• 2008/08/21

    BidVertiser ئارقىلىق كۈندە $20 پۇل تېپىش {ئالاھىدە تەۋسىيە}

    گۇگول Adsense بىلەن ئوخشاش، بېرىدىغان پۇلىمۇ ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. Paypal ئارقىلىق پۇل تۆلەيدۇ. 10 دوللارغا يەتكەن ھامان پۇل ئەۋەتىدۇ. تۆۋەندە تىزىملىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرىمەن..
    مەزكۇر شىركەت پەيدا بولغىلى بىر نەچچە يىل بولدى. تارىخى گۇگول بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئىلگىرى پەقەت شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىلا تىزىملىتىشنى ئاچقان، ھازىر خەلقئارالىق ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن، جۈملىدىن سىز تۇرىۋاتقان رايوندىنمۇ تىزىملىتىشقا بولىدۇ.
    Google Adsense قا قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقى بار.
    1. پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ.
    2. پۇل تۆلەش چېكى تۆۋەن. 10 دوللارغا يەتكەن ھامان پۇل ئېلىشقا بولىدۇ. كىچىك بلوگلارغا ئوبدان ماس كېلىدۇ.
    3. بېرىدىغان پۇلى ئانچە تۆۋەن ئەمەس، ئېلان چېكىلسىلا پۇل بېرىدۇ. Google دىكىدەك ئاممىۋى ئېلانلار كۆرۈنىۋالمايدۇ. ھەر بىر ئېلانغا ئەڭ كەم دىگەندە 0.1 دوللار بېرىدۇ.
    شەرتلەر:
    بىر دانە بلوگ ياكى تور بېكەت بولىشى كېرەك.
    Paypal ھىساباتى بولىشى كېرەك (تىزىملىتىش)
    ئەگەر ئېنگلىزچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ كىرىپلا تىزىملىتىشنى باشلاڭ.

    Drive Buyers to your eBay Listings with BidVertiser. Get $20 in FREE Clicks. 

    ئەگەر ئېنگلىزچە بىلمىسىڭىز ئاۋال يۇقىرىدىكى رەسىمنى چېكىپ ئۇلىنىشنى ئاچقاندىن كېيىن، تۆۋەندە چۈشەندۈرۈشۈم بويىچە تىزىملىتىشنى باشلاڭ.
    ئاۋۇ رەسىمنى چەككەندىن كېيىن، چىققان بەتتىن Join Now - It is Free دىگەن خەتنى چېكىپ تىزىملىتىش بېتىگە كىرىمىز. چىققان بەتتىكى جەدۋەلنى تۆۋەندىكى سۆزلۈك ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ تولدۇرۇڭ.
    Firs Name ئىسىم (پايپالدىكى ئىسىم)
    Last Name فامىلە (پايپالدىكى فامىلە)
    Phone تېلفون نومۇرى (جۇڭگودا86+ نى قوشۇپ يېزىڭ)
    Email ئېلخەت ئادرېسى
    Choose your User Name بۇ يەرگە ئەزا نامى تاللاڭ (6 ھەرىپتىن يۇقىرى)
    Choose your Password مەخپى نومۇر تاللاڭ (6 دىن كۆپ سان ياكى ھەرپ)
    Confirm Password مەخپى نومۇرنى يەنە بىر قېتىم كىرگۈزۈڭ.
    Preferred payment method پۇل تۆلەش ئۇسۇلى (پايپال ياكى چەك)
    Paypal Email پايپال ئادرېسىڭىز.
    Country سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتنى تاللاڭ. China جۇڭگو
    State دىگەن تۈرگە Out Of US دىگەننى تاللاڭ.
    Street Address قا ئادرېسىڭىزنى ئېنگلىزچە يېزىڭ.
    Zip Code غا پوچتا نومۇرىنى تولدۇرۇڭ.
    *****************
    بۇ ئورۇنلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، Get Activation Code دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ، ئاندىن سىز تولدۇرۇغان ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىدۇ، خەتتە بىر تەستىقلاش كودى بار. بىر نەچچە خانلىق سان ياكى ھەرپ تىزمىسى بولىشى مۇمكىن. ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىپ، شۇ خەتتىكى بۇ ھەرپ تىزمىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، بوش كاتەكچىگە تولدۇرۇڭ.
    ئاندىن ئاستىدا 4 دانە تاللاش رامكىسى بار، ھەممىنى تاللاپ قويۇپ، ئاستىدىكى Continue كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
    **************
    شۇنىڭ بىلەن تىزىملاش تامام، بۇ چاغدا تور بېكەت ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش بېتىگە كىرىدۇ.
    بىرىنچى كاتەككە توربېكەت ئىسمى ياكى خالىغان سۆزنى يېزىپ قويۇپ، ئاستىغا تور بېكەت ئادرېسىنى تولدۇرۇڭ.
    تور بېكەتنىڭ تۈرىنىمۇ خالىغانچە تاللاڭ. تىلىنى تاللىغاندا ئەگەر تور بېكىتىڭىز ئۇيغۇرچە بولسا ئەرەبچە Arabic دىگەن تۈرنى تاللاڭ.
    ئەمدى تولۇق تىزىملىتىپ بولغان بولىسىز.
    ****************
    تور بېكەتكە ئېلاننى چاپلاش ئۇسۇلى:
    Choose A template كونۇپكىسىنى چېكىپ، ماس ھالدىكى ئېلان شەكلىنى تاللايسىز. چىققان كۆزنەكتىن ئېلان رەڭگى، خەت نۇسخا ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تاللاپ بولۇپ، ئاستىدىكى Upgrade دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.
    ئاندىن Get Ad Code كونۇپكىسىنى چېكىپ، ئېلان كودىنى ئاپىرىپ تور بېكىتىڭىزگە چاپلاڭ.
    تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ كىرىپ تىزىملىتىشنى باشلاڭ.

    بۇ يازما تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىندى

     

    Drive Buyers to your eBay Listings with BidVertiser. Get $20 in FREE Clicks.



    评论

  • ھە ئۇنداق بولسا سىز تېخى ئېلان تەستىقلاتماپسىز . لىكىن تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانداقسىگە ئېلان قويغانسىز .
  • ئەمدى بۇ نىمە گەپ . بەتكە ئېلان قۇيۇپمۇ ، ھېساباتقا كىرەلمىدىم دەيسىزغۇ ؟
    ياكى تور سۇرئېتى ئاستا سەۋەب بولغان ئوخشايدۇ.
    يوليار回复نۇردان说:
    بۇ مۇندق ئىش، مەن بلوگگېردىكى خەنزۇچە بلوگىمغا ئېلان ئىلتىماس قىلىۋاتقىلى نەچچە ئايدىن ئاشقان ئىدى، نەچچە ۋاقتىن بېرى ئىلتىماس قىلسام يېڭى گىمائىلغا ئالمىسام ئىشلىتىپ بولغان دەپ ئۇچۇر چىقىۋالاتتى، تۆنۆگۈن ئەڭ دەسلەپ ئېلان ئىلتىماس قىلغان گىمائىلدا بلوگەېرنىڭ ئارقا بېتىدە تۇرۇپلا adsense دېگەننى قوشۇپ ساقلىسام نورمال ساقلاندى ھەم بلوگەېردىكى بلوگدا ئېلان نورمال كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن مەن بلوگ كودى ئىچىدىن ئېلان كودىنى ئايرىپ ئېلىپ بۇ بوگقا قۇيۇپ باقتىم، نەتىجىدە بۇ يەردىمۇ ئېلان نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ، ئەمما شۇ ئىلتىماس قىلغان گىمائىلدا adsense ھېساباتىمغا كىرسەم ئېلان ئىلتىماس قىلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ تۇرىۋالدى، بلوگەردىكى بلوگ ئالغان گىمائئىلدا كىرسەم بۇ ھېسابات قوزغىتىلمىغان دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى، ئىشقىلىپ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئەسلى بۇ ئىشنى بلوگڭىزغا كىرىپ سورىسام توغرا بولاتتى، ئەمما ئىنكاسىڭىزغا توغېا كېلىپ قالدى، توغرا چۈشەنگەيسىز، ئىكىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇنچىلىك دەپ كېتىشمۇ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن، ھازىرقى ھەمكارلىقىمزنىڭ ياخشى بولىۋاتقىنىغا قاراپ ، ھې ھې ھې
    2008-09-07 21:59:28
  • ياخشىمۇ سىز . ئاخىرى google ئېلانى ئالغان ئوخشىمامسىز ؟
    تىرىشقان تاپار دىگەن مۇشۇ دە .
    يوليار回复نۇردان说:
    لېكىن قىزىق ئىش، مەن ھېساباتىمغا كىرەلمەيۋاتىمەن،
    2008-09-07 19:02:16
  • ئەسسالام يوليار . ياخشمۇ سىز . مەن BidVertiser دىن كۇنىگە 20 دوللار ئەمەس 0.2 دوللارمۇ كىرىم قىلالمىدىم . بۇ زادى نىمە گەپ ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغانلارنىڭ كىرىمى يەنىلا 0 دوللارمۇ ياكى ئۇلار تەۋسىيە قىلىپ كىرىم توپلاۋاتقاندىمۇ ؟ ئەگەر سىز كىرىم قىلغان بولسىڭىز بىزگىمۇ دەپ بىرەرسز .
    يوليار回复نۇردان说:
    قاراپ بېقىڭە ئېلانغا، مەنمۇ نورمال ئالالمىدىم ئېلاننى كۈندە خەت ساندۇقۇمغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، ئادرىستىن كىرسەم بانكا كاررتتىسىنى تىزىملىتىدىغان جاي چىقىدۇ، ئۇنى قىلغىى بولمىدى ،
    2008-09-03 19:19:28
  • ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم!
    收入总计(元)19.87 بۇ قانداق كىرىم؟
    سىزنىڭ كىرىمىڭىز ئەجەپ يۇقىرى ئىكەنغۇ؟
    يوليار回复ئۈمىد说:
    مېنىڭكىدە ئۇنداق چىقمايدۇ، مۇنداق چىقىدۇ.
    09月01日收入:1.50元 未结算收入:55.19元 可用收入:47.46元
    بەلكىم سىز ئېلان قۇيۇپ ھازىرغىچە پۇل ئالمىغان ئوخشايسىز، شۇڭا شۇنداق چىققان گەپ .
    ئىشقىلىپ 可用收入 دا قانچىلىك پۇل بولسا 提现 نى بېسىپ ھەممىنى alipay ھېساباتىڭىزغا يۆتكەپ ئاندىن ئۇنى بانكا كارتىىزغا ئاغدۇرۋالسىڭىز بولىدۇ، مەن ئادەتتە ھەر ئاينىڭ 16-كۈنلىرى 可用收入 دىكى بارلىق پۇلنى بىر پۇڭمۇ قويماي ئېلىۋالىمەن .
    2008-09-02 14:14:39
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
    ئالى ماما دىكى ئېلانىمدا قىلغان كىرىم تۆۋەندىكچە
    未结算收入: 12.12元
    可用收入:6.65元
    收入总计(元)19.87
    بۇ يەردىكى قايسى ھەقىقى كىرىم؟
    ئۇنىڭدىن باشقا
    يەنە مۇنداق ئۈچۈرلار بار ئىكەن
    * 您 8 月份的预期收入累计共 12.12 元, 扣除阿里妈妈技术服务费 1.82 元后,预计 8 月税前实际收入为 10.3 元
    * 阿里妈妈代扣个人所得税 0 元,预计 8 月税后实际收入为 10.3 元

    بۇ يەردە ئيتىلغان كىرىمدىن قايسى بىزگە كىرىم بولغان ھەقىقى پۇل
    يوليار回复ئۈمىد说:
    ئاۋۇ 6.65 كوي ئالدىنقى ئايدىكى ساپ كىرىمىڭىز ئىكەن، ئۇنى تېخىچە ئالماپسىز، 8-ئايلىق كىرىمىڭىز 10.3 كوي بوپتۇ، بۇ قېتىم ھەممىنى قوشۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ .

    مېنىڭ بۇ ئايلىق كىرىم مۇنداقكەن
    您 8 月份的预期收入累计共 53.69 元, 扣除阿里妈妈技术服务费 8.05 元后,预计 8 月税前实际收入为 45.64 元
    阿里妈妈代扣个人所得税 0 元,预计 8 月税后实际收入为 45.64 元
    2008-09-01 13:32:24
  • گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار زادى
    گوگىل ئېلانىنى باشقىلار ۋاكالىتەن ئىلىپ بىرىدىكەن ئارامگاھ ئەپەندىم ئىشەنچىلىك دىگەن ئىدى مەن بىرنى سىتىۋالاي دىسەم دوستىمىزنىڭ بۇگۇن تويى بولىدىكەن ئەمەسمۇ خلىدىن بىرى بەكلا ئالدىراشكەن
  • مۇشۇ توردا پۇل تىپىش دىگەن تىما تازا ئادەم جەلىپ قىلىدىغان كوزۇر تىما بولۇپ قالدى...
    ئادەم مۇشۇ كۇنلەردە زادى قايسىنى ئىشلىتىپ پۇل تىپىشنى بىلمەيلا گاڭگىرايدىغان بولۇپ قالدى دىسە........
    زادى قايسى ئۇنۇملۈك ئىكەن.. نان تىگىدىغان گەپتىن بىرنى قىلىڭلار بالىلار.........!!
    يوليار回复ئۈمىد说:
    راست گەپنى قىلسام يەنىلا قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش دەپ مۇشۇ ئالىمامانىڭ ياخشىكەن، ماۋۇ تېمىدا دېگەن ئېلاننى ئىكى قېتىم تىىزىملىتىپ باقتىم، ھەر ئىككىلىسىدە ھېساباتىڭىزنى ئاكتىپلاڭ دەمدۇ، ئىشقىلىپ بانكا كارتا نۇمۇرى كىرگۈزىدىغان يەر چىقىۋېلىپ خاپا سالدى، بانكا كارتىسىنىڭ 3 خانىلىقمۇ 4 خانىلىقمۇ بىر نۇمۇرى باركەن، لېكىن تولدۇرسام خفتا دەيدۇ، ئىشقىلىپ مەن ئۈنۈملۈك قىلالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنگىلىسچە ئىكەن، مەن يەنىلا مۇشۇ ئالىمامانى ياقتۇرۇپ قالدىم،گوگېل ئېلانىنى يا ئالغىلى بولمىسا
    2008-08-28 01:22:32
  • رەھمەت سىزگە مەنمۇ سىناپ باقاي ئەمسە . كۇنىگە 20 دوللار ئەمەس بەلكى 20 يۇەن خەلىق پۇلىغىمۇ ئىرىشەلمەيۋاتسام .

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ