قىش پەسلىدە قومۇل شەھىرىدە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ھۆل – يېغىن كۆپ بولدى. ئەتىياز كىرىپ ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز ئىسسىشى بىلەن قار – مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا قومۇل شەھەرلىك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بالدۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاغاندىن ئىلگىرى قومۇل شەھىرى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى يېزا (بازار)لارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان. كەسپىي تېخنىكلارنى تەۋەلىكتىكى ئۆستەڭ، كەلكۈن ئۆتۈشۈش كۆۋرۈكلىرى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى رېمونت قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى يېزا (بازار)لارنى كەلكۈن مەزگىلىدە ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى قەرەللىك چارلاپ تۇرۇشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىگەن. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىكى 100 نەپەر ئادەمدىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللىگەن. ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىدىن 21 نى قۇرغان. ئالتە دانە گېنېراتۇر، 80 مىڭ دانە تاغار، 1283 دانە بامبۇك تاختاي، 1356 دانە ياغاچ تۈۋرۈك، تۆت دانە چوڭ تىپلىق ماشىنىسازلىق ئەسلىھەسى، تۆت يۈك ئاپتوموبىلى، 30 يۈرۈش قۇتقۇزۇش كىيىمى قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى تەق قىلىپ قويغان.
قومۇل شەھىرىدىكى سۇ ئامبارلىرى، توسمىلار، بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىل ئالتە ئورۇندىكى خەتەرلىك جايلىرى مۇستەھكەملەنگەن كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى مۇداپىئەلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىلار بولۇپ، قومۇل شەھىرى مەخسۇس خادىم تەشكىللەپ، بۇ ئورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان، ھەمدە يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلغان.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلارغا جەرەنلەر ‹‹قايتىپ كەلدى››
توقسۇ ناھىيەسى 4400 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاشارەت يوقىتىش چىرىغى ئورناتتى
ئونسۇ دېھقانلىرى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى
پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل تېرىلغان يۈز مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز شاداللىرىنى يىغىۋېلىپ، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە توڭ ياتقۇزدى
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تىخنىكلار پارنىك ئېتىزلىرىنىڭ تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈردى
چىمەن بازىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ 487 مىڭ يۈەن تۈر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى