شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
(ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقلاردىن بولايلى)
شىخو شەھىرى گەنخېزى بازىرى خاۋجاجاڭزا كەنتىدىكى 70 ياشلىق بوۋاي لى زوشۈن ئۆيىدە ‹‹دېھقانلار قىرائەتخانىسى›› ئاچتى.
17 – فېۋرال، چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر بىلەن لى زوشۈن بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قىرائەتخانىسىغا كىرگىنىمىزدە دىمىقىمىزغا گۇپپىدە سىياھنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى. قىرائەتخانىدا بىر نەچچەيلەن كىتاب ياكى گېزىت ئوقۇۋاتقان ئىكەن، لى زوشۈن بوۋاي پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار جۈملىلەرنى موي قەلەم بىلەن كۆچۈرۈۋاتقانىكەن.
لى زوشۈننىڭ قىرائەتخانا ئېچىش نىيىتىگە كېلىشىگە ئەينى چاغدا كەنتتە يۈزبەرگەن بۇنداق ئىككى ئىش سەۋەب بولغان. بىرى، ئىككى دېھقان ئارىسىدىكى ئۆي سودىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى قانۇندىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى ئالداپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن زىيان سالغان؛ يەنە بىرى، مۇشۇ كەنتتىكى بىر دېھقان ئەر – خوتۇننىڭ ئىككىلىسى ماجياڭ ئويناشقا بېرىلىپ كېتىپ، بالىسىغا تازا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەپلەپ – سەپلەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇغىلى ئۇنىمىغان.
‹‹قاراڭە، ئەگەر دېھقانلار قانۇننى چۈشەنگەن بولسا، ئالدىنىپ كېتەمتى؟ ئەگەر ھېلىقى ئەر – خوتۇن بالىسىغا كۆپرەك ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولسا، بالىمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەس ئىدى!››، دېدى لى زوشۈن ئېچىنغان ھالدا.
لى زوشۈننىڭ چوڭ ئوغلى دادىسىنى قىزغىن قوللاپ، 2000 – يىلى دادىسىغا 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كىتاب، ئەدەبىي كىتابلارنى سېتىۋالدى ھەم تۈرلۈك گېزىت – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇپ بەرگەن.
لى زوشۈن 18 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆيىنى بىكارلاپ، ئىككى كىتاب جاھازىسى سېتىۋېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزى يىغىپ كەلگەن گېزىت – ژۇرنال، ماتېرىياللار، شۇنداقلا 120 دىن ئارتۇق كىتابنى كىتاب جاھازىغا تىزغان. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ‹‹دېھقانلار قىرائەتخانىسى›› بارلىققا كەلگەن.
لى زوشۈن مۇنداق دېدى: بۇرۇن دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا كۆپچىلىكنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاچقا، دائىم يىغىلىپ ھاراق ئىچىشەتتى، قارتا ئوينايتتى، كەيپىياتمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ھازىر قىرائەتخانا ئېچىۋېدىم، دېھقانلار بىكار قالغاندا قىرائەتخانىغا كېلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان بولدى.
لى زوشۈننىڭ ‹‹دېھقانلار قىرائەتخانىسى››دىكى كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىلمىي تېرىقچىلىققا ئائىت كىتابلار ئىكەن. لى زوشۈن مۇنداق دېدى: مۇشۇ كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇسا كۆپچىلىك ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپ، بېيىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدىكەن.
كەنت ئاھالىسى ياۋ زىبىن مۇنداق دېدى: لى تاغامنىڭ بۇ ‹‹دېھقانلار قىرائەتخانىسى›› ناھايىتى ياخشى، بىز بىكار بولساقلا بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب ئوقۇيمىز، تېرىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز. بىر دېھقان نېمە ئۈچۈن قىرائەتخانا قۇرىدۇ؟ نۇرغۇن كىشى لى زوشۈننىڭ بۇ ئىشلىرىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن. لى زوشۈن مۇنداق دېدى: مەيلى كىم بولسۇن كۆپرەك كىتاب ئوقۇسىلا، كۆڭلى يورۇيدۇ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ.
لى زۇشۈن: ئېيتايلۇق، تېرىقچىلىق قىلىشتا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشدىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن دېھقانچلىق دورىلىرىنى قانداق ئىشلىتىشتە يەنىلا بىلىمگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دېدى. ئۇ بىزدىن: ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئوغۇت قانچىنچى ئەۋلاد ئوغۇت، بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. بىزنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ: 3 – ئەۋلات دېھقانچلىق دورىسى! بۇ دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقى ئاز بولىدۇ، بۇلغاش دەرىجىسى تۆۋەن، ئىشلىتىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز، دېدى.
لى زوشۈننىڭ دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرغانلىقىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شىخو شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ كىتاب ھەدىيە قىلدى.
2012 – يىلى 6 – ئايدا، ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گورۇپپىسى ئىشخانىسى لى زوشۈننىڭ دېھقانلار قىرائەتخانىسىغا لەۋھە تاختا تارقىتىپ، مەخسۇس كىتاب جاھازىسى ۋە نۇرغۇن كىتاب سوۋغا قىلدى ھەم ئۇنىڭ قىرائەتخانىسىنى ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى››غا كىرگۈزدى، ‹‹خەلق گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› قاتارلىق ئون نەچچە خىل پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرناللىرىنى ئۇنىڭ قىرائەتخانىسىغا ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم قەرەرللىك، ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى، ئۇ: مانا ئەمدى، قىرائەتخانام تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلبپ قىلىدىغان بولدى، دېدى.