-
2008/10/16
روھلان ئۇلىنىشنى ئاپتۇماتىك تەكشۈرۈش پىروگراممىسىنى ئىشلىتىڭ
بۆگۈن بىز مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا روھلان ئۇلىنىشنى ئاپتۇماتىك تەكشۈرۈش پىروگراممىسىنىياساپ(ئۆزگەرتىپ) چىقتۇق .
بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى : سىز ئۇلىنىش قىلغان تور بىكەتلەر سىزنى ئۇلىنىشقا قوشتىمۇ يوق، ياكى باشتا قوشۇپ بىز مەزگىلدىن كېيىن ئۇنى ئېلىۋەتتىمۇ؟ ،،، سىزنى يەنە قايسى بېكەتلەر دوستانە ئۇلىنىشقا قوشتى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسنى سىز شۇ تور بىكەتلەرگە كىرمەيلا روھلان ئۇلىنىشنى ئاپتۇماتىك تەكشۈرۈش پىروگراممىسى بېتىئارقىلىق بىلەلەيسىز ھەم ھۆكۈم قىلالايسىز .
بۇ پىروگرامما- تور بېكىتى ياكى بلوگى بار ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ .
بەزىدە خاتا ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئىككىلەنمەي قايتا تەكشۈرۈڭ، ياكى قولدا تەكشۈرۈش دېگەننى تاللاپ تەكشۈرۈڭ، توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى .
ئاۋال رەسىمگە قاراڭ، بەت يۈزى تولۇق ئۇيغۇرچە بولسىمۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي .
رەسىمدىكى <<ئۆزىڭىزنىڭ باش بەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈڭ>> دېگەن جايغا ئۆز تور بېكىتىڭىزنىڭ ئادرىسىنى چاپلايسىز.
ئۇلىنىش قىلغان -قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان بېكەت ئادرىسلىرىنى <<تەكشۈرۈلدىغان بېكەتلەر(تۆۋەندىكى رامكىغا تولدۇرۇڭ):>> نىڭ ئاستىدىكى رامكىغا تولدۇرىسىز، بىر قۇرغا بىر ئادرىس يازسىڭىز بولىدۇ يدكى بوشلۇق ئارقىلىق ئايرىپ چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇلىنىش باش بەتتە بولسا باش بەت ئادرىسىنى، مۇنبەردە بولسا مۇنبەرنىڭ ئادرىسىنى تولدۇرۇڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز خاتالىق كېلىپ چىقمايدۇ .
ئاندىن تەكشۈرۈش دېگەننى باسسىڭزلا تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ ھەمدە تېز سۈرئەتتە سىزنىڭ بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنىڭ سىز كىرگۈزگەن ئادرىسلاردا بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن .
روھلان تور بېكىتىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .
بۇندىن كىيىن بىز داۋاملىق تىرىشىپ تورداشلار ئۈچۈن ياخشى پىروگرامما ۋە بەتلەرنى ياساشقا تىرىشىمىز .
كىرىش ئادرىسى: http://www.rohlan.cn/check_links.php
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :
روھلان سانلارنى ئېنگىلىسچە ئوقۇش بېتى ياسالدى
روھلان كەبىسە يىلىغا ھۆكۈم قىلىش بېتى ياسالدى
روھلان يۇمشاق دىتال ئىزدەش،چۈشۈرۈش ماتورىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ
مۇنبەرگە تور ئۇيۇنلىرى سەھىپىسى قوشۇلدى历史上的今天:
<< روھلان سانلارنى ئېنگىلىسچە ئوقۇش بېتى ياسالدى | ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ | 《ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )》的转发 >>
评论
<< يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل بلوگى
قارىسام خېلى ئىشەنچىلىك بوشلۇقتىن ئالغاندەك قىلىسىز ، مەنمۇ بوشلۇق ئالاي دىگەن، مالال كۆرمەي جاۋاب قايتۇرغايسىز .
رەھمەت .
چ چ : 345900349
مەن بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولسىىز چ چ : 409630118