يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ساياھەت تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يەكەن ناھىيەسى بۇلتۇر كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 618مىڭ 200ئادەم/ قېتىم بولۇپ، بۇنىڭدىن قىلىنغان كىرىم 42مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى ئۆزىنىڭ قەدىمىي خاندانلىقلارنىڭ پايتەختى ۋە مەركىزى، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئون ئىككى مۇقام يۇرتى»، «جۇڭگو بادام يۇرتى »بولۇشتەك بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ناھىيە ھازىرغىچە جەمئىي تۆت نۆۋەت ‹‹جەلپكار يەكەن» تېمىسىدىكى بادام چېچەك بايرىمى، سەككىز نۆۋەت ‹‹مۇقام مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى›› ئۆتكۈزۈپ، بايرام ئارقىلىق مەدەنىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، چېچەك ئارقىلىق دوست كۆپەيتىپ، يەكەننىڭ بادام ۋە مۇقامدىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىيىتىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا تونۇتتى.
زەرەپشان مەدەنىيىتى ساياھەت رايونى، قارسۇ قۇملۇقى ساياھەت رايونى، ماش بۇلاق ئامبىرى ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى قۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى زور كۈچتە ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت رايونلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ناھىيە ساياھەتچىلىك كەسپىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن دېھقانلار شادلىقى مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، سودا ئىشلىرى مېھمانخانىسى، ئۆزگىچە تەمدىكى يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كاسىپخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەيدىنپەي يىمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئىچىش يۈرۈشلەشكەن ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئىلمىي، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىل يەكەن ناھىيەسى كۆلەمنى كېڭەيتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى بۇ ناھىيەگە كېلىپ سەيلى-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشنى پىلانلىدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلارغا جەرەنلەر ‹‹قايتىپ كەلدى››
توقسۇ ناھىيەسى 4400 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاشارەت يوقىتىش چىرىغى ئورناتتى
ئونسۇ دېھقانلىرى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى
پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل تېرىلغان يۈز مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز شاداللىرىنى يىغىۋېلىپ، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە توڭ ياتقۇزدى
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تىخنىكلار پارنىك ئېتىزلىرىنىڭ تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈردى
چىمەن بازىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ 487 مىڭ يۈەن تۈر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى