
بوردىلىدىغان كالىنى ياخشى تاللاش بورداقچىلىقتا ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ بىرى. يېقىندا مۇخبىر بوردايدىغان كالىنى تاللاش ۋە يۆتكەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار توغرىسىدا شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، تەتقىقاتچى جاڭ ياڭنى زىيارەت قىلدى. ئۇ: «بوردايدىغان كالىنى تاللاشتا نەسلى، يېشى، ئېغىرلىقى بويىچە تاللاپ كىرگۈزۈش كېرەك.» دېدى ھەمدە بۇ توغرىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
1. تاللاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش
1) ساپ نەسىللىك گۆش كالىسى ياكى شالغۇت گۆش كالىسىنى ئاساس قىلىپ تاللاش كېرەك. مەسىلەن، لىموزان كالىسى، شارولاي كالىسى، ئانگۇس كالىسى، سمېنتال كالىسى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ۋە شالغۇت ئەۋلادلىرى قاتارلىقلار.
2) 6 - 10 ئايلىق بولغان، ئېغىرلىقى 140kg دىن ئارتۇق موزايلارنى يايلىتىشنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە يەم بېرىپ بورداش؛ 10 - 24 ئايلىق بولغان، ئېغىرلىقى 200kg دىن ئارتۇق بولغان ئورۇق كالىنى قوتاندا بورداش كېرەك.
3) تەن شەكلى ۋە ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئالدى - ئارقىسى ۋە يان تەرىپىدىن قارىغاندا ئوخشاشلا چاسا شەكىللىك كۆرۈنىدىغان، تەن قۇرۇلمىسى كېلىشكەن، تېرىسى بوش، بوينى توم، قىسقا، سېنى ئۇزۇن، دۈمبىسى كەڭ، تەكشى، تۈز بولغان، تۆش، بېلى كەڭ، مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان، ساغرىسى چوڭ كالىنى تاللاش كېرەك.
4) قۇرتسىزلاندۇرۇش ۋە ئىشتىھاسىنى ئېچىش كېرەك. ئالدى بىلەن ئاۋېرمېكتىن (ئاۋېيجۈنسۇ阿维菌素)، ئىۋېرمېكتىن (يىۋېيجۈنسۇ 伊维菌素) ئىشلىتىپ قۇرتسىزلاندۇرۇپ، ئاندىن ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش تالقىنى (جيەنۋېيسەن 健胃散) يېئاست پاراشوكى (جياۋمۇفېن 酵母粉) ئىچۈرۈپ، قېرىنىنى ياخشىلاپ، ئىشتىھاسىنى ئاچسا بولىدۇ.
5) كېسەل تارقالغان رايوندىن كالا كىرگۈزمەسلىك ھەمدە مال دوختۇرلۇق تارماقلىرىرىغا كارانتىن قىلدۇرۇش كېرەك.
2. يۆتكەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1) تەسىرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدا يۆتكەشتىن ئىلگىرى كالىنىڭ ھەر 100kg تەن ئېغىرلىقىغا 1.7ml ئامىنازىن (لۈبىڭچىن 氯冰嗪) ئوكۇلى توغرىلاپ، مۇسكۇلىغا ئۇرۇش كېرەك.
2) يۆتكەشتىن ئىلگىرى 2 - 3 سائەت ئىچىدە سۇ بەرمەسلىك، 3 - 4 سائەت ئىچىدە يەم بەرمەسلىك كېرەك.
3) مۇۋاپىق زىچلىقتا قاچىلاپ يۆتكەش كېرەك.
4) يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن 1 - 51. سائەت ئارام ئالدۇرۇپ، ئاندىن ئازراق سۇ، يەم بېرىش، ئىمكانقەدەر تەسىرلىنىشنى ئازايتىش كېرەك.
5) 15 كۈنگىچە ئايرىپ بېقىپ، ھېچقانداق كېسەل ئەھۋالى كۆرۈلمىگەندە ئاندىن پادىغا قوشۇش، مەسىلە بايقالسا، ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
توخۇ مايىقىنى ئېچىتىش ئۇسۇلى
تۇغۇشتىن توختىغان غازنى توپقا ئايرىپ بېقىش
چارۋا، قۇشلارغا كۈزدىمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
توشقاننىڭ بۆجەنلىگەندىن كېيىنكى ئىشتىھاسىزلىقى ۋە پالەچلىنىشىنى داۋالاش
قايسى خىل ئەتىۋارلىق قۇشنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا بولىدۇ ؟
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلارغا جەرەنلەر ‹‹قايتىپ كەلدى››
توقسۇ ناھىيەسى 4400 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاشارەت يوقىتىش چىرىغى ئورناتتى
ئونسۇ دېھقانلىرى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى
پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل تېرىلغان يۈز مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز شاداللىرىنى يىغىۋېلىپ، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە توڭ ياتقۇزدى
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تىخنىكلار پارنىك ئېتىزلىرىنىڭ تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈردى
چىمەن بازىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ 487 مىڭ يۈەن تۈر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى
