• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
        شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز، ياردەم بېرىمىز2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2 – مارت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى ھەم ئۇلار بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، پايدىسىز شارائىتتا ئىلگىرىلەپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مۇھىم تۈرلەردە ئىلگىرىلەش بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەرنى سىلەردەك پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە يولداشلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچىنىڭ شاھىتى، سىلەر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتۇڭلار. ھازىر شىنجاڭدىن ئايرىلغان بولساڭلارمۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈۋاتىسىلەر، شىنجاڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدا مۇھىم رولۇڭلارنى ھېلىھەم جارى قىلدۇرۇۋاتىسىلەر. پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە يولداشلارنىڭ شىنجاڭغا پات – پات بېرىپ تۇرۇشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى يولداشلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋەزىيىتى، تەپەككۇر يولى ۋە ئۆزگىرىشلەرگە دائىر تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، چەكسىز پەخىرلەندۇق. شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان يولداشلارنىڭ شىنجاڭغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار، ئۇلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، ھالقىما تەرەققىياتى تېزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ئۇنى قوللايمىز.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        دۇ جىنسەي، چېن لېي، تيەن شيۇسى، جاڭ فۇسېن، جاڭ يۈنچۈەن، جو شېڭتاۋ، ئابدۇرېھىم ھامىد، دېڭ چاڭيۇ، يۈ لىنشياڭ، شاۋ ئەيلىڭ، خۇ جيايەن، ۋاڭ جىنشياڭ، ياڭ گاڭ، لى يى، جو يۈەن، دەي گۇڭشىڭ، دەلىلقان مامىقان، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ چاڭشۈن، لى جيەن، ۋۇ يەن، لياۋ يۇڭيۈەن، سۈن لۇڭدې قاتارلىق شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان بېيجىڭدىكى رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئەركىن ئىمىرباقى، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، ليۇ شىنچى، خۇا شىفېي قاتارلىق رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

     2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

     2Gyئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    يىڭىلانغان يىزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى