مەن ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى: 2013-02-10 / ئوقۇلۇشى: 2,622

未命名

ئەسسىلامۇئەلەيكۇم بلوگىمنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى، كەمىنە ئادىلجان ئابلىزدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

كەمىنە 1971 – يىلى 1 – ئىيۇل قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغانمەن. باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپلەرنى تاماملاپ بولۇپ، 1987 – يىلى قاراماي شەھەرلىك دىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. مەكتەپنى 1990 – يىلى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، قاراماي شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە 4 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىلدىم. ئارىلىقتا شىنجاڭ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ رەسساملىق فاكولتېتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم.

1994 – يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» ئىدارىسىغا گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدىم. ئالاھىزەل 20 يىلغا يېقىن ئىشلەپتىمەن، 2014 – يىل 7 – ئايدا خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم.

بەلكىم ئاتا –ئانامنىڭ تەسىرى بولغاي مەندە كىچىكىمدىلا سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق يېتىلگەنىدى. شۇڭا رەسىم سىزىش، مۇزىكا ئاڭلاش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىق كەسىپلەر مېنىڭ ھاياتىمدىكى مەن تاللىغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشلارنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن.

ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۆيىمىزدە قويۇلغان كىتاب ئىشكاپىدىكى كىتابلارنىڭ ئاق بەتلىرىگە رەسىم سىزىپ ئوينايدىغان. (ئۇ چاغلاردا ئاق قەغەز بەك كەمچىل بولسا كېرەك) رەھمەتلىك دادام ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلىرىدىمۇ مېنىڭ ئەينى چاغدىكى سەبىي، گۆدەكلەرچە سىزغان «ئەسەلىرىم» ئورۇن ئالغانىدى.

يۇمۇرېستېك كىتابلارنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ خوش بولىدىغان كۆڭۈللۈك ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا بۇنداق كىتابلار ماڭا خېلى بۇرۇنلا تەسىر قىلغان. ھازىر ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىنىڭ يالدامىلىرىدىن قالغان سولچىللارنى تەنقىد قىلىش توغرىسدىدىكى ھەجۋىي رەسىملەر مېنى بەكلا قىزىقتۇرۇپتىكەن. شۇڭا مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە بولسۇن بۇنداق كىتابلارنى يېنىمدىن ئايرىماي كۆرەتتىم. كېيىن كۆچۈرۈپ سىزىدىغان، ھەتتا ئۆزگەرتىپ تەقلىد قىلىپ سىزىدغانمۇ بولدۇم. يىللارنىڭ ئۆتۈشى، مەندە ئۆز ئالدىغا ھەقىقىي ھەجۋىي رەسىم سىزىش ئىستىكى قوزغىلىشقا باشلىدى. ھەجۋىي رەسىمگە دائىر نۇرغۇن كىتاب، ژۇرناللارنى كۆردۈم. گەرچە بۇنداق كىتابلار خەنزۇچە بولسىمۇ، لۇغەت ئاختۇرۇپ مەنىسىنى چۈشەنگەنگە قەدەر ئىزدەندىم. دەرۋەقە مېنىڭ تۇنجى بىر يۈرۈش ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىم 1992 – يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

 x-1 x-2

  ئەسەرلىرىمنى ژۇرنال يۈزىدە كۆرگەندىن كېيىن مەندە بۇ كەسىپكە بولغان ئىشەنچ تېخىمۇ ئاشتى. بىكار تۇرماي ئىجادىيەت بىلەن شۇغاللاندىم. ئەسەرلىرىم ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى چىقىرىلىۋاتقان «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق  نۇقتىلىق گېزىت – ژۇرناللاردا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنشقا باشلىدى.

2001 – يىلى 21 – ئاپرېل قاراماي شەھىرىدە ۋە شۇ يىلى نويابىردا مايتاغ رايونلىرىدا تۇنجى قېتىملىق «ئادىلجان ئابلىز ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى» نى ئۆتكۈزدۈم. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 150 پارچە قول سىزما ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىم قويۇلغان بولۇپ، ئەنى چاغدا خېلى داغدۇغا قوزغىغانىدى. چۈنكى بۇنداق سەنئەت تۈرىنىڭ قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىشى تۈنجى قېتىم ئىدى. نۇرغۇن كۆرۈرمەنلىرىم ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ ھەيران قىلىشسا، يەنە بىر تۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى. بەزىلەر ئەسەرلىرىمنىڭ مەزمۇنىنى پەقەت چۈشەنمىگەنىدى.

 m-1 m-2 k-1

 بىر نەچچە يىلدىن كېيىن مەندە تۇيۇقسىز پورتېرت ھەجۋىي رەسىمى سىزىش ئىشتىياقى قوزغالدى. چەت ئەلنىڭ پورتېرت سەنئىتىگە دائىر نۇرغۇن ماتېرىللارنى كۆردۈم ھەم ئۇلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى، يېڭىلىقلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندىم. تۇرۇپ مەنمدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر چولپانلىرىنىڭ پورتېرت ھەجۋىي رەسىمىنى سىزىش ھەۋىسى قوزغالدى. باشتا قېرىنداش، سۇ بوياقلاردا سىزىپ باقتىم. سىزغانلىرىم خەلقئارالىق پورتېرت رەسىم سەنئىتىگە ئازىراقمۇ يېقىنلاشمىدى ئەكسىىچە بەدئىيلىكى گەۋدىلەنمىدى. خەلقئارادىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى زادى نېمىدە سىزىدىغاندۇ دېگەن سوئال كاللامنى چىرمىۋالدى. كېيىنچە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ سېفىرلىق سىزىش تاختىسىدا سىزىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. 2008 – يىلى سېفىرلىق سىزىش تاختىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. قارامايدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ ئارىدىن دەل  9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر يۈرۈش يېڭىچە ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىم ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى سېفىرلىق رەسىم سىزىش تاختىسىدا سىزىلغان بولۇپ، ئاساسەن پورتېرت ئەسەرلىرى ئىدى.

2010 – يىل 6 – نويابىر «شەرق – غەرب گۈزەل سەنئەت سارىيى» ھەم « غەربىي دىيار ئۇسلۇبى گالېرىيىسى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاساسىدا «ئادىلجان ئابلىز ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى» نى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدۈم.

 k-3 k-2

   خوش، ئەمدى ئەسەرلىرىمنى رەتلەپ كىتاب قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇپتىمەن. ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە نەشرياتلارغا كىتاب چىقىرىش تەكلىپىمنى بەردىم ھەتتا بىر نەچچە ئۈلگە كىتابنىمۇ ئۇلارغا بەرگەن بولدۇم بىراق ئۇلار «ئەتە، ئۆگۈن…» دېگەندەك باناھ – سەۋەبلەر بىلەن كىتابىمنى چىقىرىپ بەرمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمچە ئەسەرلىرىمنى رەتلەپ كىتاب قىلىپ تۈزۈپ قويدۇم.

 kitab-1 kitab-2 kitab-3

   ۋاقتى – سائىتى كەلگەندە بۇ كىتابلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ قولىغا تېگىدىغىنىغا ئىشەنچىم كامىل.

2ئىنكاس چۈشتى

  1. cartoon
    2015/01/18 سائەت 09:21:24

    ئەلۋەتتە بولىدۇ :razz:

  2. سەيياھ
    2014/05/24 سائەت 15:24:43

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بىلەن دوس بولۇش ئويۇم بار ئىدى،بىلمىدىم قولڭىزنى ماڭا ئۇزۇتۇشقا رايىڭىز بارمىكىن……
    ئالاقە:كوت كوت،ئۈن دىدار:1229718685،تېلېفۇن:18699862800

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز