جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 15-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گرېنۋىچ ۋاقتى 13-يانۋار سەھەر سائەت 4:24 دە قۇياشتا 2015-يىللىق تۇنجى ئوتتۇرا دەرىجىلىك يورۇپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، بىراق ئۇنىڭ ۋاقتى قىسقا بولغاچقا يەر شارىغا تەسىرى بولمىغان.
ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) قۇياش دىنامىكىسى رەسەتخانىسى بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ ھادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى 5.6 ئوتتۇرا دەرىجە بولۇپ، قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە مىقدارى نەچچە تىرىليون توننا ۋودورود بومبىسىنى پارتلاتقانغا باراۋەر كېلىدىكەن. قۇياشنىڭ تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ھادىسىسى بىر خىل كۈچلۈك قۇياش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش دەۋرىيلىكى 11 يىل ئىكەن. تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىشنىڭ پەيدا بولۇشى ماگنىت مەيدانى ئېنېرگىيەسىنىڭ تېزلىكتە قۇيۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ماگنىت مەيدانى قۇياش داغلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەرىكەت رايونىغا جايلاشقان. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 10- ۋە 11-كۈنى قۇياشتا ئۈچ قېتىم X دەرىجىلىك تۇيۇقسىز يورۇپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق سىمسىز ئالاقە سىگنالى قىسقا مۇددەتلىك ئۈزۈلۈپ قالغان.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئاۋسترالىيەدە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى سېلىندى
ئەنگلىيەدە بىر ئەر بېشىغا پۇرچاقنىڭ سۈرىتىنى چېكىش ئارقىلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىدى
تۈركىيە قەدىمىي شەھىرى سېلچۇكتا تۆگىلەرنىڭ گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
جېڭجۇدىكى غايەت زور ياۋا مېھرىگىياھ
كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يەتتى
ئەنگلىيەلىك گۈزەل ئايال ئوفېتسىر ئەسلىدە ئەر كىشى ئىكەن
ئامېرىكىلىق ئەر ھورداقخانىدا كۆيۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ تاپقان بالا
ئىتالىيەدە بىر ئايال موناخ پەرزەنتلىك بولدى
ھىجاراپ ئولتۇرۇشنى كەسىپ قىلماقچى بولغان ئەر