دوختۇرخانىدا ئۆتكەن كۈنلەر…
ئۆتكەن يىلنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا ساقسىز بولۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە بالنىتسېدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، شۇ ئىش تۈپەيلى بلوگىمغىمۇ تۈزۈك ئەسەر يوللىيالماي ئىچىم تازا سىقىلدى. بالنېتسىدا ياتقان چاغلىرىمدا دوختۇرلىرىم بىلەن بەكلا چىقىشىپ كەتتىم، بولۇپمۇ ناركوز بۆلىمىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ دوختۇرلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدىم. دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا دوختۇرلار مېنىڭ رەسىم سىزىش «ھۈنۈرىم» بارلىقىنى بىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەجۋىي پورتېرتلىرىنى سىزىپ بېرىشىنى ھەمدە ناركوز بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس «ناركوز بىلىملىرى قوللانمىسى» توغرىسىدا كىتاب تۈزمەكچى بولغانلىقىنى، بۇ كىتابقا نۇرغۇن ھەجۋىي قىستۇرمىلىرىنىڭ سىزىلدىغىنىنى ماڭا ئېيتتى. مەن ناركوز بۆلۈمى باشلىقىغا ئۆزۈمنىڭ ناركوز توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىمنى، بۇ كەسىپنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ناركوز قوللانمىسىغا قىستۇرما سىزىپ بېرەلەيدىغانلىقمنى ئېيتتىم. بۆلۈم باشلىقى «ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز ناركوز بۆلىمىنى بىرەر ھەپتە زىيارەت قىلىپ كۆرۈڭ، بىلمىگەنلىرىڭىزنى بىزدىن سوراڭ، نەچچە كۈندىلا چۈشىنىۋالىسىز» دەپ ماڭا ناركوز بۆلىمىگە خالىغانچە كىرىپ – چىقىش ئىجازەتنامىسىنى بەردى. بۇ ئىش مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى. چۈنكى مەندە بۇرۇندىنلا ناركوزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ناركوز بۆلىمىدە ئىشلەيدىغانلار قانداق خىزمەت قىلىدىغىنىنى، بىمارلارنى قانداق ناركوز قىلىدانلىقى توغرىسىدىكى خىياللار ھەم پۇرسەت بولسا بىرەر قېتىم كۆرۈپ باقسام دەيدىغان قىزىقىش بار ئىدى.
خوش، ئۇنداقتا يېشىل خالاتنى كېيىپ ناركوز بۆلۈمىنى زىيارەت قىلىشنى باشلىۋەتتىم. پاھ!… ناركوز بۆلىمىنىڭ ئىچى نېمە دېگەن چوڭ -ھە! ناركوز بۆلۈمىدىكى كارىدورلارنىڭ كەڭلىكى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زامانىۋىيلىقى، يورۇق – ئازادىلىقى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. نۇرغۇن زامانىۋىي ناركوز قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كۆردۈم ئاساسەن ھەممىسى كومپيۇتېردا باشقۇرۇلىدىكەن. خىيالىمدا تېخى ناركوز دوختۇرلىرى ئادەتتىكى بىر ئېغىز ئۆيدە ئولتۇرۇپلا بىمارنىڭ كاسسىسىغا ناركوز ئوكۇلىنى سانجىپلا ئايلاندۇرىۋېتىپ «قاسساپ»لارغا تاپشۇرۇۋېتىپ ئۆز ئىشىنى قىلامدىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن…نەدىكىنى ناركوز دوختۇرلىرى بىمارنى ناركوز قىلغاندىن باشلاپ تا ئوپىراتسىيە تۈگىگىچە بولغان ئارلىقتا بىمارنى كۈزۈتۈپ، بەدەندىكى ناركوز مىقدارىنى تەڭشەپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ئولتۇرىدىكەن ئەمەسمۇ….نۇرغۇن ئىشلارنى بەكمۇ ئاددىي ئويلاپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە ناركوز دوختۇرىنىڭ بىر مەيدان ئوپىراتسىيەدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ ھەم مۇھىمكەن ئەمەسمۇ.
ئاللا، ئاللا…. مانا كۆرۈڭ، مانا زىيارەت قىلىڭ…. ئادەم سويۇشنى باشلىۋەتتى مانا، نەق مەيداندىكى ئوپىراتسىيىنى كۆرۈپ پۇت – قولۇمدا جان قالمىدى، يېشىل خالاتنى كىيىۋېلىپ ماسكىنى پىشانەمگىچە تاقىۋېلىپ ئۇيەر – بۇ يەرلەردە تىمسىقلاپ يۈرۈپ، بىر نەچچە كۈننى ئاران ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ بىرەر ھەپتە توشمايلا ناركوزغا مۇناسىۋەتلىك ئەمىلىي بىلملەرنى كۆرۈپ كۆزۈم خېلى پىشىپ قالدى. دوختۇرخانىدىن ئايرىلىدىغان چېغىمدا بۆلۈم باشلىقى ماڭا ئۆزلىرى تۈزمەكچى بولغان كىتاب ئورگىناللىرىنى ماڭا بېرىپ قەلەم ھەققىنى سۆزلىشىپ بېكىتتۇق، قارىسام 100 پارچىغا يېقىن ماقالىكەن (خەنزۇچە) بۇنى ئېلىپ بىردىن بىردىن ئوقۇپ قىستۇرما سىزىشنى باشلىۋەتتىم. تۆۋەندىكى ئەسەرلىرىم دەل شۇ ماقالىلارغا سىزىلغان قىستۇرمىلىرىمنىڭ تاللانمىلىرى…
قىستۇرمىلار پۈتۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ناركوز بۆلۈمى باشلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە بۆلۈمدىكى بارلىق دوختۇرلارنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى سىزىپ بەردىم.
2015/02/11 سائەت 05:41:22
ئىنكاس يېزىشنى باشلاڭ…ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلجان ئاكا بەك ئېسىل سىزىپسىز ، ئاللا ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
2015/01/07 سائەت 18:42:56
ھەجەپ ئوخشىتۋىتىپسىز.
2014/11/01 سائەت 19:04:40
سالام ،ئادىلجان ئەپەندىم قۇلىڭىزنىڭ چىۋەرلىكىنى بۈرۈنلا بىلەتتىم بۇ قېتىم يۇقارقى رەسىملىرىڭىز يەنە سىزگە بولغان قايىللىقىمنى تۈنۈتتى سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى تېخىمۈ تىرىشڭ ئىگىمىز سىزگە ىاتتا مەرتۋە تۈگىمەس ئىلھام بەرگەي مۈمكىن بولسا تەربىيلەشنىمۈ ئىشلىسڭىز بىر تۈركۈم ئۇيغۈر ياشلىرى يىتىشىپ چىققان بۈلاتتى ھەم ئۇيغۈرلار ئەكىس ئەتكەن ئەسەرنى ئىشلىسكەن دىگەن ئۈمۈدۈم بار
2014/11/01 سائەت 19:03:53
سالام ،ئادىلجان ئەپەندىم قۇلىڭىزنىڭ چىۋەرلىكىنى بۈرۈنلا بىلەتتىم بۇ قېتىم يۇقارقى رەسىملىرىڭىز يەنە سىزگە بولغان قايىللىقىمنى تۈنۈتتى سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى تېخىمۈ تىرىشڭ ئىگىمىز سىزگە ىاتتا مەرتۋە تۈگىمەس ئىلھام بەرگەي مۈمكىن بولسا تەربىيلەشنىمۈ ئىشلىسڭىز بىر تۈركۈم ئۇيغۈر ياشلىرى يىتىشىپ چىققان بۈلاتتى ھەم ئۇيغۈرلار ئەكىس ئەتكەن ئەسەرنى ئىشلىسكەن دىگەن ئۈمۈدۈم بار
2014/09/02 سائەت 14:59:28
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،نېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشڭىزغا تىلەكداشمەن
2014/08/13 سائەت 08:01:38
ششىنجاڭ ياشلىرىدىكى زىيارەت ماقالىسىنى ھېلى ئوقۇپ تۈگەتتىم،بەزى سەنئەتكارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ ئاچچىق كۈلدۈم،ئۆزىنى دۆلەتلىك پالانچىنچى دەرىجىلىك ئارتىس ،پالانداق شۆھرەتكە ئىگە سەنئەتكار دەۋېلىشقان بىلەن مۇشۇنچىلىك ئەقەللىي بىر دۇنياۋىي ساۋاتنىمۇ چۈشەنمىگىنىنى كۆرۈڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەنئەتكار دەپ كەتكەتكىلى بولمايدۇ، ئارتىس دەپلا ئاتاش كېرەك. سەنئەتكار بەك چوڭ ئاتالغۇ.
2014/08/04 سائەت 20:08:03
ئالدى بىلەن ئەسەرلىرىمگە بەرگەن باھارىڭىزغا رەھمەت ئېيتىۋېتەي، ئەمەلىيەتتە بۇنداق رەسىملەرنى سىزىدىغانلار رايونىمىزدا بەك كەم، بەلكىم قەلەم ھەققى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن سىزىدىغانلارمۇ كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. مەنمۇ كۆپ قەلەم ھەققى تەلەپ قىلمىدىم، ئۆزلىرى دېگەن باھاغا ئازراقلا قوشتۇم
شۇ…
2014/08/04 سائەت 09:01:18
بۇندىن 3 يىل مۇقەددەم قەشقەردىكى بىر ئامبولاتورىيەنىڭ تام تەشۋىقلىرىنى ئىشلىگەندە كارتون ئوبرازلارغا ھاجىتىمىز چۈشۈپ ، پەقەتلا ئۇيغۇر كارتون رەسسامى تاپالماي ئىچكىرىدىكى بىر خەنزۇغا سىزغۇزغانىدۇق. خېرىدار قاخشاپ تۇرۇپ يۇقىرى ھەق بېرىپ ئىشلەتكەن. شۇ مىنۇتلار يادىمغا كەلدى. بۇ رەسىملەر خەنزۇنىڭكىدىن كۆپ جانلىق چىقىپتۇ.