ئۇيغۇر قىزى (كارتون ئوبراز)

يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-15 / سەھىپە: ئەسەرلىرىم / ئوقۇلۇشى: 2,221 / 6ئىنكاس چۈشتى مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

بۇ ئۇماق كارتون قىزنى Photoshop&Wacom دېتاللرى بىلەن تەخمىنەن  ئىككى ئاخشامدا سىزىپ چىقىپتىمەن، سىزىش جەريانىدا پايدىلىنىش ماتېرىيالى كەم بولغانلىقتىن مۇشۇنچىلىكلا بېزەلىدىم. بىزدە ھازىر مۇشۇنداق ئۇسلۇبتا سىزىلغان كارتونلار بەكلا كەم، بۇنداق كارتونلارنى باشقا كەسپداشلىرىمنىڭمۇ سىزىپ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى كارتون ئوبرازلار قانچە كۆپ بولسا ئادەمدىكى ئىلھاممۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

 

پايدىلانغان سۈرەت:

6ئىنكاس چۈشتى

  1. داداش
    2013/02/08 سائەت 08:33:05

    ھەقىقەتەنمۇ ئوماق ۋە يېقىشلىق چىقىپتۇ. قىزىم بۇنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.

  2. سەزگۈر
    2012/11/12 سائەت 13:07:02

    ماۋۇ ئەسەرنى بىرەر يەردە ئىشلەتسەك ئىجازەتمۇ يا؟؟ سىلە بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟

    • admin
      2012/11/22 سائەت 15:33:19

      ئىلىتىۋالمىسۇن دەپ تامغا بېسىپ قويغان، ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئەسلى ئورگىنلانى ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ :lol: چچ:274343404

  3. كۆنچى
    2012/10/17 سائەت 14:45:03

    مۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشنى ئىستەيمىز…. (سەل ھاياجانلىنىپ قالغان چىراي ئىپادىسى)

  4. ئەردەمئاي
    2012/10/16 سائەت 21:53:37

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىل ئاكا :
    ئاخىرى شەخسى بلوگىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق ، مۇبارەك بولسۇن !!!!

    بۇ رەسىم بۈگۈن ئەتتىگەن ياقى فىيىسبوك دىگەن ئىجتىمائىي ئالاقە توربىتىدە قاتتىق نام چىقىرىپ داڭلىق بولۇپ كەتتى ، كىم سىزغاندۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ بلوگنى تىپىۋالدىم . :) ئەمدى داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن:)

    بىر قارىسام يۈزىنىڭ دوملاقلىقى ، كۆزىنىڭ يوغانلىقى ماڭا ئوخشاپ قاپتۇ …. ھى ھى ھى

    ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

    بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن ئائىلىڭىزگە ئوتلۇق سالام !!! ھەممىڭلارنى بەك سېغىندۇق :»(

  5. خۇشنۇت
    2012/10/16 سائەت 01:42:30

    بەك پەيزى سىزىلىپتۇ . مۇشۇنداق رەسىملەر كۆپىرەك بولغان بولسا بىزگىمۇ كۆپ پايدىسى بۇلاتتى .

مەنمۇ ئىنكاس يوللاي

تەخەللۇسىڭىز *

ئېلخېتىڭىز *

بېكىتىڭىز