• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئاجايىپ ئېلېكترونلۇق دەرەخ: توك قاچىلىغىلى بولىدۇ، WiFi بار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-11 13:07:57
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    ECzئاقيول تور بىكىتى

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەقلىي يانفون دەۋرىدە، كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى چوڭ بولسا ئىش يانفوندا توكنىڭ تۈگەي دەپ قېلىشى ھەمدە قەيەردە ھەقسىز WiFi نىڭ بارلىقىدۇر. يېقىندا، ئىسرائىلىيەنىڭScologic لاھىيەلەش شىركىتى بىر خىل «ئېلېكترونلۇق دەرەخ» (e-Tree، ئەمەلىيەتتە ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما) لاھىيەلەپ چىقتى، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ يانفونغا توك قاچىلايدۇ، Wi-Fi توچكىسى بار، كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ دەرەخنىڭ يەنە سۇنى ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى بولۇپ، ھايۋاناتلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

     ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان پەن-تېخنىكا كەسپلىرى بار، گۇگۇل (مىكرو بىلوگ) قاتارلىق كىرىمنىي ماگناتلىرى ئىسرائىلىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تارماق ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيە يەنە سۇ كەمچىل دۆلەت، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق يېزا ئېكولوگىيە تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ «ئېلېكترونلۇق دەرەخ» ئىسرائىلىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە تەبىئەت ئېكولوگىيەسى ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى مۇجەسسەملىگەن، لايىھىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە.

    سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، ئېلېكترونلۇق دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 4.6 مېتىر، ئوتتۇرا شەرق قۇرغاق رايونىدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەرەب يېلىم دەرىخىگە ئوخشىتىلغان، بۇ خىل دەرەخ ئىسرائىلىيەنىڭ نەگەف قۇملىقىغىمۇ كەڭ تارقالغان.

    ھەر بىر تۈپ دەرەخنىڭ يەتتە چوڭ «يوپۇرمىقى» بار، ھەر بىر يوپۇرماق ئەمەلىيەتتە بىر قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارىيە تاختىسى، ئۇ ئىشلەپچىقارغان توكنى ئەقلىي يانفونغا توك قاچىلاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قۇرۇلمىغا يەنە Wi-Fi توچكىسى سەپلەنگەن، يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر تېز سۈرئەتلىك تورغا چىقالايدۇ.

       ھەر بىر قۇياش ئېنېرگىيە باتارىيە تاختىسى نەپس لايىھەلەنگەن، كېچىدە ھاۋادىكى سۇ تەركىبلىرىنى ئۇيۇتالايدۇ، سۇلار ئاستىدىكى قاچىغا يىغىلىپ، ھايۋان، چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە تەمىنلىنىدۇ.
       بۇ «ئېلېكترونلۇق دەرەخ»نى مايكول ناسري (MichaelNasry) لايىھەلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:«بۇ بىر ھەرىكەتچان ھەيكەل، كۆپلىگەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلەيدۇ، بىز پەقەت ئىككى ئاساسلىق تىرەككە موھتاج، بارلىق قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسىنى تىرەپ تۇرالايدۇ، بىز يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدە كۆپ خىل ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
        ناسرىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئېلېكترونلۇق دەرەخنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشال بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ زادى لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەپچىل لايىھىسىدىن ھەيران قالغانلىقى ياكى «دەل-دەرەخ» نىڭ كۆرۈمسىز سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان.

    ناسرىي ئىشلەۋاتقان Scologic شىركىتى نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەدە بۇنداق ئېلېكترونلۇق دەرەختىن ئىككى تۈپنى ئورناتتى، يېقىندا يەنە فرانسىيە پارىژدىكى نىستا بىرنى ئورنىتىشنى پىلانلىغان.

    ئەمەلىيەتتە، ئەقلىي يانفونغا توك قاچىلاش ۋە Wi-Fi توچكىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يېڭىچە مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مەسىلەن كانادانىڭ يازغۇچىسى دوگلاس كوپلاند (Douglas Coupland) يېڭى ئۇقۇمدىكى بىر ئېلېكتر خادىسى لايىھەلىدى، Wi-Fi توچكىسى بولالايدۇ، ئېلېكتر ماشىنىلارغا توك قاچىلىيالايدۇ، يەنە مەھەللە ئاممىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىسى بولالايدۇ.ECzئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز