغۇر بالىلار
‹‹ بەش يۇلتۇزلۇق ›› ئايروپىلان
ھاراق ئۈچۈن ياسالغان 3D لىق مۇز ھەيكەل
ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ كىچىك پۇتبول مەستانىسى
يۇيمىسىمۇ بولىدىغان تەخسە
ھورۇنلار كارۋىتى
نۇر چاچالايدىغان ئۆسۈملۈك
ئەڭ قىممەت ۋېلىسپىت
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
پولات ئەلەمدارنىڭ ئوغلى ئەلى نادىر شاشمازنىڭ رەسىمى ئاشكارلاندى
«سېھىرىلىك قارا ئورمانلىق» ناملىق فىلىم لوندوندا تۇنجى قويۇلدى
سوفى ماغسونىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى
ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى
2015-يىلى قويۇلىدىغان قالتىس بوللىۋود فىلىملىرىغا نەزەر
پۈتۈن دۇنيا كىنوچىلىقىدا قانچە [-ۋود]بار؟
جۇڭگودىكى سېمىز ئون ئايال چولپانغا نەزەر
ئالتۇن شار مۇكاپاتى 12-يانۋار تارقىتىلىدۇ
«ئادانالىق» تىكى مىرزى ئەلىنىڭ رولىنى ئالغان مەھمەتنىڭ قىز دوستى