خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 14-يانۋار خەۋەرقىلىشىچە ، ئاۋسترالىيەنىڭ كانبېررادىكى دۆلەت دەرىجىلىك ھايۋاناتلار باغچىسى بىلەن سۇ جانلىقلىرى سارىيى ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان جامالا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى موشۇ ھەپتە تىجارەت باشلىغان بولۇپ ، ساياھەتچىلەر كۆركەم ، ئازادە ياتاق شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېيىق بىلەن يۇيۇنۇپ ، كەچلىك تاماقتا شىر بىلەن غىزالانغان ، يەنە تېخى ياتاق ئۆينىڭ بالكونىدا تۇرۇپ زىراپىگە يەم بەرگەن .
بۇمېھمانخانىدا جەمئىي 18 يۈرۈش ياتاق بار بولۇپ ،زىراپىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۆيى ، ئورمان داچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ، بۇ ياتاقلاردا ساياھەتچىلەر ياۋايى ھايۋاناتلارغا يېقىنلىشالايدىكەن . زىراپىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۆيى قورشاۋ تام ئەتراپىغا ياسالغان ، ئورمان داچىسىدىكى ھەشەمەتلىك شەخسىي يۈرۈشلۈك ياتاقلار شىر ، قاپلان ، قوڭۇر ئېيىق رايونى بىلەن قوشنا ئىكەن .مېھمانخانا خوجايىنى رىچاد تىندالې مۇنداق دېگەن : ساياھەتچىلەر مەيلى قەيەرگە بارسۇن ، ھەممىلا يەردە ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ .
ئۇ مۇنداق دېگەن : بىر ياتاقتا ھەتتا لەھەڭ كۆلچىكى بىلەن تۇتىشىدىغان كىچىك پىرىستانمۇ بار. شۇڭا بۇ ياتاقتا تۇرغانلار لەھەڭنىڭ بېشىنى سۈرەتكە تارتىۋالالايدۇ . ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن بۇنداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ساياھەتچىلەرنىڭ دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋاناتلار تۈرلىرىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بۇ مېھمانخانا ناھايىتى ياخشى، ھايۋاناتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بوشلۇققا ئىگە بولىدۇ ؛ ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ ؛ ساياھەتچىلىك كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، يەرلىك تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئىگە بولىدۇ . ئاۋسترالىيە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جوناسونكوبۇسمۇ يۇقىرىقى نۇقتىلارنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، جامالا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى ئېرىشكەن مەبلەغ ياۋايى ھايۋاناتلار نەسلىنى كۆپەيتىش تۈرىگە ئىشىلتىلىدىكەن .
ئاۋسترالىيەدە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى سېلىندى
ئەنگلىيەدە بىر ئەر بېشىغا پۇرچاقنىڭ سۈرىتىنى چېكىش ئارقىلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىدى
تۈركىيە قەدىمىي شەھىرى سېلچۇكتا تۆگىلەرنىڭ گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
جېڭجۇدىكى غايەت زور ياۋا مېھرىگىياھ
كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يەتتى
ئەنگلىيەلىك گۈزەل ئايال ئوفېتسىر ئەسلىدە ئەر كىشى ئىكەن
ئامېرىكىلىق ئەر ھورداقخانىدا كۆيۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ تاپقان بالا
ئىتالىيەدە بىر ئايال موناخ پەرزەنتلىك بولدى
ھىجاراپ ئولتۇرۇشنى كەسىپ قىلماقچى بولغان ئەر