«جياميەن» يەمسىز، بىر چوكا؟
مۇشۇ «جياميەن» دېگەن ئاتالغۇنىڭ نىڭ ئۇيغۇرلارغا خۇددى يەرگە سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئويلىسام ھەيران قالىمەن. ئېسىمنى بىلسەم بۇرۇنلاردا ئاشخانىلاردا بۇنداق گەپ بولمايدىغان، قاچاندىن بېرى پەيدا بولغىنىنى تېخىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ھازىر ئاشخانىلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن «جياميەن» دەپ ۋاقىرىشىنى ئاڭلىسام كۈلگىم كېلىدۇ. بۇنىڭغا مۇلازىملار ۋە ئاشپەزلەمۇ بەك كۆنۈپتۇ. ھەتتا سىز مۇلازىمەتچىلەرگە ئۇيغۇرچە « -ماڭا ئازىراق ئاش قوشۇپ بېرىڭ ياكى يەنە بىر چوكا يەي…» دەپ تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا چۈشەندۈرسىڭىزمۇ مۇلازىملار گېپىڭىزنى ئاڭقىرالماي «جياميەنما؟» دەپ قويىدۇ تېخى [emot]003.gif[/emot] شۇڭا دەيمەن بۇ «جياميەن» دېگەن گەپنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا شۇنداق چىرايلىق ئاتالغۇلىرى تۇرسا نېمىشكە كارنىيىمىزنى قىرىپ «جياميەن» دەپ توۋلايدىغانمىز دەيمەن…
2012/10/16 سائەت 14:35:12
“ ئاق ئاش “ دەپ ئىشلىتىۋاتىمىزغۇ ھازىر ؟ سەن بىلەن بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ شۇنداق ۋاقىراپ بەرسەك ئۈگىنىدۇ باشقىلارمۇ . ھە راسىت ، ئاق ئاش دەۋىرىپ سەمىرىۋالما جۇمۇ !
2012/09/29 سائەت 11:21:49
سەۋەبى سىزگە دىسەم بىزنىڭ يات مىللەت نىڭ سۆزلىرنى ئىشلىتىۋىرىپ كۆنۇپ قالغانلىقىمىزدا