يازغۇچىلار تورى

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: سەن كەتتىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-24 10:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىسال-1 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 22:41
.............سەن كەتتىڭ، ياغاچ ئاتقا مىندۈرۈپ، ھەممىمىزنىڭ  ...



     سۆزلىرىڭىزدىن خېلى ئوبدانلا تەسەللىي تاپتىم. رەھمەت ، سڭلىم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-24 10:48:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-24 16:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eli.abdukadir يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 23:41
بۇ نەسىرنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن. نەسىر تىلى يەڭگىل،يۈرە ...



     سەبىرنىڭ تېگى نەتىجە. كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى ياكى كەچكىچە يىغلاپ يۈرگىلى بولمايدۇ... رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-25 10:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوقلان يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 15:00
ئائىلىگە ، جەمئىيەتكە ، ئەدىناسى ھاياتقا بولغان مەسئۇ ...



    شۇنداق، ئۆز ئائىلىسىنى، ھالال جۈپتىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭ يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈشى ناتايىن. مەن ئەمدىلا 37 يېشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ كەتكەن مەھبۇبەمنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارالمىدىم. ئۇنىڭ خاتىرجەم يېتىشىنى تىلەيمەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-6-25 11:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئاكا، نەسىرىڭىزدىن ھەر بىر قۇرىدىن تامچىۋاتقان ھەسرەت، پىغان دىلىمنى ئەزدى. يەنە شۇ قۇرلاردىكى چىن مۇھەببەت ھاياتنىڭ مەناسىنى ھېس قىلدۇردى.
سالامەت بولۇڭ! يۈرىكىڭزگە ۋە قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-6-25 11:32:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو نەسىرنى ئوقۇپ بولغىچە كۇزلىرىمدىن ياش توختىمىدى.
سىزگە سەۋرى ھەم چىدام تىلەيمەن موئەللىم!!!پەرىشتە سۇپەت خانىمىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-25 16:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 11:22
ئابدۇرېھىم ئاكا، نەسىرىڭىزدىن ھەر بىر قۇرىدىن تامچىۋا ...



      سىزنىڭ بۇ نەسرىمگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇشىڭىز مېنى خۇش قىلدى. ئىلھاملاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-26 10:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 11:32
بو نەسىرنى ئوقۇپ بولغىچە كۇزلىرىمدىن ياش توختىمىدى.
سى ...



      دېگىنىڭىز كەلگەي. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-26 16:08:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                            غەلىتە مەخلۇق
                                             
       مەن جۈمە چىقار – شەنبە كىرەر كېچىسى بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە ئىت باشلىق، قوي بەدەنلىك   ـــ  غەلىتە بىر مەخلۇق بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغۇدەكمەن. تۇيغۇمدا ھېلىقى مەخلۇقنىڭ ئىككى خىل خۇي-پەيلى بار ئىمىش. ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە ئۇنى كۆزەتكىدەكمەن:
     ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىسام، قوي سىياقىدا گەۋدىلىنىپ، ماڭا ئەركىلەپ، قوللىرىمنى پۇراپ، يالاپ قويغىدەك؛ دىققىتىمنى سەل بۇراپ، باشقا ئىشلار بىلەن بەند بولغىنىمدا، ماڭا ئالىيىپ، چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ خىرىس قىلىۋاتقىدەك. مەن ئۇنىڭدىن سورىغىدەكمەن:
       ـــ ئەي مەخلۇق، سەن قويمۇ، ئىتمۇ؟
       ـــ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن،- دېگۈدەك ئۇ.
       مەن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايرىشقا قىزىقسىنىپ قالغىدەكمەن. شۇ ئەسنادا قوينىڭ ئادەم چىشلىمەيدىغان ـــ مۇلايىم ھايۋان ئىكەنلىكى خىيالىمدىن كەچكىدەك. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقان بولۇپ، قولۇمنى ئاغزىغا سالغىدەكمەن. ئۇ «كارس» قىلىپ چىشلىگىنىچە بىگىز بارمىقىمنى ئۈزىۋالغىدەك...
     مەن «ۋايجان!» دەپ توۋلىغىنىمچە ئويغىنىپ كەتتىم-دە، خىيال ئېكرانىمدىن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆتكۈزدۈم... ئاخىرى مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتىم:
      ئۇ ئالدىمدا قويدەك ياۋاش بولۇپ، قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ تۇرسىمۇ، ئەركىلەپ تۇرۇپ چىشلەيدىغان ئىت، ئارقامدىن تىغ ئۇرىدىغان يۈزۈمچەلپەك  ـــ  ناماردلەرنىڭ چۈشۈمدە ئايان بولۇشى ئىكەن. مەن شۇ چاغدا نەدىدۇر بىر يەردە ئاڭلىغان مۇنۇ قوشاقنى ئېسىمگە ئالدىم:
      رېپىدىدە ئىككى يۈز،
       بىر يۈزىدە نان ياقار.
       ئادەملەردە بىرلا يۈز،
       ئىككى يۈزدە جان باقار.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 16:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-26 20:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                      يېزا يولىدا

        ئېسىل پىكىپىمدا غادىيىپ ئولتۇرۇپ، يېزىنىڭ ئۇپىدەك پوركاپ توپىلىق يولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتىم... ئالدىمدا ئەبجەق ۋېلىسىپىتنى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۈچەپ-كۈچەپ تەپكىنىچە بىر ئادەم كېتىۋاتاتتى. ئۇنى توپا - چاڭغا كۆمگىنىمچە ئۆتۈپ كەتتىم-دە، يۈرىكىم پىژژىدە ئېچىشقاندەك، بىئارام بولغاندەك بولدى، ئېڭىم نېمىنىدۇر بىر نېمىنى سەزگەندەك ئىدى...
       ئالاھەزەل 2-3 يۈز مېتىرچە مېڭىپ بولۇپ ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختاتتىم. ھېلىقى ئادەم خۇددى توپا-تۇمانلار ئارىسىدا ئۆمۈلەپ يۈرگەن قۇرت-قوڭغۇزلاردەك ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلغىنىچە تۇمان ئىچىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ يېقىنلاپ كەلگەندە، يۈز- كۆزلىرىم «لاپپىدە» ئوت ئالغاندەك بولدى ۋە ئورنۇمدا تۇرالماي، ئىختىيارسىز ھالدا ئالدىمغا بىر نەچچە قەدەم سىلجىدىم. چۈنكى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم ئىدى...
      مەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، قوللىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھال-ئەھۋال سورىدىم. ئۇنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان ئورا كۆزلىرى مېنى ئىلغا قىلالمىدى. ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم ۋە ۋېلىسىپىتنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشتۇرۇپ، مۇئەللىمىمنى يېنىمغا ئولتۇرغۇزۇپ يولۇمغا راۋان بولدۇم… شۇندىلا، بايا يارىغا مۇچ قۇيغاندەك كۆيۈشۈپ، ئېچىشىپ ئارامسىزلانغان، تېز-تېز سوقۇپ كەتكەن يۈرىكىم پەس كويغا چۈشكەندەك، تەسكىن تاپقاندەك بولدى-دە، مۇئەللىمىمنى بىسەرەمجان قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ماشىنىنى يولنىڭ سىلىق ـــ تۈز يەرلىرى بىلەن سالماق ھەيدىدىم...
خىيالىمدا : ئۇستازىمنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ، بايا ماشىنامنىڭ چاقلىرى ئاستىدىن ئۇچۇپ چىقىپ قونغان توپا -تۇمان، توزۇندىلارنى پاكىز قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، مەنزىلىمگە راۋان بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. كېتىپ بارىمەن، قولۇم رولدا، كۆزۈم يولدا؛ كاللامنى بۇ مۆھتەرەم ئۇستازىمغا نېمىلەرنى قىلىپ بەرسەم ياخشىراق بولار؟ دېگەن ئەزگۈ خىيال تولۇق چىرمىۋالغانىدى...   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 20:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-26 21:07:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                         كىم ئۇ...

كىم __ ئۇ، مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزۇپ، كۆڭۈل كۆلچەكلىرىمگە داڭگال ئېتىپ، داۋالغۇتىۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، مېنى بېلىققا ئوخشىتىپ، قىزىق قۇملۇققا تاشلاپ چاكىلدىتىۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، مېنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، مېنى ۋەھشىي چىل بۆرىگە ئوخشىتىپ كىرپىك ئوقيالىرى بىلەن ئوۋلاۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، مېنى چالما-كېسەكلەرگە ئوخشىتىپ ئىشىق-مۇھەببەت خۇمدانلىرىدا تاۋلاۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، يۈرىكىمنى ئالمىغا ئوخشىتىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىچىمدىن قۇرتتەك غاجاۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، يۈرىكىمگە بازغان ئۇرۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان؟
كىم __ ئۇ، ماڭا بىچارىلەرگە ئوخشاش ئاشىقى بىقارار بولۇپ، دىل رىشتىنى ئۈزەلمەيۋاتقان؟
كىم __ ئۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 21:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-26 23:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
                   . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-27 09:33  


ۋاقتى: 2013-6-26 23:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 21:07
كىم ئۇ...

كىم __ ئۇ، مېنىڭ خاتىرجە ...

مەن مۇشۇ يازمىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، قايتا -قايتا ئوقۇۋەتتىم ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-27 09:33:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەبىبە.ت.دىدار يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 23:18
مەن مۇشۇ يازمىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، قاي ...



   بۇ نەسرنىڭ سىزگە ياققىىدىن خۇش بولدۇم. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-28 11:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                          شائىر

شائىر ــ كۆزى يورۇش ئالدىدا ئاچچىق تولغاق يەۋاتقان ئانا.
شائىر ــ كۆيۈپ كېتىشىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغۇچى پەرۋانە.
شائىر ــ باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىپ، ئاخىرى كۆيۈپ تۈگەيدىغان شام.
شائىر ــ تۆمۈرچىنىڭ سەندىلى بىلەن بازغىنى ئارىسىدا سوقۇلۇۋاتقان چوغسىمان تۆمۈر.
شائىر ــ ئوق يەپ يارىلانغان شىر.
شائىر ــ ئادەملەر ۋە شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئورتاقلىقى ۋە پەرقىنى ئايرىپ بەرگۈچى دانا  پەيلاسوپ.
شائىر ـــ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇچى دىپلومات.
شائىر__ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل دەرياسىغا  كۆۋرۈك سېلىپ، ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرغۇچى ئىنژېنېر.
شائىر ــ ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ئوت يۈرەك ئىنسان.
شائىر ـــ ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 13:58  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش