ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺰﯨﺖ – ژۇرﻧﺎﻟﻼردﯨﻜﻰ روﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎڭ
ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺰﯨﺖ – ژۇرﻧﺎﻟﻼردﯨﻜﻰ روﻟﯩﻐﺎ
ﺳﻪل ﻗﺎرﯨﻤﺎڭ
ﺋﺎدﯨﻠﺠﺎن ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ
«ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﭘﺎرﯨﺴﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن ﺳﯚزﻟﯜك ﺑﻮﻟﯘپ، ﻳﯘﻣﯘر، ﻣﯘﺑﺎﻟﯩﻐﻪ، ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻣﻪﻧﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ 15- ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﻳﺎۋروﭘﺎدا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪت ﺷﯩﻨﺨﻪي ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪن. دۆﻟﻪت ﺋﺎزات ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪا ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯘﻧﺪاق زور ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪۇراﻟﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳﯩﺰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ رەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرۇپ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮ زادى ﻧﯧﻤﻪ؟
ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ – رەﺳﺴﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﺎق ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪز ﻳﯜزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﯘرﯨﺴﺘﯧﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪۇر. ﺋﯘ – ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﺋﻪﺧﻼق ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪا ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﭘﻪﻳﻼﺳﻮپ، ﺋﯘ – ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﭻ- ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮن. ﺋﯘ − ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎر ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯚﻛﯜپ، ﺗﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ رەدﯨﻴﻪ ﺑﻪرﮔﯜﭼﻰ «ﻗﺎﻣﭽﺎ». ﺋﯘ – ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﮬﻪم ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺋﻮزۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، روﮬﻰ ﺋﺎزاﺑﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪزﯨﻠﻜﻪﺷﺘﯘر. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺗﯜرﯨﻨﻰ ﺧﯘﻻﺳﯩﻼپ، «ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﺴﺎم ، رەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻزﯨﻢ» دەپ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﯩﻜﻪن
ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺗﺎر داﺋﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﯜزﻟﻪﻧﺪۈرۈپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺗﯚر» دﯨﻦ ﺋﻮرۇن ﺑﻪردى. ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﮔﯧﺰﯨﺖ – ژۇرﻧﺎﻟﻼر ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪۋەر ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻗﺎۋا، ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺑﺎش ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇپ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﮔﯧﺰﯨﺖ – ژۇرﻧﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ رەﯕﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﺳﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «دەردى» ﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇﻻپ ﻛﯚرۈﺷﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ زور ﺳﻪﮬﻨﻪ ﮬﺎزﯨﺮﻻپ، ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪ ﮬﻪم رەدﯨﻴﻪ ﺧﺎرەﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب – ژۇرﻧﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺗﯜرﻛﯜﻣﻠﻪپ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ، دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﮬﯧﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ.
ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﺋﻮﺑﺰور ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻳﺎزﻣﺎ ﺋﻮﺑﺰورﻻرﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺧﯧﻠﯩﻼ كۆپ تەرەپلەردىن ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﺎزﻣﺎ ﺧﻪۋەرﻟﻪردە ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ-ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ، ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﻣﻪﺧﺴﻪت – ﻣﯘددﯨﺌﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻼر ﺑﺎﻳﺎن ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻣﯘ ﺋﯩﺨﭽﺎم ﮬﻪم ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪا دەرﮬﺎل ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﻪزﯨﺪە ﺧﻪۋەرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺑﺎﻏﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﻤﻼ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮى ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪردە ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﯘش، ﺑﯩﺰار ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪك روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ رەﺳﯩﻤﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪن ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚرۈش ﺳﻪزﮔﯜﺳﯩﺪە ﺑﻪدﺋﯩﻴﻠﯩﻚ، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻣﻪﻧﺎ، ﻳﯘﻣﯘرﯨﺴﺘﯧﻚ ﺋﻮﺑﺮازﻻر ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚرۈش ﺳﻪزﮔﯜﺳﯩﺪە دەرﮬﺎل غىدىقلىنىش پەيدا قىلالايدۇ-دە ئۇلاردا بەلگۈلۈك ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺶ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪۇ.
يېقىندا «شىنجېن كەچلىك گېزىتى» نىڭ باش بېتىگە مەلۇم بىر دۆلەت كادىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى پەش قىلىپ مۇخبىرنى ھاقارەتلەپ قول تەگكۈزگەنلىك خەۋىرى بىلەن «سېنى ئۇرسام نېمە بوپتۇ» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى تەڭلا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەر جەمئىيەتتە ئىنتايىن تېز تارقىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مۇخبىرنى ھاقارەتلىگەن ھەم ئۇرغان ھۆكىمەت خادىمى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەم بۇ ئىش ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ بۇ كادىرغا بۇ ئىش سەۋەپلىك مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
يەنە بىر خەۋەردە شەنشىدىكى مەلۇم بىر بۇتخانىنىڭ ئىسىمى «بايلىق ئىلاھى بۇتخانىسى» بولۇپ، يېقىندا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ بۇتخانىنى بازارغا سېلىپ تىجارەت ئورنى قىلىۋالغان. بۇ ئىش سەۋەپلىك «شىنخۇا تورى» «بايلىق ئىلاھى بۇتخانىسى، بۇتخانا ئەمەس مەنزىرە رايونى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئەسەرنى ئېلان قىلغان، نەتىجىدە ئويلىمان يەردىن نۇرغۇن جامائەت پىكرى توپلىنىپ، بۇ بۇتخانىنىڭ ئەسلى نامى ساقلىنىپ قېلىنغان. بۇنىڭدەك مىساللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئومۇمەن ئېيتقاندا ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ ھازىر ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى ئاساسلىق تاراتقۇلاردىمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىنستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلىدا رىياسەتچىنىڭ چوڭ ئېكراندىكى بىر پارچە ھەجۋىي رەسىمنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، خەۋەرنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى رىياسەتچىلەرنىڭ بەزى بىر لوگىكىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە ھەجۋىي رەسىم ئەسىرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالىمىز. دېمەك ھازىر ھەجۋىي رەسىم رەسساملىق سەنئىتى ئىچىدىكى يۈكسىلىۋاتقان ھەم ئىنتايىن تېز تېرەققىي قىلىۋاتقان بىر تۈر دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا مەيلى دۆلىتىمىزدە بولسۇن ياكى چەت دۆلەتلەردە بولسۇن، ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى كىشىنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بەزى بىر گېزىت – ژۇرناللاردا ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى تۈرىگە ئورۇن بېرىلىپ، ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتىدۇ. دېمەك بۇ بىر يېڭى باشلىنىش، ئىشىنمەنكى ئاپتونۇم رايونىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان گېزىت – ژۇرناللاردا ھەجۋىي رەسىم سەنئىتىنىڭ تۇنجى مايسىلىرى بىخ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇزاققا بارماي ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى ئەسەرلىرىنىڭ تەرەققىياتى رايونىمىزدىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگۈسى.