• 2009/05/08

    ئاكامنى قۇتقۇزۇپ قالساڭلار

    مەن تېمىنى شۇنداق خىجالەتچىلىك ئىچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بەلكىم بىر تور بىكەت قۇرغان ئادەممۇ ئاكىسىغا ياردەم قىلالمىغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن ، تۆۋەندە مەن كەڭ جامائەتچىلىكتىن ياردەم تەلەپ قىلىشىمدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ ئۆتەي .
    ئاتا-ئانىمىز دېھقان بولغاچقا مېنى مىڭ تەسلىكتە ئوقۇتۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمدى دېمىنى ئېلىپ تۇرۇشىغا 2006-يىلى 4-ئايدا ئاكام (ئەمەرجان ئەختەم) 3 چاقلىق موتسىكىلىتقا مىنىپ ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ ئاۋات بازىرىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئوڭ پۇت لېپىكى چېقىلىپ كېتىش، ئوڭ پۇت يوتا قىسىمىدىن سۇنۇپ كېتىش، سول مۆرە سۆكەڭ سۇنۇپ كېتىش، باش قىسىمىنىڭ سول تەرەپ ئىكەڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىشتەك ئېغىر ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغان ئىدى، 1- قېتىملىق ئوپراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ ، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە قارشى تەرەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ، مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالىتىش ئېھتىياجى تۈپەيلى پۇتتىكى پولات تاختىنى ئالدۇرغان ، كىيىن قارشى تەرەپنىڭ ئىجتىسادى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئەرزنى قايتۇرۋالغان ئىدۇق .
    كىيىن ئاكامنىڭ ئوڭ پۇت يوتىسىدىن  يەنە ئۆزلىكىدىن ئاجراپ كېتىپ ، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى 2-قېتىم   تېڭىقچىغا تاڭدۇرغان بولساقمۇ ئەمما تېڭىقچىنىڭ خاتا تېڭىشى بىلەن سۇنغان سۆكەڭنىڭ  %30 قىسىمى تۇتۇپ قالغان بولغاچقا ، 6 ئايدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندە  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تۇتقان سۆڭەكنى قايتىدىن ئاجرىتىپ 3-قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ئىدۇق ، بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيدىن كېيىنمۇ پۇت سۆڭىكى يەنە تۇتماي ، 4-قېتىم يەنە شۇ دوختۇرخانىدا ئۆزىنىڭ يانپاش قىسىمىدىن سۆڭەك ئېلىپ سۇنۇق ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلدى، ئەمما بۇ قېتىممۇ تۇتۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن ئىكەن، ئەگەر يەنە بىر قانچە ئايغىچە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ، يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ئوڭ پۇتنىڭ كېسىلىپ كېتىش ئىمكانىيتى ناھايىتى چوڭ ئىكەن .
    ئاتا-ئانىمىز دېھقان يەنە كېلىپ تېرىلغۇ يەر ئىنتايىن ئاز بولغاچقا ئائىلىدىكىلەر بارلىق ئاماللارنى قىلپ باقتى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مائاشىدىن خېلىلا كۆپ سەرىپ قىلىپ باقتىم، ئەمما بىز بىر ئائىلىلىك كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بەكمۇ ئاز كېلىپ قېلىپ، ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق .
    بۇ جەرياندا ئاكام ۋە ئۆيدىكىلەر بىر قىسىم يەر ۋە زىمىنلارنى سېتىپ داۋالىتىپمۇ باقتى، ئەمما دوختۇرخانىغا پۇل دېگەن ئاجايىپ كېتىدىغان جاي ئىكەن، يەنىلا يېتىشىپ بولالمىدى .
    ھازىر بۇ خىلدىكى توردا ياردەم تەلەپ قىلىش، ئىئانە توپلاش، ... ھەققىدىكى تېمىلار كۆپىيىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما بۇلارنى دوراپ يوللىغىنىم يوق، ئىلاجنىڭ يوقلىقىدىن خىجالەت ئىچىدە يوللاۋاتىمەن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ تاما-تاما كۆل بولار دېگەن بىر جۈملە ھېكمەتتىكىدەك ، ئاز بولسىمۇ ئەمەلىي ياردەم قىلىپ ئاكامنىڭ پۇتىنىڭ كېسىلىپ كېتىش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمەن .
    ئاكام ئورنىدىن تۇرالمىغاچقا ئۆزۈمنىڭ نامىدىكى بانكا كارتا نۇمۇرىنى قالدۇراي .

    ئاكامغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن
    نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ماڭا تېلىفۇن قىلىپ يۇقارقى بانكا ھېساباتىدىن باشقا قەرز كوپراتىۋى ۋە پوچتا بانكىسىنىڭ كارتىسىنىمۇ يوللاپ قۇيۇشۇمنى ئېيتقان ئىدى، شۇڭا بۈگۈن يەنە ئۆزۈمنىڭ نامىدا بىر قانچە كارتا بىجىرىپ يوللاپ قويدۇم .
    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چەتئەلدىنمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزمەكچى بولىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ خەلقئارالىق تور بانكا paypal ھېساباتىمنىمۇ يوللاپ قويدۇم .
    ھازىرقى بار بولغان بارلىق بانكا ھېساباتى ۋە توردا پۇل يوللاشنى قوللايدىغان تور بانكا ھېساباتلىرى تۆۋەندىكىچە:

    سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى:    6222023014000506517            كارتا ئېگىسى: 阿迪力艾合旦木

    يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمۇرى:6228483650085487519                كارتا ئېگىسى: 阿迪力艾合旦木

    ئامانەت قەرز كوپراتىپى كارتا نۇمۇرى: 6210088580081030               كارتا ئېگىسى: 阿迪力艾合旦木

    جۇڭگو پوچتا بانكىسى كارتا نۇمۇرى:    6221508910000112196         كارتا ئېگىسى: 阿迪力.艾合旦木

    paypal خەلقئارا تور بانكا ھېساباتى:  amaarip@gmail.com            ھېساب ئېگىسى:   adili aihedanmu

    alipay  ھېساباتى:  amaarip@gmail.com                               ھېساب ئېگىسى:   阿迪力艾合旦木

    财付通 ھېساباتى:    409630118                                           ھېساب ئېگىسى:   阿迪力.艾合旦木

    مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە رەسىملەر:
    ئەسلى ئىسپاتنى ئەينى ۋاقىتتا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بىلەن قوشۇپ تاپشۇرغانلىقتىن بۇ قېتىم كۆپەتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ چىققان، ئەمما سوت مەھكىمىسىدىن ئەسلى ئىسپات بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئېگە ئىكەنلىكى ھەققىدە تامغا باسقان ئىدى .














    ئاكامنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ( ئاكام ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، ئوڭ پۇتى بارغانسىرى كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ )






    كىچىككىنە ئىككى بالىسى ئاتىسىنىڭ پۇتىنىڭ كېسىلىپ كېتىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر



    كەنىتتىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە نەچچە قېتىم ياردەم تەلەپ قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش يوللىغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت يەنىلا پەرۋا قىلىپ قويمىدى .






    قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىپ ئاكامنىڭ پۇتىنىڭ كېسىلىپ كېتىش خەۋىپىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
    ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇرى: 13565699440

    分享到:

    评论

  • ياخشىمۇسىز ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم . قارىسام ئاخىرىغا .paypal قالدۇرۇپ قۇيغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ دەرھال .paypal ھىسۋاتىمدىكى 0.71$ ئىسىمگە كەلدى ،شۇڭا بۇ پۇلنى ئەۋەتىش ئۇيىغا كەلدىم . ئاز بولسىمۇ بۇ پۇلنى مۇشۇنداق ئېشلار ئۈچۈن ئېشلىتىلسە ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ