33-نۆۋەتلىك تۆگە چېلىشىش بايرىمى شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار تۈركىيەنىڭ سېلچۇكتا باشلانغان. چاناك كالې، بودرۇم ۋە ئىزمىر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 140 نەچچە تۆگە بۇ قېتىملىق كاتتا مەرىكىگە قاتناشتۇرۇلغان.
بايرام مەزگىلىدە تەشكىللەش ھەيئىتى تۆگىلەر گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. ناھايىتى ئېگىز نار تۆگىلەرگە رەڭلىك شايىلار ئارتىلىپ، بوينىغا قوڭغۇراقلار ئېسىلغان. تۆگە ئىگىلىرى تۆگىلىرىگە قەھرىمانلار ياكى چولپانلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇپ قويغان.
مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ‹‹ماھىر›› لارنى ئىگىلىرى يىتىلەپ، شەھەر ئاساسىي لىنىيەسىنى بىر ئايلاندۇرغان. بۇ مەزگىلدە تۈركىيە ئەنئەنىۋى خەلق كۈيلىرى سەنئەتكارلىرى يول بويى ساز چىلىپ، ناخشا ئېيتىپ ماڭغان. باھالىغۇچىلار تۆگىنىڭ گەۋدىسى، كۆندۈرۈلۈش دەرىجىسى ۋە ئۈستىگە ئارتىلغان بېزەكلەرگە ئاساسەن ‹‹ئەڭ گۈزەل›› تۆگىنى تاللاپ چىققان.
ئاخىرىدا ‹‹مۇستى›› ئىسىملىك تۆگە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ‹‹ئەڭ گۈزەل تۆگە›› بولۇپ باھالانغان، سېلچۇك شەھىرىنىڭ باشلىقى ئۆز قولى بىلەن بۇ تۆگىگە غەلىبىگە سىمۋول قىلىنغان ‹‹ئالتۇن قوڭغۇراق›› نى ئېسىپ قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تۆگە چېلىشىش بايرىمى مەزگىلىدە يەنە تۆگە سوقۇشتۇرۇش ۋە ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئاۋسترالىيەدە ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياۋايى ھايۋاناتلار مېھمانخانىسى سېلىندى
ئەنگلىيەدە بىر ئەر بېشىغا پۇرچاقنىڭ سۈرىتىنى چېكىش ئارقىلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىدى
تۈركىيە قەدىمىي شەھىرى سېلچۇكتا تۆگىلەرنىڭ گۈزەللىك تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
جېڭجۇدىكى غايەت زور ياۋا مېھرىگىياھ
كولۇمبىيەدىكى 10 ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 40 جىڭغا يەتتى
ئەنگلىيەلىك گۈزەل ئايال ئوفېتسىر ئەسلىدە ئەر كىشى ئىكەن
ئامېرىكىلىق ئەر ھورداقخانىدا كۆيۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى
گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق يۇرتىنى ئىزدەپ تاپقان بالا
ئىتالىيەدە بىر ئايال موناخ پەرزەنتلىك بولدى