Flash دېتالىدا سىزىلغان ئەسەرلىرىم
يۇقۇردىكىFlash دېتالىدا سىزىلغان ئەسەرلەرنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەشق ئورنىدا سىزىپ باققانىدىم. بەزىلىرى تېنچ، بەزىلىرىنى ھەرىكەتلىك قىلىپ ياساپ باقسام تازا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئوبرازلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يوللاپ قويدۇم
كېيىنكىسى: بارى، ئالغا!!!
2013/03/24 سائەت 08:29:59
ھەركەت بەرگەنلىرىنى رىۋايەتتىكى كارتونچىلارغا يوللاپ بەرسىڭىز ئاشۇلار تۈزەتسىمۇ بوپتىكەن ..ئامما كۆرۈنىشى ئادەمنى جەلىپ قىلىدىكەن .تىلىۋوزورلاردا پات -پات كۆرۈپ تۇراتتىم ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كارتونلارنى …
2013/03/05 سائەت 06:37:50
مەنمۇ ئادەتتە كارتون ئىشلەشكە بەق قىزىقىمەن ،ئاۋۇ ئابدۇكىرەمجان بىلەن تۆمۈرخان نىڭ كۆرۈنۈشلىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ ،شۇنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى…يا بولمىسا ئەسلى ھۆجىتىنى يوللاپ بەرسىڭىزمۇ مەيلىتى..
2013/03/05 سائەت 17:15:09
سىز دېگەن ئابدۇكېرىمجان بىلەن تۆمۈرخاننىڭ رەسىملىرى «بۇزۇق تېلېۋىزور» ناملىق ئىتوتقا ئىشلىگەن كارتون ئوبرازلار، بۇ ئوبرازلارنى مەن كارتون فىلىم شەكلىدە ئىشلەپ باققان، بىراق تولۇق ئەمەس، شۇڭا ئىشلىگەن فىلىمىمنىڭ مەلۇم يېرىدىن كېسىپلا چاپلاپ قويغان.
2013/02/28 سائەت 15:25:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشى چىقىپتۇ
2013/02/26 سائەت 15:55:11
ئادىلكام نىڭ ئەسەرلىرىنى كۈرۈپ بولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ سىزغانلىرىنى بىلگۈدەك بۇلۇپ كەتتىم، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشمۇ ماڭا نىسپەتەن بىر ھۇزۇر ھىساپلىندىغان بۇلۇپ قالدى. كارتۇن سارىڭى بولدىممكىن تاڭ ..
ئادىلكا ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرغايسىز .
2013/02/26 سائەت 15:54:12
ئادىلكام نىڭ ئەسەرلىرىنى كۈرۈپ بولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ سىزغانلىرىنى بىلگۈدەك بۇلۇپ كەتتىم، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشمۇ ماڭا نىسپەتەن بىر ھۇزۇر ھىساپلىندىغان بۇلۇپ قالدى. كارتۇن سارىڭى بولدىممكىن تاڭ .. .
2013/02/25 سائەت 11:47:10
ھەرىكەت بەرگەنلىرىم تازا كۆڭۈللۈك بولمىدى، ھەم بەكلا چالا، شۇڭا خام نەرسىلەرنى يوللاپ كەيپىڭلارنى ئۇچۇرۋەتمەي دەپ يوللىمىدىم
2013/02/25 سائەت 07:14:52
بەزەنلىرىگە ھەرىكەت بەرگەندەك قىلىسىز . شۇلارنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز كۆرۈپ ھوزۇرلانساق بوپتىكەن.