• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ‹‹ ئالۋاستى قول ›› بالا

    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-10 20:43:04
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
     
        ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گىۋىنىيەدىكى 17 ياشلىق ئۆسمۈر مامادو تۇغما مېيىپ بولۇپ، بېلىكىنى تۈز قىلالمايدىكەن. خەلقئارالىق داۋالاش خەير-ساخاۋەت ئورنى يېقىندا ئۇنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە بىلەن تەمىنلىگەن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغان.
        ئىگىلىنىشىچە، مامادو تۇغما مېيىپ بولۇپ، جەينىكى ۋە بېغىشى غەيرىي ئۆسۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنى ‹‹ ئالۋاستى قول ›› دەپ مازاق قىلىدىكەن. 15 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنى 300 مىل ( تەخمىنەن 483 كىلومېتىر ) يىراقلىقىدىكى گىۋىنىيەنىڭ پايتەختى كوناكرىغا تىلەمچىلىك قىلىشقا ئاپىرىپ قويغان. مامادو بىر ئۆمۈر تىلەمچىلىك قىلىشنى خالىمىغان. كېيىن ئۇ خەلقئارالىق داۋالاش خەير-ساخاۋەت ئورنىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۈغان. 
        ئوپېراتسىيەدىن كېيىن مامادونىڭ سول بېلىكى ساقايغان، ئەمما ئوڭ بېلىكىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدىكەن. مامادو : مەن ماڭا ياردەم قىلغانلارغا رەخمەت ئېيتىمەن، شۇلارنىڭ ياردىمىدا مەن باشقىلارغا قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنمەيدىغان بولدۇم، دېگەن.
    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى غەلىتە ئىشلار