ئەسەر ۋە مۇلاھىزە
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىياتى بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. يانفون ئارقىلىق يىراق يېقىندىكى دوست –بۇرادەرلىرىمىز، ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ھەر قانداق ماكان – زاماندا تېز سۈرەتتە بىمالال ئالاقىلىشىلايدىغان، ھەتتا بىر –بىرىمىزنى كىچىككىنە ئېكران ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ ھال – مۇڭ ئېيتىشالايدىغان ئالەمشۇمۇل يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. يان تېلېفوندىن ئىبارەت بۇ ئىلغار ئالاقە قورالى تۇرمۇشىمىزغا شۇنداق تېز سىڭىپ كىردىكى، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلالماس بولۇپ قالدۇق. جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، مەيلى چوڭ – كىچىك، قېرى –ياش بولسۇن ھەممە كىشىنىڭ قولىدا يانفوندىن ئىبارەت بۇ ئالاقە قورالىنى ئۇچرىتالايسىز.ئۇ خۇددى يۇقۇرىدىكى ئەسەردە ئىپادىلەنگەندەك ئىنسانلارنىڭ ئالقىنىغا گۆش بىلەن سۆڭەكتەك ئورنىتىلىنىپ كەتتى.
ئادىلجان ئابلىز سىزغان
2014/08/11 سائەت 21:06:44
Kudos! What a neat way of thknniig about it.