ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ دېۋون ئۆلكىسىدىكى بىر دېڭىزدا ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن ئالتە مېتىر كېلىدىغان بىر نامەلۇم جانلىق پەيدا بولۇپ، دېڭىز ياقىسىدا بۇ جانلىقنى كۆرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
فوتوگراف ئەللىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامەلۇم مەخلۇق كۆرۈنۈشتە خۇددى ھەدىدىن زىيادە چوڭ تىمساھقا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئۇ : ئەتراپىمدىكى ساياھەتچىلەر مەندىن بۇنىڭ قانداق جانلىق ئىكەنلىكىنى سورىدى، ئەمما مەن راستچىللىق بىلەن بۇنداق جانۋارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىمنى ئېيتتىم، دېدى.
فوتوگرافنىڭ نەق مەيداندا تارتىۋالغان سۈرىتىگە قارىغاندا، بۇ جانلىق رىۋايەتلەردىكى ۋېنىتسىيە مەخلۇقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.