• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ‹‹ ئۇچار ›› بېلىق

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 20:43:16
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
     

        ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك ›› گېزىتىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بىر فوتوگراف مېكسىكىدىكى پۇلمو ئەنژېل دۆلەت باغچىسىدا نەچچە مىڭلىغان ئالۋاستى بېلىقنىڭ سۇ يۈزىدىن ئاسمانغا ئۈچ مېتىرچە ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قولىدىكى ئاپپارات بىلەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.O2dئاقيول تور بىكىتى

        ئىگىلىنىشىچە، بۇ فوتوگرافنىڭ ئىسمى ئوكتاۋىئو ئابۇئارتو بولۇپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سېكلىپۇس دېڭىز تەتقىقات ئورنىدا ياردەمچە پروفېسسور خىزمىتىنى ئۆتەيدىكەن. ئوكتاۋىئو بۇ ئالۋاستى بېلىقلارنىڭ ئاسمانغا قاراپ ‹‹ ئۇچۇش›› ىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ : ئەتىگەن سەھەر ئويغانغىنىڭىزدا قۇلىقىڭىزغا ھەرخىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ، سىرتقا چىقىپ قارىغىنىڭىزدا، بۇ خىل ‹‹ ئۇچار بېلىق ›› لارنىڭ ئاسماندا ‹‹ ئۇچۇپ ›› يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز، بەزىدە ئۇلار بەك ئېگىز ئۇچۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇدۇل كېلىپ بىزنىڭ پالۇباغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسل سېرىك ئويۇنلىرىغا ئوخشايدۇ، مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھىسابلىنىدۇ، دېگەن. O2dئاقيول تور بىكىتى

     
     
     
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى غەلىتە ئىشلار