«شىنجاڭ ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2013-06-16 / سەھىپە: يازمىلار / ئوقۇلۇشى: 981 / 0ئىنكاس چۈشتى مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

ئاپتونۇم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتى، ھەجۋىي رەسساملار كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 20 – ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:30 دا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي قوۋۇق(北门)ئاممىۋىي سەنئەت سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋەت كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە شىنجاڭدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى رەسساملارنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ھەجۋىي رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆلۈمى بىر قەدەر چوڭ ھەم داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلمەكچى.
مەزكۇر كۆرگەزمىگە مەن (ئادىلجان ئابلىز) 8 پارچە ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى قاتناشتۇردۇم. ھەۋەسكارلارنىڭ شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار قېرىنداشلىرىمنىڭ بېرىپ كۆرۈپ كېتىشىنى چىن دلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 

تۆۋەندىكىلەر بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرلىرىم:

Untitled-1

 

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز