-
2008/12/18
[چاقىرىق]بىر ئېلان چەكسىڭىز 10 كوي تاپىسىز - [تور بىلىملىرى]
ھازىر ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تور بىكەتلەر خېلىلا كۆپ بولۇپ، بۇلاردىن ھەممىزگە تۇنۇشلۇق بولغىنى Google Adsense ئىدى، كېيىن Alimama دېگەن ئېلان چىقتى ۋە تېزلا ئومۇملاشتى، ئۇنىڭدىن كىيىن بارا-بارا كۆپىيىپ Blogger Ads ئېلانى ، 迅雷 ئېلانى (يېڭىدىن يولغا قۇيۇلدى) قاتارلىقلارمۇ باش كۆتۈرىۋاتىدۇ .
مەن بۇ ئېلانلارنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم بلوگ ياكى تور بىكەتكە قويغان بولساممۇ ھازىرغا قەدەر Alimama ئېلانىدىن 400 يۈەن ئەتراپىدا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم (6 ئايدا)، بۇنى ئاساسلىقى يوليار بلوگ قا قويغان ئېلاندىن ئالدىم .
ئەمدى Google Adsense نى قويغىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، ھەر ھالدا پۇلىنى تېخى ئېلىپ باقمىغان بولساممۇ ئالغۇدەك بىر يەرگە باردى، ئەمدىكى گەپ ماۋۇ Blogger Ads ۋە 迅雷 نىڭ ئېلانىدا قالدى . Blogger Ads نى قويغىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولغان ئىدى، بۇنىڭدىنمۇ 60 تەيۋەن دوللىرى بولۇپتىكەن، 100 بولمىسا ئالغىلى بولمايدىكەن ، 迅雷 نىڭ ئېلانىمۇ 100 يۈەنگە يەتكەندە پۇل چىقىم قىلىدىكەن، ھازىرقى كىرىم 5 يۈەن بوپتۇ، شۈنلېينىڭ يەنە ئىزدىسە پۇل بېرىدىغان كەسپىمۇ بار، مەن بۇنى روھلان تورىنى قۇرۇپ ئۇزۇن قالمايلا ئالغان ئىدىم، ئۈنۈمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ھەم ئىزدەڭ ، ئەمدى 迅雷 نىڭ ئېلان كەسپىنىمۇ بىجىرىپ قويدۇم .
مەن سىلەرگە تۆۋەندىكىدەك دېمەكچىمەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداش، بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تور بىكەت ۋە بلوگ( Blog )لارغا ھەرخىل ئېلان قۇيۇپ ئازغىنە بولسىمۇ كىرىم قىلىش يولىنى ئېچىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، بىر قانچە تور بىكەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئېلانىنى قويغان ئىدۇق، بىز ھازىرغا قەدەر ئالىماما ئېلانىدىن بەلگىلىك كىرىم قىلىپ پۇلنى تولۇق ئالغان بولساقمۇ، باشقا ئېلانلاردىن ھازىرغىچە پۇل ئېلىپ باقمىدۇق،( سەۋەبى چېكىلىش قېتىم سانى تۆۋەن بولغانلىقتىن بولدى) ، شۇڭا بىز بۇ مەخسۇس ئېلان چېكىش بېتىنى ياساپ چىقتۇق، ئەگەر سىناق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ پۇلنى تۇنجى قېتىم ساق تاپشۇرۇپ ئالالىساق، بىز ئېگەللىگەن تەجرىبىلىرىمىزنى كىڭەيتىپ، ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ۋە بىلوگ ئېگىلىرىنىڭ ئازغىنە توك پۇلىغا يارىغۇدەك بولسىمۇ كىرىم قىلىش مەنبەسىنى ئېچىشىغا ياردەم قىلالايمىز دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆزىلا پۇل تېپىشنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلىپتۇ دېگۈچىلەر بولسا، بىز ھەرگىز بۇ بەتتىكى ئېلانلىرىمىزنى چېكىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلمايمىز، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ باقسۇن، بىزمۇ توردا پۇل تېپىپ باقىلى دېگۈچىلەر بولسا بۇ بەتتە كۆرۈنىۋاتقان ئېلانلاردىن ئۆزىڭىز قىزىققان مەزمۇندىكى دائىرە ئىچىدە ئېلانلارنى چېكىپ كۆرسىڭىز ھەم ئېچىلغان بەتكە تىزىملىتىپ قۇيۇشىڭلارنى سورايمىز، بۇ بەتكە جەمئىي بلوگگېر ئېلانى، ئالىماما ئېلانى ۋە شۈنلېينىڭ ئېلانىدىن ئىبارەت 3 خىل ئېلان قۇيۇلدى . ھۆرمەت بىلەن: روھلان تور بېكىتى
كۆرۈش ، كىرىش ئادرىسى: http://www.rohlan.cn/elan
سىناققا پائال قاتنىشىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز. مەرھەمەت
http://www.rohlan.cn/elan/
评论