مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر بار ئىكەن . 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13 –كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ خېلۋەت بوستانلىقلىرىدىن بىرى بولغان مەھەللەمگە مەھمۇت ئېسىملىك بىر بالا قوشۇلدى . بۇ ئائىلىمىزگە بۆيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۇر*كىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتاپنىڭ ئېلىپ كىلىنىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلگەچكە،ئىسمىمنى مەھمۇت قۇيغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئائىلىمىز ۋە مەھەللىمىزدە مىنى ئەدەبىيات بىلەن باغلايدىغان بىر ئادەت باشلىنىپتىكەن.بۇ مەھەللە بوۋامنىڭ مەھەللىسى بولسىمۇ ، مىنىڭ مەھەللەم ئىدى . بالا ۋاقىتلىرىمدا مىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر ۋە چەكسىز كەتكەن يۇلغۇنزارلىق ئىدى. دەرەخكە چىقىش بىلەن يۇلغۇنزارلىقنىڭ چوڭلارمۇ بىرىشتىن قورقىدىغان جايلىرىغا بىرىپ بېقىشقا شۇنداق ئىنتىلەتتىم. دەرەخلەر ئۇستىگە كىچىك ئۆي ياسىۋېلىپ قۇشلار بىلەن بىرگە ئوخلاش ئەڭ زور خۇشاللىقىم بولسىمۇ، ئاتا –ئانامنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرايتى .قوغۇنلۇق ئىتىزلىرى بويىغا ساتمىلارنى ، ئۆستەڭ بويلىرىغا لاي ئۆيلەرنى ياساپ ئوينايتۇق ، ئاكىللىرىم كۆپ بولغاچقا ،مەھەللىدىكى بالىلار مىنىڭ ساتمىللىرىم ۋە لاي ئۆيلىرىمنى بۇزىۋىتەلمەيتى ، شۇنداق ھوزۇرلىناتتىم ۋە بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمۈلەتتىم . مەھەللىمىزدىكىلەرنىڭ قوي –كاللىرى يۇلغۇنلۇققا كىرىپ كەتسە ، مىنىڭ ياردەم قىلىپ تېپىپ كىلىشىمنى ئۆتۈنەتتى بۇ چاغلاردىكى خۇشاللىققا نېمە يەتسۇن .... باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىمۇ ،مەن مەكتەپكە بېرىشقا ئۇنچە ئېنتىلىپ كەتمىدىم ،چۇنكى ،مەن تەبئەت دۇنياسىدىكى بالىلىق ئىنتىلىشلىرىدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى . ھېلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ مەھەللىمىزدە شۇنداق كەپچى بىر جۇۋازچى ئادەم بار ئىدى ، ئۇنىڭ جۇۋازخانىسى ۋە جۇۋازخاندا تورۇسىدىكى سەرخىل ئۆمۈچۈكلەر ، ئۇنىڭ جۇۋازخانىسى ئالدىدا ئاپتاپپەرەس سورىغاچ شامال چىقىرىش ئۈچۈن قوشاقلىرى ۋە ناخشىللىرى ماڭا شۇنچىلىك سىرلىق تۇيۇلاتتى .مەھەللىدىكى بالىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتۇق.مەن ئاشۇ كىشىنىڭ ئاۋازىدىن ئىنساندىكى بىر سېھرى كۈچنى ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ بەلكى مىنىڭ شېئىرنى تۇنجى ھىس قىلىشم بولسا كېرەك . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچلىرىم تەبئەتتىن ئايرىلىش بىلەن شەھەر موھىتىغا كۆنەلمەسلىك ئارىسىدا ئۆتۈپ كەتتى . 2001 –يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ،مەكتەپتىكى ئەدەبىيات موھىتى مىنى ئەدەبىياتنىڭ ئىللىق قوينىغا باشلاپ كىردى .كىتاپ ئوقۇش تەپەككۇرۇمنى بارغانسىرى كېڭەيتتى ئىنسان ،ھايات ، مۇھەببەت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلارغا مەجبۇرلىدى .ھاياتنىڭ مەن سەبى تەپەككۇرۇم بويىچە ئويلىغىنمدەك ئاددى ئەمەسلىكىنى ، ئىنسان ئۆز ھاياتىنى پەقەت ئۆزى يارىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم .شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتى ‹بىخ› ئىجادىيەت گرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەن ئەدەبئىي ئىجادىيەتكە كىرىشتىم ۋە تۇنجى شېئىرىم شۇ گۇرۇپپا چىقىرىۋاتقان ‹بىخ› گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مىنى ھاياتىدا ناھايىتى قېممەتلىك. ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى مۇھەببەت ،دوسىتلۇق ، ئېلىم ئىزدەش موھىتى ئىچىدە ، مۇھەببەت ۋە كەسىپنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىۋالدىم .ئۆزۈمنىڭ مىجەزى مىنى ئىجتىمايى ياشاشقا ئىنتىلدۈرۈپ تۇرغاچقا دوسىتلىرىم كۆپەيدى، خۇشاللىقلىرىم ۋە ئازاپلىرىم كۆپەيدى . بىلىدىغانلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
ئالى مەكتەپ ھاياتى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر رومان ئىدى . ئونۋېرىستىتنىڭ ئايدىڭ ئاخشاملىرى ، خىېلۋەت مەكتەپ ئويلىسىدىكى مۇھەببەتلىك ھايات، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى سۈرەن –چوقانلار ماڭا نۇرغۇن گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى . بۇ تۇيغۇلار تەبئىي ھالدا مىنىڭ شېئىرلىرىمغا ئايلاندى . شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ ھاياجانلىنىمەن . بۇ تۇيغۇلىرىم ‹ دىلبەرنىڭ دەرەخلىرى › نامىدا تور ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. يېقىندا بۇ شېئىرلىرىم شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى نەشىرىياتى تەرىپىندىن نەشىر قىلىنىپ ، كىتابخانلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى ...
ئالىي مەكتەپ ھاياتى مەندەك تەبئەت قوينىدا ئەركىن ياشاپ چوڭ بولغان بىر شوخ بالىنى ،ئېغىر بېسىق ، ئىشلارغا ھېسيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان تەمكىن ئادەمگە ئايلاندۇردى . لىكىن ، يۈرەكتىكى شوخلۇق يوقالمايدۇ –دە ،ئەلۋەتتە !
2007-يىلى ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كىيىن يۇرتۇم قەشقەرگە قايتىپ ،ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇلىغان بولساممۇ ، مېھرىدىن كەچمەك تەس بولغان ئۇرۇمچى شەھىرى مىنى ئۆز باغرىدا ئېلىپ قالدى . ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دارۋازىسىدىن كىرىپ چىقىدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندىم . شۇكرى ، مەن تەقسىم قىلىنغان خىزمەت موھىتى مىنىڭ قىزىقىشىم ئىچىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت موھىتى .خىزمەت موھىتىدا ئەدەبىيات-سەنئەتكە يېقىنلاشقاندىن باشقا ، نۇرغۇن ئەزىزلىرىمىز ۋە قېممەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم . ھازىر ئۆزۈمنى بارا –بارا ئەدەبىياتقا يېقىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن .
مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە 120 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىپتىمەن، ئېلان قىلىنغان شۇ نەرسىلىرىم ئەسەر دەپ ئاتىلىدىغان بولسا،مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيەتتە قانچىلىك ئىش قىلغىنىمغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن .
ھازىرقى ھاياتىم ناھايىتى ئىجدىمايىلىقى كۈچلۈك ھايات . كۈنىگە يېڭى –يېڭى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمەن ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مىنىىڭدىن نىمىلەرنىدۇر سوراۋاتقانداك بىلىنىدۇ .بىراق ،ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن مانا ئىزدەشمۇ ئاددى ئىش ئەمەس ئىكەن ...قىزغىنلىق ،ئالدىراشلىق ئىچىدىكى ھايات ماڭا يەنە چوڭقۇر يالغۇزلۇق ئاتا قىلدى . مەن يەنىلا تۇيغۇ دۇنياسىدا ئەركىن ياشىغۇچىدۇرمەن .‹ ئۈلگىرەلمىدىم ›،‹ بالىلار مەشرىى › ، ‹ كەل دوستلىرىم ،ئوينايلى › قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرىم رايۇنىمىز سەنئەتكارلىرى تەرىپىندىن سەنئەت سەھنىللىرىدە ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى ، سىنىڭ قەلبىڭدىكى كۈيلەرنى ،باشقىلار قەلبىدە كۈي قىلىنىشىمۇ ،كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش ئىكەن . مەن ھازىرغىچە نىمە ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلىقىم ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بىرەلمىسەممۇ ، تۇيغۇلىرىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ، شېئىر مەندىن كەچكەنگە قەدەر شېئىر يازىمەن.
مەن سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دېگۈچى ئەمەسمەن، سەنئەت مىنىڭ ھاياتىمنى سەنئەتكە ئايلاندۇرسىكەن دەيمەن .چۈنكى ،مەن ھاياتنى سۆيگۈچى ...ھاياتىمنىڭ 28 باھارىنى ياشاپ بوپتىمەن ! بۇ باھارلار كىملەرنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئاتا قىلغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، قەلبىمدە بىر يۈكسەك مۇھەببەتنىڭ بارلىىقىدىن سۆيىنىمەن ... كىشىلەر مىنى ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا ،ئۆزۈم مۇھەببەت بىرىشنى، سۆيۈشنى خالىمىغان ئىشلارنى ۋە ئادەملەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ ياشاش ئىقتىدارىدىن پەخىرلىنىمەن . شۇكرى ، ھازىرغىچە بەخىتلىك ياشىماقتىمەن ....
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر شېئىردۇر .مەن ئاشۇ شېئىرنى يازغۇچى ۋە شۇ شېئىرنىڭ بىر ئوقۇرمىنىمەن ،خالاس !
___ ئاپتوردىن
مەھمۇدنىڭ شېئىرلىرى شېئىرىي تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە ئىماگلىرىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. بىز بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق
__ مەسئۇل مۇھەررىردىن
چىغرىق
ئۆرگىلەي ،چۆرگىلەي ،قۇشلار ئۇچۇڭلار ،
ئىزىشقا يول باردۇر شىرىن چۈشلەردىن .
قوياشنىڭ ئاۋازى كۆكسۈمنى تەشتى،
زىرىكتىم ناۋاسىز قالغان كۈنلەردىن .
چىغرىقتەك ئايلاندىم چەكسىز ئاسماندا ،
ئېگىرىپ بىر قىزنىڭ ئىشتان بېغىنى .
بىر تاشنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن يەنە ،
خازان قىپ قەلبىمنىڭ گۈزەل بېغىنى .
ۋاي ئاللا ،ۋاي ئاللا قۇشلار ئۇچۇڭلار ،
ئۇچۇشنىڭ مەنىسى تاغلاردا قالسۇن .
كۆزىنى ياشلىغان دەرەخلەر ئۆلمەس ،
كۆز ياشلار داۋاملىق تۇپراققا قانسۇن .
ئۇ كەتتى كەلمىدى ئېچىلغان گۈللەر ،
ئۇ كەتتى كەلمىدى دەريادىكى سۇ .
بوينۇمغا باغلانغان قىلدىن كىلىمەن ،
چەكسىز بىر ئورمانغا ئوخشايدىكەن ئۇ .
ئۆرگىلەي ،چۆرگىلەي ،قۇشلار ئۇچۇڭلار،
بۇ ئېغىر تېنىقلار سىلەردە ناخشا .
بارماقتا كۆزلىرىم نۇردىن يىراقلاپ ،
غازاڭمەن ئولتۇرغان سۇنغان بىر شاختا .
ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي
ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي،
تىترىمە بۇ قېتىم تەلۋە تۇرقۇمغا.
گۈللەرمۇ ئېچىلدى ،يېشىل چىغىر يول،
ئەمدى تەن چىدىماس سىنىڭ خۇلقىڭغا
سۆيگۈڭدىن ئوت ئېلىپ ئۆسكەن دەرەخلەر،
يىرتىلغان بەتلەرگە تاشلايدۇ غازاڭ.
سارغايغان ئالبۇمدىن يۇلۇپ ئال مىنى ،
چىچەكلىك باھاردا قانار دىل ياراڭ.
توت تامغا تاپشۇردۇم تەلۋە تۇرقۇمنى،
شىلتىيمەن يۈرەكنى خىيالغا قاراپ.
مەن چەككەن ئازاپنى بىلەلەيدۇ كىم؟
ئاي چىقماس كىچىدە يۇلتۇزنى ساناپ.
بىلمىدىم تاغلاردەك قانداق چىداشنى،
بىلىمەن تىلەكتەك ئۇنسىز قاناشنى.
نىمىلەر دەسسەركىن دەيمەن ئۇستۈمگە،
يوللاردىن ئۈگەنسەم سەنسىز ياشاشنى.
تاڭ سۆيۈپ ئېچىلغان گۈلسەن ،ئەزىزىم،
بۇ قەددىڭ ياراشماش يامغۇر پەسلىگە.
نەچچە تال ئۆمۈچۈك ئىكەن ئەسلىمە ،
بىز ھازىر ئايلىنىپ قالدۇق ئۇپۇققا .
توت تامغا تاپشۇردۇم تەلۋە تۇرقۇمنى،
ئەمدى مەن چىچەكسىز بىر دەرەخ بولاي.
ئالقانلار ئوت ئالدى،كۆز ياشتىن ئاۋۋال،
ئايرىلىش ئالدىدا بىر سۆيۈپ قوياي.
كارۋات ئاستىدىكى ئەر
گۈپپىدە يىغىلدى يۈرىگڭگە سۇ ،
ئىشىكنىڭ ئاۋازى تەشتى تىنىڭنى .
بىر چاشقان يېنىڭدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ،
تىرىقلاپ چالماقتا تەنھا سىرىڭنى .
بىر ئاچچىق رىۋايەت كىردى ئىچىڭگە،
ئىككى پاي كىر پايپاق تۇرار قولۇڭدا.
شامالسىز يىراققا ئۈچتى ھاياجان،
توزىدى قۇش پىيى تىترەك تۇيغۇدا.
لىۋىڭنى چىشلىدىڭ يىغلىدى قېنىڭ،
بىر قىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ جېنىڭ.
كۆزۈڭنى يۈمساڭلا كۆرۈندى ھەممە،
چۈشلىرىڭ نىمىشقا بولمىدى سىنىڭ .
تىنىقتىن توختاشنى قىلىسەن خىيال،
ئۈستۇڭدە ئىككى تەن چىرماشتى ئاستا.
تونۇدۇڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى تىكەن ،
تولمايدۇ بەرىبىر كۆزلىرىڭ ياشقا .
ساتما ياساش
قۇشلار يۇلۇڭلار سۆزمەن قۇمۇشنى ،
بىزمۇ قوياشتىن زىرىكىەيلى تەڭ .
تەننى سوۋۇتۇش - دەرەخكە يېقىن ،
ئىقىپ كىرەلمەس يۈرەككە ئۆستەڭ.
تومۇردىكى قان يۇلغۇن شاخلىرى ،
ئۇنىڭ باغرىدا ئۇخلايدۇ توشقان .
كىمنىڭ كۆكسىكەن ياغلىقىمۇ يوق ...
ئاسمانغا قاراپ ھەددىن ئاشقان .
خىيالغا ئوخشاش قوغۇن پىلىكى ،
ئىككى قارا كۆسەي ئىللىپ قالىدۇ.
قوناقلىق تەرەپ قارايدۇ بىزگە ،
ئېگىز توغراقلار كۆرۈپ قالىدۇ .
چىلگە پىشقاندا چىلگە ئوينىدۇق ،
تاۋاز پىشقاندا يارىمىز تېخى .
بىزنى كۈتكەنلەر چۆنەك -چۆنەكتە...
لەۋلىرى قىززىپ ئېتىلغان چېغى .
كۆڭۈل كۆتىرەر خىلۋەت ياسىماق ...
قوياش بولىدۇ يايرىغان يۈرەك .
يۈگرەپ يۈرگەنلەر سەپەرگە ماڭدى ،
كۆزلەر كۆلەلمەس يوقالسا ئەرمەك.
قۇشلار يۇلۇڭلار سۆزمەن قۇمۇشنى ،
ئېلكىمىزدىلا خۇشال ياشىماق .
كىچىك بالىلار بالىچە ياشار
بەخىت ئۆزىنى بالا چاغلىماق.
قۇشقاچ گۆشى
رىۋايەت كۆپتۇر قۇشقاچ ھەققىدە ،
يىسە بولمايمىش يۈرىكى ياشلار .
توغراقلار ھەر چاغ سىرىنى بەرمەس ،
ئولۇغدۇر بەلكى ئېتىلغان تاشلار .
گۈلگە ئوخشايدۇ سۆيۈلگەندە لەۋ،
ئىنتىلىش كۈچى - نازاكلۇق دېگەن.
قىزلار ئاسمانغا ئۇچۇپ كىتىپتۇ ،
قۇشقاچ كۆشىنى قانغۇچە يېگەن .
قۇشقاچ كورمىدىم ئىككى كۈن بولدى،
بوۋا ، كەچۈرگىن سامانلىقىم يوق .
گەپتەر ئۇچۇرۇپ زىرىكىپ قالدىم ...
خىيال باسىدۇ رەڭلىرى قويۇق .
ئەرنىڭ ئېپپىتى - كۈچلۈك ياشىماق،
قانلار تۆكىلەر باغنى بۇزغاندا .
كۆڭۈل دېگەندە شېئىر بولىدۇ ...
قىنىپ نەچچە رەت تاشقا ئۇرغاندا .
كىلىڭلار قايتىپ ئۇچۇپ كەتكەنلەر ،
چىقىڭلار يەردىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر .
قۇشقاچ كۆشىدە رىۋايەت بارمىش ،
دەرمان تىپىڭلار ھېرىپ كەتكەنلەر .
توغراقلار ھەر چاغ سىرىنى بەرمەس ،
قۇملۇقنىڭ كۆكسى دولقۇنلاپ تۇرار .
قوش قۇنغان شاخلار شادىمان بولدى،
دەرەخ شۇنچىلىك جىمجىت داپ چالار .
تۈ*رك قەھۋەخانىسى
بىر يۈتۈم قەھۋە
ئافىرىقىدىكى بىر ئايالنىڭ چۈشى
بىر تۇپ دەرەخ يېنىدىن كەلگەنلەرنىڭ ھاياجىنى
بىللە تۇراتتى .
بىر پارچە رەخىت
تۇپراق ئۇستىدىكى ھەممە ئادەم
ئەرزان توۋلاۋاتقان بىر بوۋاي
لىۋىنى چىشلەۋاتقان قىزنىڭ كۆكسىنىڭ رەڭگى
بىر ئىستاكان قايناقسۇ بىلەن
بىللە تۇراتتى ....
كۆنۈپ قالغان ۋاقىتنىڭ داۋاملىىشىشى
دۇنيا خەرىتىسىنىڭ شېئىردا ئەكىس ئېتىشى
تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن بىر كالا
مېھمانخانا دېرىزىسىدىن يىراققا قاراۋاتقان بىر ئەر مەيدىسى
ھېلىقى قىزنىڭ تۈگمەس ھېكايىسى
يېنىمدىن ئىتتىك ئۆتۈپ كەتكەن قىزنىڭ قارا قىشى
ئىچىمدە ئۇخلاۋاتقان بىراۋنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىنى تېلەش
بىر پارچە توخۇ كۆشى
بىللە تۇراتتى .
گۈل سېتىش چەكلەنگەن رايۇن
قولتۇقلىشىپ كىتىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر
ئۇرۈمچى ۋاقتى ئون
ئاسمىاندا ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن بىر شەھەر
مېھمانغانا ۋە قاۋاقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان ئايال ئاۋازى
ئونۋېرسىتىت ھويلىسىدىكى سۆيۈشۈش ھالىتى
بىر باغنىڭ تېمىدىن ئاتلاۋاتقان ئىت
تەكلىمكاندا چىقىۋاتقان شامال
مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان بىر ساقاللىق كىشى
ئاخشامقى كىنونىڭ بىر قىسىم جايلىرى
قوغۇن سېتىۋاتقان يەردىن كەلگەن بىر ئەرنىڭ قوپال ئاۋازدا سۆزلىشى
شۇكۇرنىڭ تۈ*ركىيە توغرىسىدىكى يالغان -راسىت كەپلىرى
يانچقۇمدىكى بىر پارچە خەت
بىر ئىستاكان سۈت بىلەن
بىللە تۇراتتى .
بۇگۈننىڭ ھاياجىنى داۋاملاشتۇرۇش
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشنىڭ مەنىسى
قەبرىدىكى بىر ئادەمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىش
قېتىق ئىچىدە ياتقان گىلاس
شېئىر يېزىپ باققان ئەممە ئادەمنى ساراڭ دىيىشنىڭ ئاددى پەلسەپىسى
ئۇزۇن -ئۇزۇن چۈش كۆرۈشنىڭ تەبىرىنى ئىزدىش
تەكچىگە تىزىلغان ئىككى پارچە تۈ*ركچە كىتاپ
قەيەردە ئۇخلاشنى سۆزلىشىۋاتقان ئىككى ئايال
قارا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كىچىدە تۈزگەن يامان نىيىتى
بىر قىزنىڭ چىرايلىق لىۋى
بىر ئىستاكان قەھۋە ۋە تۈ*رك قەھۋەخانىسى
بىللە تۇراتتى .
دىلبەر كۆۋرۈكى
قىز كۆۋرۈكى – خان كۆۋرۈكى دەپتىكەن ،
ئۆتەر يولۋاس ئۆتەر تاغنىڭ تۈلكىسى .
مۇھەببەتلىك بېسىلماقتا بۇ قەدەم ،
يوقتۇر بىراق بۇ سۆيگۈنىڭ ئۈلگىسى .
يامغۇر ياغسا كۈنلۈك تۇتتۇم كوكاتقا ،
كۆكاتلاردىن ھىس قىلغاچقا ھېدىڭنى .
قار ياغقاندا يۈگرەپ باردىم دالىغا ،
دالىلاردەك ھىس قىلغاچقا باغرىڭنى .
ئىككى ھېكايەم قىينار مىنى تاڭلاردا ،
قوياش باردۇر ھامان تەقدىر كۆكسىدە .
تام ھەققىدە بىلەلمىدىم ھېچنىمە ،
چۈش كۆرىمەن دائىم قىلنىڭ ئۈستىدە .
ئىشەنمەيمەن پەسىللەرگە ، شامالغا ،
يۈرەكتىكى گۈزەللىكنى سۆيىمەن .
ئاچچىق-ئاچچىق غېرىبلىقنى سەزگەندە ،
بۇ بوشلۇقنى ساڭا ئاتاپ قويىمەن .
كېچىلىرى خىيالىمدا قانايسەن ،
كۈيلىرىمدە يۇپۇرماقلىق دەرەخسەن .
مۇھەببەتنىڭ يۇلتۇزلىرى چېچىلسا ،
كۆزلىرىمدە مولدۇرلىگەن قاراقسەن .
كۆك خېنىم
باھارنىڭ كۆكسىدە كۆپكۈكتۇر ئاسمان ،
كۆك خېنىم ،باشلىغىن بۇغداي سۆزۈڭنى .
ئېرىقتىن كەلگىنى سۆيگۈ ئېتىقاد ،
چېچەكلەر ئېچىلىپ كۈيلەر ئىزىڭنى .
بىر قوياش بىر زىمىن بىر دانە بۇغداي ،
كۆكلەيدۇ رىۋايەت ئىچىدە چۈشلەر .
بۇ دۇنيا ئەسلىدە ياغلىق قاپاقتۇر ،
كۆيمەكتە گۈلخاندا سانسىز سۆيۈشلەر .
موقاملار داپتىكى داننىڭ ئاۋازى ،
داپ چالغان قوللارنىڭ قاينايدۇ قېنى .
توزىماس گۈللەرمۇ ئېچىلىپ كەتتى ،
كۆكتىكى چالمىنىڭ چاقنايدۇ رېڭى .
كۆك ئۈندى ياشاردى بارچە كائىنات ،
كۆك ئۈندى باشلاندى قۇشلارنىڭ تويى .
شىلدىرلاپ ئاققان سۇ يىتەر پەللىگە ،
كۆك ئۈندى باھارنىڭ يورىدى كۆزى .
كۆك خېنىم ،سەن بىلەن باراي تاڭلارغا ،
چۈشلەرگە تولدى شوخ كۆڭۈل بويلىرى .
يەلكەمنى مەڭزىمنى سىلايدۇ شامال ،
قولۇمدا تەبئەت ئوماق قوللىرى .
يىشىنەر دەرەخلەر ھارارەت ئۈچۈن ،
يوپۇرماق تېنىدە يۈرەك يارىسى .
بىر مىسرا شېئىرغا ئوخشايدۇ ئەجەپ ،
كۆك خېنىم، بېغىڭدا ئۈرۈك- غورىسى .
رەسىم سىزىش
نۇر بىلەن ئۇچراشتى ئىككى پارچە تاش،
كېچىدۇر سوزۇلغان قارا سىزىقلار .
بىر چىكىت تۇيۇقسىز يولىدىن ئېزىپ،
گۈللەرنىڭ ھىدىنى سەزدى تىنىقلار.
قار رەڭ بوشلۇقلار ئۆڭدى توساتتىن،
يىشىل رەڭ تۇتاشتى چىغىر يوللارغا.
سايراشقا قانمىغان قۇشنىڭ پىيىدەك،
بىر يىرىك تۇيغۇمۇ قالدى قۇرلاردا.
قارا رەڭ كۆزىنى يۈمدى ئاخىرى ،
دەريادىن بىر غايىب ناخشىنى ئاڭلاپ.
بىر ئۇچۈم سۈيىڭنى چاچقىنە قېنى!
شاخلاردىن كىم چۈشەر ئاستا تامچىلاپ.
قىپقىزىل چۈشلەرمۇ ئۇچسۇن قۇش بولۇپ،
خىياللار تۇتاشقان ئۇپۇقلارغىچە.
شوخ شامال ئەركىلەپ چاچتى قۇرلاردىن،
پاك چېھرىڭ نۇرىنى شىۋاقلارغىچە.
بۇ قېرى دەرەخنىڭ مەنىسى چوڭقۇر،
چىلان رەڭ تۇپراقتا تۇتاش يىلتىزلار.
قارچۇقلار ھەققىدە سۆزلەر رىۋايەت،
كۈز رەڭگى ئالدىغا كەلسە يۈلتۇزلار.
بىلەمسەن ،بۇ بوشلۇق قوياشنىڭ ئورنى،
كەل، تولۇق بىرەيلى باھارغا رەڭنى.
تاش بولۇپ ئۇنتۇيلى دۇنيانى بىردەم،
سۇنغىنە گۈل بىلەن قوشۇپ قولۇڭنى.