ھەجۋىي رەسىمنىڭ سېھرىي كۈچى
ھەجۋىي رەسىمنىڭ سېھرىي كۈچى
(ئادىلجان ئابلىز بىلەن سۆھبەت)
ھاجىبەگ
ئادىلجان ئابلىزنى كىتاب – ژۇرناللاردىكى قىستۇرما رەسىملىرى بىلەن تونۇغانىدىم. كېيىنچە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئادىلجان ئابلىز سىزغان چولپانلارنىڭ بىر يۈرۈش ھەجۋىي رەسىملىرى تارقىلىپ تۇردى. 2010 – يىل 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەنۇبىي باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئادىلجان ئابلىز ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى» گە باردىم ۋە كۆرگەزمىگە قويۇلغان 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىمدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم ھەمدە رەسسامنىڭ تالانتىغا قول قويماي تۇرالمىدىم. كېيىن تاساددىپىي پۇرسەتتە ئادىلجان ئابلىزنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىلوگنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندىم. يېقىندا بۇ تالانتلىق ھەجۋىي رەسىم ئۇستىسى بىلەن تور ئارقىلىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭغا سىردىشىش ئىستىكىمنى بىلدۈردۈم. ئادىلجان ئابلىز ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن تەلىپىمگە قوشۇلدى. سۆھبىتىمىز شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
سوئال: ئادىلجان ئاكا، مېنىڭ بىلىشىمچە سىز 1971 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىكەنسىز، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق گېزىت – ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇ. بىر قىسىم ئەسەرلىرىڭىز ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپتۇ. تەرجىمالىڭىزدىن بىلىشىمچە، سىزنىڭ ھەجۋىي رەسىمگە بولغان ئىشتىياقىڭىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلانغانىكەن. بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ باش تېمىسى ھەجۋىي رەسىم ھەققىدە بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىگە بولغان ئىشتىياقىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ئادىلجان ئابلىز: ئېسىمنى بىلسەم ئاتا – ئانامنىڭ ئانچە – مۇنچە رەسىم سىزغىنىنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئۆيىمىزدىمۇ رەسىملىك كىتابلار ناھايىتى كۆپ بولىدىغان. يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەندىكى رەسىم سىزىش ئىشتىياقى تېخىمۇ ئېشىپ باردى. كېيىنچە مەخسۇس ھەجۋىي رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىن ھەجۋىي رەسىملەرنى كېسىپ ئېلىپ ساقلايدىغان بولدۇم. گەرچە شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ باققان بولساممۇ ئۇنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش جۈرئىتىم بولمىغاچقا ئېلان قىلىپ باقماپتىكەنمەن. 1991 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل – سەنئەت فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئەينى يىللاردا «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى رېداكسىيەسىدە گۈزەل – سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان خەتتات، رەسسام مەرھۇم ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكىنىڭ بىر يۈرۈش ھەجۋىي رەسىملىرىنى، مەزكۇر ژۇرنالدا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇم. ھەمدە مەنمۇ تەييارلاپ قويغان بىر يۈرۈش ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىمنى يىغىپ ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكىغا ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇردۇم. ئۇزاق ئۆتمەي تۇنجى ھەجۋىي ئەسەرلىرىم «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىلدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن تارتىپ مەندە ھەجۋىي رەسىم سىزىشقا بولغان ئىشتىياق ھەسسىلەپ ئاشتى. كېيىنچە ئەسەرلىرىمنى رايونىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان نۇقتىلىق گېزىت-ژۇرناللارغىمۇ ئەۋەتىپ تۇردۇم. ئومۇمەن ئېيتقاندا مېنى بۇ كەسىپكە باشلاپ كىرگەن ۋە مەندە بۇ كەسىپكە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلغان مەرھۇم ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكا بولدى. شۇڭا مەن بۇ قېتىملىق مۇشۇ سۆھبەت نامىدا ئىسمائىل ئىبراھىم ئاكىغا چىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
سوئال: ئادىلجان ئاكا، ھەجۋىي رەسىم سىزغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە قانداق قارايسىز؟ ھەجۋىي رەسىمنىڭ رەسىم سەنئىتىدە تۇتقان ئورنى قانداق خاراكتېرلىنىدۇ؟
ئادىلجان ئابلىز: ھەجۋىي رەسىم بارلىققا كېلىپ بۈگۈنگە كەلگۈچە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشتە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئەسەرنى سىزىش، ئىپادىلەش جەھەتلەردە ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتلار بولدى دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن: بۇرۇنلاردا ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى قەلەم، قەغەز، سۇ بوياق، سىياھ قەلەملەردىلا ئىپادىلىنەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئىپادىلەش دائىرىسى قەلەم، قەغەز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ماي بوياق، ياغاچ ئويما، ھەيكەلتىراشلىق، كومپيۇتېر تېخنىكىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىپادىلىنىپ، ھەجۋىي رەسىمنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ زور بەدىئىي زوق ئاتا قىلدى.
غەرب ئەللىرىدە ھەجۋىي رەسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، مەيلى سىز قايسى ئورۇندا بولۇڭ، ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە يۇمۇرىستىك رەسىملەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرالايسىز. جۈملىدىن، جۇڭگودىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يۈرۈشلۈك بالىلار كىتابى، ھەر خىل كارتون فىلىملەرگە زور مەبلەغلەرنى سېلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت تەرەققىياتىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
سوئال: سىز ئۇيغۇرلاردىكى ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇنىڭ تارىختىكى ئىزنالىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجۋىي رەسىمگە بولغان قىزىقىش ۋە ئىشتىياقى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
ئادىلجان ئابلىز: ھەجۋىي رەسىم رايونىمىزدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىرىدا سىزىلىشقا باشلانغان بولۇپ، تەرەققىياتىنى كۆڭۈلدىكىدەك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھەجۋىي رەسىمدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى، ھەجۋىي رەسىمگە دائىر تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كەم بولۇشى، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 1970 – يىللاردىلا قۇرۇلۇپ بولغان «ھەجۋىي رەسىم كومىتېتى»، «ھەجۋىي رەسىم جەمئىيىتى»، «ھەجۋىي رەسىم تەتقىقات ئورنى» دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخى قۇرۇلمىغانلىقى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن.
خەلقىمىز ئەزەلدىن خۇشاللىق ۋە خاپىلىقنى كۈلكە – چاقچاق، لەتىپە، يۇمۇرلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. نەسىردىن ئەپەندى، موللا زەيدىن لەتىپىلىرىدىكى زالىم پادىشاھ ۋە قانخور ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئۈنسىز ئىسيانكار روھ رەسمىي سەنئەت تۈسىنى ئالغان قەغەز ۋە قەلەم بىلەن سىزىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كىنايىسى، يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ، ئەينى دەۋرلەردىلا ھەجۋىي رەسىمنىڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا يىلتىز تارتقۇزغانىدى. شۇڭا ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر، رولىمۇ ئالاھىدە چوڭ.
سوئال: ئادىلجان ئاكا، دۇنيادا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ 1980 – يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ناملىق ھەجۋىي كارتون فىلىمنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا «خېمەن»، «ئەقىللىق يىشيۇ»، «ئۆردەك بىلەن چاشقان»، «شىر پادىشاھ»… قاتارلىق كارتون فىلىملەرمۇ ناھايىتى زور ئالقىشلانغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بېرى 3D تېخنىكىسىدا ئىشلىنىۋاتقان كارتون فىلىملەر تېخىمۇ بازار تېپىۋاتىدۇ. سىز موشۇ نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ھەجۋىي رەسىم بىلەن كارتون ئوبرازنىڭ پەرقى ۋە باغلىنىشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
ئادىلجان ئابلىز: ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى بىلەن كارتون فىلىمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاقلىقى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى كۆپ ساندىكى كارتون فىلىملەردە ۋەقەلىك، ئىش – ھەرىكەتلەر ۋە ئوبرازلار رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئاساستا ئىشلىنىدۇ، شەيئىلەرنىڭ ئوبرازلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى چوقۇم قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك بولغاندىلا فىلىمنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشىدۇ. بولۇپمۇ تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى بالىلار كارتون فىلىملىرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ يۇمۇرىستىك ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بېيىتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان غەرب ئەللىرى ئەنئەنىۋى كارتون فىلىمچىلىكىدىن ھالقىپ 3Dكارتونچىلىق ساھەسىگە يۈزلەندى. نۇرغۇن فىلىم شىركەتلىرى زور مەبلەغ سېلىپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق دۇنياۋى نادىر كارتون فىلىملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، كارتون فىلىم سەنئىتىنى يەنە بىر بالداق يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ئەمما شۇنى بىلىۋېلىش زۆرۈركى، مەيلى ئەنئەنىۋى كارتونچىلىق ساھەسى ياكى 3Dكارتونچىلىقى ساھەسىدە بولسۇن، شۇ فىلىملەردىكى غەلىتە مەخلۇقلار، يۇمۇرىستىك ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى يەنىلا كەسىپكە پىشقان، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، داڭلىق ھەجۋىي رەسساملارنىڭ قول سىزما ئەسەرلىرىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
سوئال: ئادىلجان ئاكا، 2010 – يىلى 11 – ئايدا ئۈرۈمچىدىكى جەنۇبىي باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىڭىزگە ئۇدا ئىككى كۈن بېرىپ تاماشا قىلىپ كەلگەنىدىم. كۆرگەزمە قىلىنغان 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىم ئىچىدە بىر قىسىم خەلقئارالىق شەخسلەر، جۇڭگودىكى داڭلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپكە تونۇلغان چولپانلىرىنىڭ ھەجۋىي پورترېتى بار ئىدى. ئاڭلىشىمچە، ھەجۋىي پورترېتى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بىر قىسىم شەخسلەر بۇنىڭدىن نارازى بولغانىكەن. سىز شۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىتىدە ئېيتىپ باقسىڭىز، راستتىنلا شۇنداق ئىش بولغانمۇ؟ ئادەتتە ھەجۋىي ئوبرازلارنى سىزىش جەريانىدا قانداق بېسىم ۋە جاپالارغا دۇچ كېلىسىز؟
ئادىلجان ئابلىز: بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھەجۋىي رەسىم پورترېت سەنئىتىنى «شەخسكە قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، شەخسكە قىلغان ھاقارەت» دەپ قارايدىكەن. ئەگەر سىز دۇنيا ھەجۋىي رەسىم پېشىۋالىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن كۆرۈپ باقسىڭىز، ئۇلار سىزغان داڭلىق ئەربابلار ئۆزلىرىنىڭ ھەجىۋىي رەسىمىنى نەچچە مىڭ دوللار ھەتتا نەچچە 100 مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىپ ئارزۇلاپ ساقلايدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
قىسقىسى، ھەجۋىي رەسىم پورترېت سەنئىتىنى ھەرگىزمۇ شەخسكە قىلىنغان ھاقارەت ياكى ھۆرمەتسىزلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇمۇ سەنئەتنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر ھېس قىلىپ بولالمايدىغان، يۇمۇرىستىك ھەم ئۆزگىچە ئىپادىلىنىشىدۇر.
2010 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمەمدە مەنمۇ رايونىمىزدىكى بىر قىسىم چولپانلىرىمىزنىڭ پورترېتىنى سىزىپ قويغانىدىم. بىراق ئاز بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىز دوستلىرى، ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، پورترېتىنى رۇخسەتسىز كۆرگەزمە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى. مەن ئۇلارغا ناماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە زالىدىن ئېلىۋەتتىم.
سوئال: ئادىلجان ئاكا، بۈگۈن ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى ھەققىدە ناھايىتى كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتۇق. ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىز ۋە ئارزۇلىرىڭىز ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
ئادىلجان ئابلىز: مەن كەسپىمنى سۆيىمەن، شۇنداقلا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىمەن. كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگەندىم، ھازىرمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا، بىناكارلىق، كارتون فىلىم ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆگنىشنى توختىتىپ قويغىنىم يوق. ئەلۋەتتە مەندە يەنە بىر ھەۋەسمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش.
ھاجىبەگ: ئادىلجان ئاكا، بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە كونكرېت بولدى. سىزنىڭ سەمىمىي جاۋابلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
(ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەككە تىجارەتچى)
مۇھەررىر: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار (تەكلىپلىك)
ئېلخەت:mehmudjanxoja@126.com