كىچىك جۇئانانىڭ سېمىزلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئاپىسى مۇنداق دېگەن: ‹‹ كىچىك جۇئانا يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارانلا ئالتە قاداق (يەنە تەخمىنەن 5.4 جىڭغا باراۋەر) بولۇپ ، ناھايىتى ئورۇق ھەم كىچىك ئىدى . لېكىن ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىدى ، ھازىر ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاللىقاچان 44 قاداق (يەنە تەخمىنەن 40 جىڭغا باراۋەر) قا يەتتى .
كىچىك جۇنائانىڭ ئاپىسى مۇخبىرغا: دەسلەپتە ئۆزىنىڭ قىزىدىكى بۇ خىل سېمىزلىكنىڭ بەلكىم پاتولوگىيەلىك سېمىزلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكى، لېكىن ئۆزى ئىشسىز بولغاچقا، قىزىنى داۋالىتىشقا پۇلى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . بەختكە يارىشا، كىچىك جۇئانانىڭ سېمىزلىك ئەھۋالى كولۇمبىيەدىكى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى __ ‹‹ يېقىملىق يۈرەك ›› فوندى جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . بۇ ئورگان كىچىك جۇئاناغا ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكور فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى سالۋادو : كىچىك جۇئانادا سېمىزلىك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس، بۇ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا كولۇمبىيەدە كۆرۈلگەن سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3-بوۋاق ، دېگەن.ئۆتكەن يىلى مەزكۇر خەير-ساخاۋەت ئورگىنى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى بوۋاقنى داۋالاپ ساقايتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يىغىندىسى 80 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن .
ئاۋسترالىيەدە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى سېلىندى
ئەنگلىيەدە بىر ئەر بېشىغا پۇرچاقنىڭ سۈرىتىنى چېكىش ئارقىلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىدى
تۈركىيە قەدىمىي شەھىرى سېلچۇكتا تۆگىلەرنىڭ گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
جېڭجۇدىكى غايەت زور ياۋا مېھرىگىياھ
كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يەتتى
ئەنگلىيەلىك گۈزەل ئايال ئوفېتسىر ئەسلىدە ئەر كىشى ئىكەن
ئامېرىكىلىق ئەر ھورداقخانىدا كۆيۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ تاپقان بالا
ئىتالىيەدە بىر ئايال موناخ پەرزەنتلىك بولدى