ئادىلجان ئابلىزنىڭ ھەجۋىي پورتېرىتى «مەن ئەمەس»*

يوللانغان ۋاقتى: 2012-11-26 / سەھىپە: ئەسەرلىرىم / ئوقۇلۇشى: 2,837 / 10ئىنكاس چۈشتى مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

ئاساسىي ماتېرىيالى:
ئىسىم-فامىلىسى: ئادىلجان ئابلىز
توردىكى تەخەللۇسى: دولقۇن731، ئۆركەش.
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
يۇرتى : ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى
قان ئارلاشمىسى: كەلپىنلىك + ئاتۇشلۇق
ھازىرقى شۇغۇللىۋاتقان كەسپى: بۇغالتىرلىق.
ئالاقە ئۇسۇلى: dolkun731>——< hotmail.com QQ : 87393476

مەدەنىيەت ئۇچۇرى:
باشلانغۇچنى ئانامنىڭ قۇلىدا ساپ ئۇيغۇرچىدا تاماملىغان،
تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇر مائارىپىنى قوشتىل بىلەن (تەبىي پەننى خەنزۇچە) تاماملىغان.
ئالىي مەكتەپنى خەنزۇ سىنىپتا ئۇقۇپ تاماملىغان.
ش ئۇ ئا ر مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتى بازار ماركىتىڭ كەسپىنى پۈتتۈرگەن(2007).
2011-يىلى ئالاھىيدە شىتات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ كومپيوتېر كەسپى بۇيىچە يۇرتۇمغا خىزمەتكە چىققان.

ياقتۇردىغىنى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
ئۆزۈم بىر ئادەتتىكى خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ئادەتتە مۇزىكا ئاڭلاش، ھەرىكەتلىك كىنو ۋە خەۋەر كۆرۈش، كەلگۈسى ۋە بۈگۈن ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشن, ئېقىم مەسللىرى ھەققىدە پىكىرلىشىش ۋە مۇنازىرىنى ياخشى كۆرىمەن. يېزىقچىلىقتا ئانچە ئالاھىيدىكىم بولمىسىمۇ بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.
ماڭا ئەڭ ياقىدىغان سۆز: ھۇرۇننىڭ دەسمايىسى – سەۋرى تاقەت!

بىلوگى ھەققىدە :
«ئادىلجان بلوگى» بولسا ئادىلجان ئابلىزنىڭ شەخسىي تور خاتىرىسى بۇلۇپ، ئاساسلىقى «تور خاتىرەم» شەكلىدە ئەتراپىمدىكى ئىشلار، شەيئىلەر، مائارىپ ھەققىدە ئويلىرىم، تېخنىكا ھەم-بەھىرلەش….. توغرىسىدا يېزىلىدىغان، تورداشلار بىلەن پكىرلىشىدىغان بىر سورۇن.
بىكەت قۇرۇشتىكى مەقسىتىم: ھايات ئىزنالىرىم ۋە ئوي-پىكىرلىرىمنى يېزىق شەكلىدە خاتىرلەپ قۇيۇش. 2012-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇلغان

بېكەت ئادېرىسى:adiljan.cn

 

——————————————————————–

* ئۇيغۇرلاردا ئىسىم فامىلىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، بۇگۈن مەن ئىسىم -فامىلىسى ماڭا ئوخشايدىغان يەنە بىر قېرىندىشىمنى ئۇچراتتىم، ئادىلجان ئابلىزنىڭ ئوچۇق -يورۇق مىجەزى ھەم خارەكتىرىمىزنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشى بۇ ئەسەرنىڭ سىزىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

10ئىنكاس چۈشتى

  1. پەرھات
    2013/10/19 سائەت 07:34:44

    ئاغىنەمنى تولىمۇ ئوخشىتىپ سىزىپسىز جۇمۇ ئاكا، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن

  2. مەلەك
    2013/07/25 سائەت 06:35:48

    بىر زامانلاردا يوق بوپ كەتكەن دولقۇن731، ئۆركەش قاتارلىق بلوگلارنىڭ ئاپتورى ئەسلى سىزكەنسىزدە!! بۇرۇنقى ئۆركەش بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بەك يارايتى پات پات ئەسلەپ قالاتتىم، سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
    ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن، بەكلا ئوماق سىزىسىز جۇمۇ رەسىمنى

  3. ئەنقا
    2012/12/27 سائەت 17:09:50

    ئىككى ئادىلجان بىر بوپتۇ، قۇلاقلىرى دۆڭ بوپتۇ…..

  4. روھلان
    2012/11/29 سائەت 18:59:37

    مۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بار دەڭ :lol:
    مەنمۇ مۇشۇ ئادىلجان دېگەن تور نامىنىڭ پېيىدا يۈرسەم ئىككىڭلار بىردىن ئۈلۈشۈپ ئېلىۋاپتىكەنسىلەر، خەپ دەپلا يۈرۈيمەن :razz:

    • ئادىلجان ئابلىز
      2012/11/30 سائەت 16:17:00

      ھىجايغان چىراي ئىپادىسى :grin: تەكشۈرسەم باركەن شۇڭا دەرھال ئېلىۋالغان. سىزچوڭ :razz: بولغاندىكى (ئادىلكا نۇقتا كوم )نى ئېلىۋېلىڭ. ئۇنى ئادىل مىجىت ئېلىۋالمىسۇن يەنە

  5. نۇرنىجات
    2012/11/28 سائەت 07:49:44

    توۋۋا مەن ساراڭ بوپ قالدىم!مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىككىڭلارنى بىرمىكىن دەپتىمەن!comتور نامىدىكى بلوگنى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا،cnتور نامىنى شەخسىي يازىدىغانغا قۇردىمىكىن دەپتىمەن.

    • نۇرنىجات
      2012/11/28 سائەت 07:52:10

      كاللام ئېلىشىپ كەتتىغۇ!بۇ يازمىنى ئوقۇۋېتىپ…

  6. 子强
    2012/11/27 سائەت 06:08:31

    什么时候也给我画一个啊。。。。。

  7. ئادىلجان ئابلىز
    2012/11/27 سائەت 03:28:55

    ھاھاھا، ئوخشىتىپسىز، رەھمەت

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز