Arthur Rackham نىڭ قىستۇرما سۈرەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-11 / سەھىپە: يازمىلار / ئوقۇلۇشى: 1,059 / 0ئىنكاس چۈشتى مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

 83025aafa40f4bfbe144780e034f78f0f636afc3783120ef 

Arthur Rackham نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

1867Arthur Rackham– يىلى 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى لوندوندا تۇغۇلغان تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئىشتىياق باغلىغان ھەم تەسەۋۋۇرىدىكى نۇرغۇن  خىيالىي رەسىملەرنى سىزىشقا باشلىغان. ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە لوندوندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يۇمۇرېستىك ھەم قىزىقارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرى مەكتەپتىكى ئوقۇتقىچىلارنى تېزلا ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ. ئۇ دەرسلەردە ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى سىزىپ ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

بىر قېتىملىق 3 ئايغا يېقىن ئاۋىستىرالىيە سەپىرىدە ئۇ نۇرغۇنلىغان سىزدام سىزما ئەسەرلىرىنى سىزىپ، كەسپىي رەسساملىق ساھەسىگە رەسمىي كىرىدۇ. 1884 – يىلى ئۇ لوندوندىكى Lambeth School of Art دېگەن كەسپىي گۈزەل – سەنئەت ئونىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ ھەم بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىستۇرما رەسىم ئەسەرلىرىنى سىزىپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ، كۆرگەزمىلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

1892 – يىلى ئۇ خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، شۇ دەۋىرلەردىكى داڭلىق قىستۇرما رەسسامى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇ 1900 – يىلغا كەلگەندە  مەخسۇس بالىلار قىستۇرما سۈرەت كىتابلىرىنى سىزىشقا باشلايدۇ، شۇ دەۋىرلەردە ئەڭ ھۇسۇللۇق قىستۇرما رەسسامى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن قىستۇرما رەسىم سەنئىتىدىكى خاسلىقنى تېخىمۇ پىششاقلاپ ماڭسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنياغا مەشھۇر بولغان «ئەيلىسنىڭ سەزگۈرەشلىرى»، «نىبۇلگىننىڭ ئۈزىكى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى سىزىپ چىقىدۇ ھەم مىيلان ئالتۇن مۇكاپاتى ۋە بارىسلىنودا بىرىنچى دەرىجىلىك كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.

1939 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە دۇنياغا ئەڭ مەشھۇر بولغان «سۆگەتزارلىقتىكى شامال ئاۋازى» ناملىق بىر يۈرۈش قىستۇرما رەسىملىك كىتابى نىشىردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەردە ئىنتايىن زور تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.

 

kj k io h g f d kk u影 z zh 飞 arthur-rackham-grimm-fairy-tales-12 arthur-rackham-grimm-fairy-tales-25

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز