رەسسام نۇرمۇھەممەد مەخسۇمنىڭ پورتىرېتى (ھەجىۋىي رەسىم سەنئىتى)
نۇرمەمەت مەخسۇم 1964-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ خوشۇت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان .1988-يىلى سابىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سەھنە گۈزەل-سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باينغۇلۇن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەخسىم قىلىنىپ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان .خىزمەت جەريانىدا 2-دەرىسخانا پائالىيتى تەشكىللەپ ھەر يىلى سەنئەت مەكتەپلىرى ئۈچۈن 3تىن 5كىچە ئوقۇغۇچى تەربىلەپ بېرىۋاتىدۇ ،2005-يىلى 15نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىلەپ بۇلاردىن 14نەپىرى ئوقۇشقا قوبۇل قىلنغان .ئەينى ۋاقىتتا بايغۇلۇن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە پىداگوگىكا سىنىپلىرىمۇ بار بولۇپ نۇرمەمەت مۇئەللىم كەسپى گۈزەل-سەنئەت سىنىپلىرىغا كەسپى دەرىس بەرگەن ،ھەر يىلى مەكتەپ سەنئەت بايرىمىدا ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىنى تەشكىللىگەن . ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››، ‹‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى ››،‹‹باينىغۇلۇن گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ››،‹‹ئىختىساد گېزىتى›› ،‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››،قاتارلىق گېزىت ژۇرناللارغا ماي بۇياق،سۇ بۇياق،دۇغ بۇياق ،تىز سىزما ،ھەجۋى رەسىم ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.
باينغۇلۇن ئوبلاستىنىڭ 1990-1994-1996-2000-يىللىرىدىكى نورۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش سەنئەت سەھنىسى دېكراتىسيەسىنى لاھىيەلەپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ يۇقرى باھاسىغا ئېرىشكەن .تۈرلىك كۆرگەزمىلەرگە ئەسەر قاتناشتۇرۇپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان . باينغۇلۇن ئوبلاستىنىڭ گۈزەل-سەنئەت مائارىپى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ياراملىق گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن ،ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئوبلەستنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . ئۇ ھازىر كورلا شەھەرلىك رەسساملار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،ئوبلاستلىق رەسساملار جەمىيتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى ،ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى .
2015/01/29 سائەت 15:17:24
مەن ئەسەرلىرىڭىزنى بۇرۇندىن ياخشى كۆرىمەن ،ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى سەھرايىمغىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ، بىرلىكتە تەرەققى قىلايلى
2015/01/30 سائەت 12:35:43
مەن تور بېكىتىڭىزنى نۇرمۇھەممەد مۇئاللىمنىڭ رەسىمى ئاستىدىكى ئاددىرىستىن كۆرۈپتىمەن، بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن