-
2008/09/09
كۆچمە خەۋەرلىشىش(新疆移动) ئابۇنىتلىرى توردا پۇل تاپشۇرسىڭىز %10 پايدا بېرىدىكەن - [تور بىلىملىرى]
تۆنۆگۈن يانفۇنۇمغا 10086 دىن مۇشۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر كەپتىكەن، تەپسىلاتى قانداقتۇ دەپ 1008655 كە تېلىفۇن ئۇرۇپ كۆرسەم بۇ ھەقەقەتەن شۇنداق ئىش ئىكەن . شۇڭا مەن دەرھاللا سىناپ باقاي دەپ 新疆移动 نىڭ تورىغا كىرىپ 30 يۈەن قاچىلىدىم، مىنۇت ئۆتمەيلا يانفۇنۇمغا سىز 30 يۈەن قاچىلىدىڭىز دەپ ئۇچۇر كەلدى، كېيىنلا يەنە سىزگە 3 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىندى دەپ 10086 دىن ئۇچۇر كەلدى، شۇڭا باشقىلارمۇ بۇ ياخشى ئىشتىن خەۋەرلىنىپ قالسۇن دەپ دەرھال يوللىشىم .
ئەگەر پۇل قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز ۆۋەندىكى بۇيىچە قىلىڭ . d3b2f6ce
ئاۋال 新疆移动 نىڭ تورىغا كىرىپ تېلىفۇن نۇمۇرىڭىز ۋە مەخپى نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىسىز .
ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى 网上交费 نى بېسىپ كىرىسىز . چىققان بەتكە پۇل قاچىلىماقچى بولغان يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى ئىككى قېتىم تولدۇرىسىز ، 3-كاتەككە قاچىلىماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى كىرگۈزىسىز . ئاستىدىكى 提交 بېسىپ داۋاملاشتۇرىسىز . بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىش ياكى جەزىملەشنى سورايدۇ، سىز يانفۇن نۇمۇرى ۋە پۇلسانىنىڭ توغرىلىقىنى جەزىملەشتۈرسىڭىز 确认订单 نى باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز 修改订单 نى بېسىپ ئۆزگەرتىسىز .
ئەمدى سىزنىڭ پۇل تاپشۇرىدىغان بانكا نامىنى سورايدۇ، سىز قايسى بانكىدىن تور بانكا كەسپىنى ئېچىپ كارتا بېجىرگەن بولسىڭىز شۇ بانكا نامىنى تاللاپ 确定 نى باسىسىز ،بۇ ۋاقىتتا سىز تىزىملاتقان بانكىدىن پۇل چىقىم قىلىش بېتى ئېچىلىپ، سىزنىڭ بانكا كارتا نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈشى سورايدۇ، سىز شۇ تەلەپلەر بۇيىچە كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرسىڭىز ، يانفۇنىڭىزغا پۇل قاچىلىنىدۇ .
يەنە بىلەلمىگەن ، چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قايتۇرۇڭ .
随机文章:
60 مىنۇتلۇق ھەقسىز تور تېلىفۇنى تىزىملىتىڭ 2008/06/29[چاقىرىق]بىر ئېلان چەكسىڭىز 10 كوي تاپىسىز 2008/12/18يوليار بلوگ Google ئېلانلىرى ئەسلىگە كەلدى . 2008/10/03
评论
مەندە بانكا كارىنى قانداق ئىلتىما قىلىشنى ئۈگىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن، بانكا كارى ئىلىشقا قانچە پۇل كىتىدۇ، مەن بۇ كەمگىچە بانكا كارى يوق؟ توردا پۇل تاپشۇرغىلى بولىدىغان بانكا كارىنى قانداق بىجىرىمى؟ قانداق رەسمىيەتلىرى كىتىدۇ!!
مۇشۇ ئىشلار توغىرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن!! رەھمەت!!!