-
2008/08/21
Paypalغا تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى
paypal خەلقئارالاشقان بىرلەشمە ھەق تۆلەش شەكلى بولۇپ، دۇنيادىكى 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇنلار بىلەن توردا بىۋاستە پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق تور ماگىزىنى Ebay يولغا قويغان تۈر بولۇپ، توردا مال سېتىش- سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق پۇل تۆلەش ۋاستىسى قىلىنغان. نۆۋەتتە paypal پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ پۇل- مۇئامىلە، بانكا ساھەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى VISA بەلگىسى بار ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بىلەن كىرىم- چىقىم مەشغۇلاتى قىلالايدىغان ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىشلىتىلىۋاتقان 16 خىل پۇل (جۇڭگو يۈەنى ئۇنىڭ سىرتىدا) قىممىتىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىۋاستە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا ۋە باشقىلارغا ئوخشىمىغان پۇللارنى راۋان يوللاشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكا دوللىرىنى ياۋروپادىكى بىر دوستىڭىزغا ياۋرۇ ھالەتتە ئەۋەتەلەيسىز.
paypal جۇڭگوغا نىسبەتەن مەخسۇس تۈر بېكىتكەن بولۇپ ئۇ «جۇڭگو پايپال»، خەنزۇچە 贝宝 دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ پەقەت جۇڭگوغىلا قارىتىلغان تۈر بولۇپ پەقەت ۋە پەقەت خەلق پۇلىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. پۈتۈن كىرىم- چىقىم مۇلازىمىتى ھەقسىز بولىدۇ. بۇ خەلقئارالىق پايپال بىلەن بولغان ماھىيەتلىك پەرق ھىسابلىنىدۇ.
تۆۋەندە مەن خەلقئارالىق paypal غا تىزىملىتىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك جايلارغا جۇڭگو پايپال ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ قويىمەن:تۆۋەندىكى تىزىملىتىش ئادرىسىغا كىرىڭ
https://www.paypal.com/row/mrb/pal=YE6MUZ8GZCMM4جۇڭگو پايپالغا تىزىملىتىش ئۈچۈن https://www.paypal.com/cn غا كىرىڭئەگەر ئىنگلىزچە چىقىپ قالسا ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىل ئالماشتۇرۇش تۈرىدىن خەنزۇ تىلىنى تاللاڭ (جۇڭگو پايپالدا بۇ تۈر چىقمايدۇ).داۋامىنى بىلىك كولۇبىدىكى ئەسلى يازمىدىن كۆرۈڭ
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=11851随机文章:
评论
مەن بانكا كارتىسغا باغلىدىم . يەنى جۇڭگۇ سودا - سانائەت بانكىسنىڭ كارتىسغا باغلىدىم
ئېغىر كۆرمىسىڭىز ماڭا يەنە بىر ياردەم قىلىپ ، قايتا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز. ؟!
ئاۋارە قىلدىم .
مەن ئەڭ ئاخىرىغا بېرىپ بانكا كارتىسى بىلەن باغلىيالمايۋاتىمەن .
سىزنى بىلوگىمغا قوشۇۋالدىم ، ئەگەر خالىسىڭىز مېنىڭ بىلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ.
مەن بۇ جەھەتتە جىق بىلىمگە ئىگە بولمىساممۇ ، لېكىن ئۆگىنىشنى خالايمەن.
بىلوگ ئادرىسى : http://uetmux.blogbus.com
بىلوگ تۇغ ئادرىسى: http://uetmux.blogbus.com/files/12197876000.gif
سىزنى بىلوگىمغا قوشۇۋالدىم ، ئەگەر خالىسىڭىز مېنىڭ بىلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ.
مەن بۇ جەھەتتە جىق بىلىمگە ئىگە بولمىساممۇ ، لېكىن ئۆگىنىشنى خالايمەن.