رىشات نائىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن (خوتەن قەغىزى)

يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-17 / سەھىپە: تاغدىن - باغدىن / ئوقۇلۇشى: 1,203 / 1ئىنكاس چۈشتى مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

ياش خەتتات رىشات نائىل 1969 – يىل 9 – ئاينىڭ 14-  كۈنى ئالتاي شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسىرلار  مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قاراماي  شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. تالانتلىق ياش خەتتات  رىشات نائىل؛1987 – يىلىدىن  باشلاپ  تۇنجى ئۇستازى ئاتىسىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە قەدەم  قويغان .   ئۇنىڭ  400  پارچىدىن   ئارتۇق  خەتتاتلىق   ئەسىرى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى  گېزىت –  ژۇرناللارد ا  ئېلان  قىلىنغان   ئۇنىڭ خەتتاتلىق   ئەسەرلىرى   بىرىنچى ،  ئىككىنچى ،  ئۈچىنچى   بولۇپ باھالانغان ھەمدە « قارا ياقۇت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

رىشات نائىلنىڭ خەتتاتلىق ئىش- ئىزلىرى 1993 -يىل 11- ئاينىڭ 23 –   كۈنىدىكى «شىنجاڭ نېفت گېزىتى» دە تونۇشتۇرۇلغان. 1999-  يىل 9- ئاينىڭ 9-  كۈنى قارامايد ا ئۆز  ئالدىغا  خەتتاتلىق  ئەسەرلىرى  كۆرگەزمىسى  ئاچقان . ئۇ  2000 – يىلى شۆھرەت پازىل   بىلەن مايتاغدا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان . رىشات نائىلنىڭ  خەتتاتلىق   ئىش-  ئىزلىرىنى  مايبۇلاق   ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4 – سانىدا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ ئاپتونوم  رايۇنلۇق  خەتتاتلار  جەمئىيىتى ۋە   قاراماي  شەھەرلىك  خەتتاتلار  جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

 

1ئىنكاس چۈشتى

  1. روسلان
    2012/12/02 سائەت 04:46:38

    ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ،ئەمسە خىجىل بولماي ھەممىسىنى ساقلىۋالدىم :grin:

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز