|
ئۈرۈمچى ناھىيە تولى يېزا ئۇلانباي كەنتى ئەتراپىدىكى ئوتلاقتا توپ-توپ جەرەنلەر پەيدا بولدى . 28-فېۋرال ، بۇ ئەتراپتا مال باقىدىغان بىر چارۋىچى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ مەنزىرىنى يېقىندىن بۇيان دائىم دېگۈدەك كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان . چارۋىچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇخبىر ئۆلكە يولى 103-لىنىيەسىدىكى چىتلاپ قويۇلغان چاۋرا بېقىش چەكلەنگەن رايونغا يېتىپ كەلدى ، بۇ يەردە 2004-يىلدىن باشلاپ چارۋا بېقىش چەكلەنگەن بولۇپ ، ئېكولوگىيەسى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ ، بۈگۈنكى كۈندە چۆللۈك يايلاقتىن يېرىم چۆللۈك يايلاققا ئۆزگەرگەنىدى . چارۋىچى مۇخبىرغا جەرەنلەرنىڭ بۇ يەرگە كەلمىگىنىگە ئون نەچچە يىل بولغانلىقىنى ، مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن بۆرىلەرنىڭمۇ ئۇلارنى ‹‹پۇراپ›› پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ يايلاققا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان جەرەن بىلەن بىللە يەنە ئاققۇ ، ياۋا توشقان ، بۆرە ، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارمۇ ‹‹قايتىپ كەلگەنىدى››. ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى بەنفاڭگۇ ، ئۈرۈمچى-شۈيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى يېنىغا 15 مىڭ 300 مو ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ياۋا توشقان ، دالا چاشقىنى ، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن . بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ئۇلانباي سۇ ئامبىرىدىكى ئاققۇنىڭ سانى 40 تىن ئاشقان بولۇپ ، كۆپىنچىسى چوڭ ئاققۇ ئىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تادورنا ئۆردىكىمۇ بۇ يەرنى ماكان تۇتقان . شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
|
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلارغا جەرەنلەر ‹‹قايتىپ كەلدى››
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تىخنىكلار پارنىك ئېتىزلىرىنىڭ تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈردى
پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل تېرىلغان يۈز مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز شاداللىرىنى يىغىۋېلىپ، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە توڭ ياتقۇزدى
ئونسۇ دېھقانلىرى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى
توقسۇ ناھىيەسى 4400 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاشارەت يوقىتىش چىرىغى ئورناتتى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
چىمەن بازىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ 487 مىڭ يۈەن تۈر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى

يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى