دىلبەر باياۋان
(1)
كۆزۈم قوياشتا كۆزلىرىڭ ئۈچۈن ،
تىلەكلەر ۋەيران ئۇزۇن يوللاردا .
يۈرەك ، لىۋىمدە توزىمىغان گۈل ،
چىرايىم سېرىق قۇرۇق قوللاردا .
كۆزۈم ھېلالدا يۈزلىرىڭ ئۈچۈن ،
قاراڭغۇ كېچە مىنىڭ چۈشۈمدۇر .
ئايدىك كەچلىرى غەزەلدە قالدىم ،
دۇتتار نالىسى قەلىب كۆيۈمدۇر .
كۆزۈم يۇلتۇزدا چاچلىرىڭ ئۈچۈن ،
بولالمىدىم ئاھ مەيىن شامالدەك .
سوقتى دەرەخنى بوران ،شېۋىرغان
ناتىۋان ياپراق تىترەر تىنىمدەك .
كۆزۈم گۈللەردە لەۋلىرىڭنى دەپ ،
ئېچىلسا گۈللەر كۆزۈمنى ياشلار .
چۆللەردە بولدۇم ،تاغلاردا بولدۇم ،
باردىم بۇ دۇنيا موقامنى باشلار .
كۆزۈم تاڭلاردا ۋىسالنى ئويلاپ ،
بەلكى سەن سەھەر ۋە ياكى باھار .
تەمبۇر كەلمىدى ، دۇتتارىم گاچا ،
ئۈزۈلگەن نېمە ئۈزۈلگەندە تار .
(2)
تاشلاندىم قاراڭغۇ، غېرىپ كوچىلار،
دوقمۇشتا خوشلىشىپ تۇرار خىياللار .
ئالدىمدىن كەلگىنى مىنىڭ ئەسلىمەم ،
بەلكى ئۇ جاۋاپسىز قالغان خىياللار .
تاشلاندىم شاۋقۇنلۇق ئاقماقتا دەريا ،
بۇ دۇنيا بىر ئەرنى سۇغا قاراتتى .
بۇ تاغلار ئەزەلدىن ئاۋاز كۆتۈرمەس ،
قۇرام تاش كۆكسۈمنى يەنە قاناتتى .
تاشلاندىم ئۇرماندا قۇشلار سايرايدۇ ،
يۆلەندى دەرەخلەر مىنىڭ غولۇمغا .
يىگانە بىر ئاھاڭ لەۋلىرى يېرىق ...
تاشلاندى قاقشال شاخ بولۇپ يولۇمغا .
تاشلاندىم قوياشسىز ئاشۇ ئاسمانغا ،
يۈزۈمدەك خىيالچان ،مىسكىن بۇلۇتلار .
چۆرگەلسە پەلەك بۇيان ئۆزگەرمەس ،
ئاشىقتۇر ئاشىق ، مەزلۇم غېرىپلار .
(3)
ئوھ دىسەم ئىچىمدىن قۇشلار ئۇچىدۇ ،
نە قۇشكى ناتىۋان ناخشا ئۇچىدۇ .
گۈللەرنىڭ دارى بار ،غارى بار ھەتتا ...
يۈرەكنى يارغاندا شەيتان چىقىدۇ .
تاملارغا ئېسىلىپ تۇرغان دۇتتارمەن ،
باغرىمدا نىمە كۈي بىلمەيدۇ ھېچكىم .
ئىككى تال تار كەبى ئىككى ئۆرۈم چاچ
لىۋىمدە يېرىلغان ئاھاڭدۇر بەلكىم .
كىچىدە ناخشا يوق ۋاقىتتىن بۆلەك ،
ئاشىقتا ئوقۇم يوق كىچە –كۈندۈزگە .
كۆزۈمدۈر يارىمنىڭ قارا كۆزلىرى
لىۋىمدە لىۋىم يوق دىلبەرنىڭ لىۋى .
قارىدۇر بەرىبىر تاملار سايىسى ،
بىر تامنىڭ كەينىدە دۇنيا ئولتۇرار .
چۈشۈمدە تەرلىدىم سىنى تاپالماي ،
ئوھ دىسەم بېشىمدا ئاسمان پىرقىرار .
(4)
يارىيار ياردىم مانا قىلنى قىرىق ،
بۇ يۈرەكتە يوق ئىكەن ھەم يارغۇدەك .
كۈللىرىمنى سورىدى مەيىن شامال
ئاخىرى دىلدا نادامەت قالغۇدەك .
چالدى تەمبۇر ، چالمىدى كۆكسۈمنى ئۇ ،
بىر بوغۇق ئاۋاز ئىدىم مەن ناخشىدا .
خام خىيال سۈرگەن كىچىدە يۇلتۇزۇم ،
كىرپىكىم كۆز ياش تۇشۇيدۇ ھارۋىدا .
يارىيار چالدىم مانا ، دۇتتار تۈزەپ ،
غەملىرىم ئوۋلاشتى شوخ مەشرەپ تۈزەپ .
لەۋلىرىمنى چىشلىدىم ئاھ ،قان بىلەن
جانلىرىمنى بىر ئازاپقا مىڭ بىلەپ .
شۇ كىتەردە كەلمىشىڭ لاي سۇمىدى ،
بىر يۇتۇم ۋىسالنى دەپ تىترەيدۇ تەن .
ئولتۇرۇپ توغراققا ئاستىم تەقدىرىم
راسىت ، لىۋىڭنىڭ رەڭگىگە ئوخشار ۋەتەن .
يارىيار باردىم مانا ، يار باشىغا ...
ئىككى ئوغلاق تاشلىدىم ئوقياسىغا ،
بىر ئۇچۇم تۇپراق بولۇرمەن ئاخىرى ..
ئال جىنىمنى تۇرغىچە سەكراتىدا .
(5)
قال دېگەنگە قالمىدى بۇ ئوتلىرىڭ ،
ئال دېگەنگە ئالمىدى يا جانىدىن ،
چاڭقىدىم سۇ بەرمىدىڭ بىر تامچىمۇ
ئىچتىڭا قىزىل يۈرەكنىڭ قانىدىن .
يول دىسەم يوللارنى قىلدىڭ دەرۋىشى ،
ئوت قالاپ ئولتارغىنى دوقمۇش ئەنە .
ساقلىدىم بولدۇمغۇ ئاخىر بىر دەرەخ
چاڭقىتىپ ئوتۇن قىلىپ ساتقىن يەنە .
گۈل كىلەتتى ، سۇ كىلەتتى، نازمۇ ھەم ،
باش باياۋان توۋلىدىم توققۇز قىتىم ...
ناخشىلار سىقتى گېلىمنى ئەۋجىدە ...
كەلمىدى دىلغا سىزىم يا شوخ رىتىم .
ۋاي دىدىم يۈگرىپ چىقىپتۇ ئاللىسى
بۇ باياۋان دەشتىدە دىلبەرى بار ...
مەن يەنە مازار يېنىدا يىغلىدىم
ھەممە دىلنىڭ قارنىدا بىر تارى بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 19:40