-
2008/07/14
تور بەت ياكى بلوگىغا alimama ئېلانى قويغۇچىلار سەمىگە - [alimama بىلىملىرى]
تور بەت ياكى بلوگىغا alimama ئېلانى قويغۇچىلار سەمىگە
ھازىر Google ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قىيىنلىقى تۈپەيلى كۆپىنچە تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگرلار alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ قۇيىۋاتىدۇ .
alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش ئاسان، ئۇنى تور بەت ياكى بلوگقا قۇيۇشمۇ ئاسان، كود تەڭشەش ئۆزگەرتىش كەتمەيدۇ . ئەمما كىرىم جەھەتتە Google ئېلانىغا يەتمەيدۇ، بىر چېكىلىشى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0.11 يۈەن ، يۇقىرى بولغاندا 1.00 يۈەن بولىۋاتىدۇ ( مېنىڭكىدە شۇنداق) .
ئەمدى سىز alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىڭىزگە ياكى بلوگقا قۇيىۋالسىڭىزلا بولامدۇ؟
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، چوقۇم تاپقان پۇلىڭىزنى ئالىدىغان ئورۇن ياكى تور بەت بولۇشى كېرەك .
alimama پۇلنى alipay تور بانكىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىدۇ ، شۇڭا alipay ھېساباتىڭىز بولۇشى كېرەك . alipay ھېساباتىڭىز بولغاندىمۇ چوقۇم گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك بولمىسا پۇلنى يەنىلا ئالالمايسىز .
شۇڭا ئالدىراپ alimama ھېساباتىڭىزنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتمىگەن alipay غا باغلاپ سالماڭ، بىكار قىلىش سەل تەسرەك .( مەن ئىلگىرى شۇنداق قىلپ قۇيۇپ ، ئۇلارغا نەچچە رەت بانكا كارتام يوقاپ كەتكەن، قايتىدىن alipay غا تىزىملاتماقچى ئىدىم دەپ يۈرۈپ ئاران بىكار قىلدۇرغان ) .
سىز پۇلنى تېپىۋېرىڭ، alimama ھېساباتىڭىز توختاپ قالمايدۇ، alipay نى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن باغلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
سىز بىلىك كولۇبى ياكى ئىنتىل سەيناسىغا كىرسىڭىز alipay ھېساباتىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە تېما بار ، ئەگەر يەنىلا قىلالمىسىڭىز ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىڭىز مەزكۇر يازما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭز بولىدۇ .
مەن پات يېقىندا alipay ھېساباتىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە سۈرەتلىك قىلىپ يازما يولىشىممۇ مۇمكىن .
بۇ ھەقتىكى يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشەي دېسىڭىز نەزىرىڭىز يوليار بلوگدىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن .
评论
قايتا قايتا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، تەستىقلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
كارتا بىكىتىش ھالىتى ئېچىلىپلا تۇرىدۇ داۋاملاشتۇرسام باش بېتىگە قايتىپ كىتىدۇ ... تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز ياكى دىگىنىڭىزدەك بىر دەرىسلىك تۈزۈپ قويسىڭىز ،،
رەخمەت !
تور سودىسى قىلىش دەرسلىكى دېگەنكىتابنى چۈشۈرسىڭىزمۇ تەپسىلى بار ئىدى، مۇشۇ بلوگدا بار ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز
مەن نۇپۇس دەپتىرنىڭ باش بېتىنى يوللىسام بولغۇدەك .
ئەگەر يەنە قاملاشمىسا يەنە سىزنى ئاۋارە قىلمەن . خاپا بولمايدىغانسىز ھە ( چاقچاق )
مىڭ تەسلىكتە google ئېلانى ئالدىم . سىزمۇ سىناپ بېقىڭ .
cn.dada.net ئالغان مەن .
مىنىڭ ئۇ يەردىكى ئادرىسىم : cn.dada.net/nurdan
alipay ھېساباتىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە بىر نەچچە قېتىم ئېلتىماس قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۆتمىدى . بۇنىڭدا كىملىك ۋە ئادرىس توغرا ئەمما نۇپۇس دەپتىرنىڭ قايسىنى يوللاشنى بىلمىدىم . مەندە بار نۇسخسنى يوللىسام ئۆتمەپتۇ ؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا ياردەم قىلسىڭىز ؟
ھۆرمەت بىلەن : نۇرئەلى
يەنە بىرگە نۇپۇسنىڭ سىكاننېرلانغان نۇسخىسىنى يوللىغاندا ئائىلىنىڭ باش نۇپۇس قەغىزى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نۇپۇس قەغىزىنى ئايرىم يوللايسىز، كىملىك يېڭى نۇسخىدىكىسى بولسا ئالدى - كەينىنى ئايرىم يوللايسىز .
مەن كىملىكنىڭ ئالدى كەينى، باش نۇپۇس بىلەن ئۆزۈمنىڭ نوپۇسى بۇلۇپ تۆت پارچىنى يوللىغان ئىدىم، ئاران گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى .
سىز مۇشۇ بۇيىچە قىلىپ بېقىڭ، يەنە بەك بولمىسا چ چ ئارقىلىق ياردەم قىلاي . سەۋىرچان بولۇش بەك مۇھىم .