-
2008/08/16
alimama ئېلان كىرىمىنى ئۆز ھېسابىمىزغا يۆتكەش ئۇسۇلى - [alimama بىلىملىرى]
alimama ئېلان كىرىمىنى ئۆز ھېسابىمىزغا يۆتكەش ئۇسۇلى
alimama دىكى پۇلنى ئېلىش گوگلىنىڭىكىدەك تەس بولمىسىمۇ ، ھازىر alimama ئېلانى قۇيىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا ، بۇنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
alimama ھەر ئاينىڭ 15-كۈنى ھېسابات بوغىدۇ، مەسىلەن 2008-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھېسابات بوغقان بولسا، بۇنىڭدىكى كىرىم سىزنىڭ 7-ئايلىق قىلغان كىرىمىڭىز بولىدۇ، بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا تېخنىكا مۇلازىمە ھەققى تۇتىۋېلىپ قالغىنىنى سىزگە ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ .
ئاۋال رەسىمگە قاراڭ
ھېساب يۆتكەشنى سۆزلەشتىن بۇرۇن سىزگە يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم، ئەگەر alipay ھېساباتىڭىزنى تېخى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزمىگە بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى alimama ئېلان ھېساباتىڭىزنى alipay بانكا ھېساباتىڭىزغا باغلىماي تۇرۇڭ .
ئەمدى گېپىمىزگە كىلەيلى
ھېساب يۆتكەش ئۈچۈن http://www.alimama.com غا كىرىپ ھېساباتىمىزنى ئاچىمىز، رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ئاندىن 提现 نى باسىمىز .
يەنە بىر كۆزنەك ئېچىىلىدۇ، بۇنىڭدا يەنە سىزنىڭ ئېلىشقا بلىدىغان پۇلىڭىزنىڭ سوممىسى چىقىپ تۇرىدۇ، سىز شۇ سوممىنى ئەينەن يازسڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز يازسىڭىزمۇ بولىدۇ .
كاتەكچىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提现 نى يەنە بىر قېتىم باسىمىز . بىر ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىپ جەزىملەشتۈرۈشنى سورايدۇ، 确定 نى باسىسىز .
توغرا باسقان بولسىڭىزلا ئاستىغا
提现成功 دېگەن خەت چىقىدۇ . مانا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا alimama ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلغان پۇلنى alipay تور بانكىمىزغا يۆتكىۋالدۇق .alipay دىكى پۇلنى ئۆز كارتىمىزغا ئاغدۇرۇشنى كىيىنكى يازمىدا تەپسىلى ئوتتۇرغا قۇيىمەن .
alimama ۋە alipay ھەققىدىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز دېققىتىڭىز ھەر قاچان يوليار بلوگنىڭ alimama سەھىپىسى ۋە تور سودىسى سەھىپىسىدە بولسۇن
评论
مەن قۇرلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسىدا 手机支付宝 كەسپىنى بىجىرگەن ، شەكلى مۇنداق
http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=0&tn=baiduimagedetail&word=%BD%A8%C9%E8%D2%F8%D0%D0%D6%A7%B8%B6%B1%A6%BF%A8&in=25294&cl=2&cm=1&sc=0&lm=-1&pn=1&rn=1&di=1915012248&ln=2
بۇ ئارقىلىق ئەلى ماما دىكى پۇلۇمنى ئالاي دىگەن ، لىكىن بۇ كارتىدىكى ھىساۋات ئەھۋالىنى پەقەت يانفۇن ئارقىلىقلا ،يەنى يانفۇندا تەكشۈرگىلى بۇلدىكەن ، سىزنىڭچە بۇ ھىساۋاتنى ئەلى ماما غا باغلىسام بۇلامدۇ ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
مىنىڭ بىر يۇەنگىمۇ يەتمەيدۇ ؟ قانداق قىلسام بۇلار ؟
1. ئۆزۈمنىڭ ئېلانىنى ئۆزۈم چەكتىم ، ھازىرغىچە باشقا ئەھۋال كۆرۈلمىدى، نورمال ھەق ھېسابلاپ مېڭىۋاتىدۇ.
2. ئېلان بېتى ئېچىلغاندىن كىيىن (alimama 阿里妈妈 ئېلان كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى يېڭى بايقاش ) دېگەن تېمىدىكى بۇيىچە نەچچە ئون مىنۇت ئەتمىدىم .
3.ئاندىن قالسا بلوگنى كۈندە دىگۈدەك يوقلاپ ، ئىنكاسلارغا جفۋاب قايتۇردۇم، ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈم بىلىدىغانلارنى يېزىپ تۇردۇم .