1. ئېتىگە قاراپ دان تولۇقلاش. ئورغاچى غاز بەك سېمىز بولسا، تۇخۇم تۇغۇشى ئازلايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا تۇخۇم تۇغۇشتىن توختايدۇ؛ بەك ئورۇق بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، تۇخۇم مەھسۇلاتى تۆۋەنلەيدۇ. بەك سېمىز ئورغاچىغا تۈجۈپىلىك داننى ئازراق بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تۈجۈپىلىك دان بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېرەك. غازخانىدا باققان غازنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى يايلىتىش كېرەك. ئورۇق غازنىڭ تۈجۈپىلىك دېنىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، داننىڭ ئاقسىل تەركىبىنى ئاشۇرۇش، كەچتە يەنە 2 ۋاق دان بېرىش كېرەك.
2. مايىقىغا قاراپ دان تولۇقلاش. غازنىڭ مايىقى توم، يۇمشاق تاياقچە شەكىلدە، سىرتقى يۈزى پارقىراق، ئىتتەرسە بىر نەچچە پارچە بولسا، ئوزۇقلۇق مۇۋاپىق، ھەزىم قىلىشى نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر، ماياق ئىنچىكە، چىڭ، رەڭگى قارامتۇل بولسا، يېنىك ئىتتەرگەندە ئۈزۈلگەن يۈزى دانچە ھالەتتە بولسا، تۈجۈپىلىك دان بەك كۆپ، يېشىل ئوت - چۆپ ئاز بولۇپ، ھەزىم قىلىشى نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا تۈجۈپىلىك داننى ئازايتىپ، يېشىل ئوت - چۆپنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. ماياق شەكىلسىز بولۇپ، ماياقلىغاندىلا چېچىلىپ كەتسە، تۈجۈپىلىك دان يېتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، تۈجۈپىلىك دان تولۇقلاش كېرەك.
3. تۇخۇمىغا قاراپ دان تولۇقلاش. تۇخۇم تۇغىۋاتقان غاز قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا، تۇخۇم شاكىلى نېپىز، تۇخۇم كىچىك ياكى غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم پۇرچاق كۈنجۈرىسى، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) كۈنجۈرىسى قاتارلىق ئاقسىل مول بولغان داننى كۆپەيتىپ بېرىپ، كۈندىلىك دېنىدىكى ئاقسىل تەركىبىنى %22 تىن ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر بىر غازنىڭ كۈندىلىك دېنىنى 280g - 320g غا كۆپەيتىش ھەمدە مىنېرال ماددىلىق دان قوشۇپ بېرىش كېرەك.
سۈت كالىسى زەمبۇرۇغلۇق تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
كەپتەرنىڭ ئورۇقلاپ كېتىش سەۋەبى
توخۇ دېنىغا بۇغداي قوشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
توخۇ مايىقىنى ئېچىتىش ئۇسۇلى
تۇغۇشتىن توختىغان غازنى توپقا ئايرىپ بېقىش
چارۋا، قۇشلارغا كۈزدىمۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ
ئاچچىقسۇ ئارقىلىق كالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش
توشقاننىڭ بۆجەنلىگەندىن كېيىنكى ئىشتىھاسىزلىقى ۋە پالەچلىنىشىنى داۋالاش
قايسى خىل ئەتىۋارلىق قۇشنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا بولىدۇ ؟
گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشنىڭ ئىستىقبالى بىر قەدەر ياخشى
ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاقلارغا جەرەنلەر ‹‹قايتىپ كەلدى››
توقسۇ ناھىيەسى 4400 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاشارەت يوقىتىش چىرىغى ئورناتتى
ئونسۇ دېھقانلىرى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى
پوسكام ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل تېرىلغان يۈز مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەز شاداللىرىنى يىغىۋېلىپ، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە توڭ ياتقۇزدى
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تىخنىكلار پارنىك ئېتىزلىرىنىڭ تۇپراق ئەھۋالىنى تەكشۈردى
چىمەن بازىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەتنىڭ 487 مىڭ يۈەن تۈر تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ۋە چاتما سايمانلار 1500 گە يەتتى
