يازغۇچىلار تورى

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: سەن كەتتىڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-8-2 13:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ــ ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ئوت كۈرەك ئىنسان.
.............

بۇ يەردىكى«يۈرەك» كۈرەك بوپقاپتۇ-ئۇستاز!.... ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ  «شائىر»نى تەكرار يوللىۋېتىپسىز...

ۋاقتى: 2013-8-2 13:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇرېھىم مۇئەللىم . يۈرەك ياشلىرى تامچىپلا تۇرىدىغان بۇ نەسىرلىرىنى ئوقۇپ ، ئەر -خۇتۇنلۇق مېھرى- مۇھەببەتنىڭ ئوكيان كەبى چوڭقۇر ، رىشتىسىنىڭ تۇلىمۇ چىڭ بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم . ئۆزلىرىنىڭ سەۋرىدىن كۈچ - قۇۋۋەت، ‹‹مەھبۇبە ›› لىرىگە بولغان ساداقەتلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم . بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي. ئەگەر توغرا تاپسىلا نەسىرلىرىنى ئاۋازلىق قىلىپ يوللاپ باقسام بولارمۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-2 18:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 13:28
شائىر ــ ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ئوت كۈر ...



        ئۇكام مۇھەممەدتوختى، سىز دېگەندەك بولۇپ قاپتۇ. تۈزىتىپ قويدۇم. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-8-12 16:23:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۆزلىرىگە بىر ئىنكاس يوللىغان ئىدىم . بىراق كۆرۈشكە ۋاقىتلىرى يار بەرمىدىمۇ جاۋاپ بەرمەپتىلا . تەلىپىمنى ئويلىشىپ باقارلا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-13 02:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەندەن يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 13:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇرېھىم مۇئەللىم . يۈرەك ياشلى ...




     ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. تامامەن قوشۇلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-13 02:20:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەندەن يوللىغان ۋاقتى  2013-8-12 16:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۆزلىرىگە بىر ئىن ...



    مەن سەپەر ئۈستىدە ئىدىم. بۈگۈن تاسادىپەن، كۆمپىيۇتېرغا يېقىن كېلىپ قالدىم ۋە ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم، جاۋاب يېزىپ قويدۇم. رەھمەت!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-13 02:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-28 22:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                               يېڭى يىل تەلقىنى

مىنۇتلار سائەتلەرنى، سائەتلەر كۈن، ئايلارنى؛ كۈن، ئايلار يىللارنى ياساپ خۇددى قايتىلانماس دەريا دولقۇنلىرىدەك تۈرۈلۈپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن...
مەن تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، قىيغىتىپ ئويناپ يۈرگەن سەبىي چاغلىرىمدا ئاي، كۈنلەرنىڭ تېزراق ئۆتۈپ، بۇرۇتلىرىمنىڭ  بۇرۇنراق خەت تارتىشىنى ـــ دەرھال چوڭ بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ ۋەجىدىنمىكىن  يېڭى  يىل يېتىپ كېلىپ، يېشىمغا يېڭى بىر ياش قوشۇلغاندا، ھاياجانلانغىنىمدىن  ئۆزۈمنى  قويغىلى جاي تاپالماي قالاتتىم. شۇڭا، يېڭى يىلىمنى ــ يېڭى يېشىمنى مۇبارەكلىگەن كىشىلەر كۆزۈمگە خۇددى خىزىر- پەرىشتىلەردەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى.
رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ، قىممەتلىك ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پىشقان، چېكە چاچلىرىم كافۇردىن رەڭ ئىچكەن، ساقاللىرىم ئالا غازاڭ بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقىنىڭ  پۈتۈنلەي ئەكسىچە سائەتنىڭ ئاستا مېڭىشىنى، كۈن، ئايلارنىڭ  توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ  قالدىم. چۈنكى، نادانلىقتا ئويۇن-تاماشا بىلەن بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمنى قايتۇرۇۋېلىش، ھاياتىمنىڭ كېمىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ھاشار چۈمۈلىسىدەك تىنىمسىز ئىشلەيدىغان، مىنۇت-سېكۇنتنى قولۇمدىن بەرگۈم كەلمەيدىغان، قىسقىسى، چەكلىك ھاياتىمدا باسقان ھەر بىر قەدىمىمدىن ئاز بولسىمۇ ئىز قالدۇرۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم...
يۈرەكلىرىمگە بازغان ئۇرۇپ، يېڭى يىل يەنە يېتىپ كەلدى. مەن پارقىراپ تۇرغان پىچاق ئالدىدا جان قايغۇسىدا قالغان بىچارە ئۆچكىدەك تېپىرلاپ كەتتىم. تۈنۈگۈنكى تۈسۈمنى ئۆزگەرتمەي، روھىمنى ئۆيگە سولاپ، دوپپامنى ئالدىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا قىلغان بارلىق ئىشلىرىمنى بىرمۇ بىر ئەسلەپ، ئەجىر تەخسىسىگە تىزىپ چىقتىم. مىڭ ئەپسۇس، ئۈنۈمسىز يەر دېھقانغا ھوسۇل بەرمىگەندەك، ھېچقانچە تۆھپە يارىتالماپتىمەن …
باشقىلارنىڭ «يېڭى يىلىڭغا مۇبارەك بولسۇن!» دېيىشىدىن قورقۇپ، ئۆزۈمنى ئۆيگە بەند قىلىپ بىر كۈن ئولتۇرغىنىم بىكار كەتتى. 2- كۈنى ئادىتىم بويىچە دەرسلىك ماتېرىياللىرىم سېلىنغان قول سومكامنى كۆتۈرۈپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم. تېخى ۋاقىت توشمىغاچقا، سىنىپتا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم بىردىن، ئىككىدىن چىقىپ: «مۇئەللىم، يېڭى يىللىرىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ يېڭى يىلىمنى مۇبارەكلەشتى. ياتاقلىرىدىن، تاماقخانىلاردىن كەلگەنلەرمۇ شۇنداق قىلىشتى. ھەربىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ «مۇبارىكى» خۇددى يۈرىكىمگە قامچىدەك ئۇرۇلۇپ، يىلان چاققاندەك تولغىنىپ كەتكەن بولساممۇ، ئەدەپ يۈزىسىدىن تەبەسسۇم قىلىپ، باش ئىرغىتىپ قويدۇم... ئىچىمدە: «ئاھ، كەلمەسكە كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىم...ئاھ، ياشلىقىم!» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
بىر دەمدىن كېيىن دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. سىنىپقا كىردىم-دە، ئوقۇغۇچىلىرىمغا خىتاب قىلىشقا باشلىدىم: ۋاقىت قىممەتلىك، ياشلىق قىممەتلىك، ياشلىقىڭلارنى قەدىرلەڭلار! ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ـــ قولىدىن ئىش كەلمەسلىك. ئەڭ قىممەتلىك ئىش ـــ بىلىم ئىگىلەش. ئەڭ زور بايلىق بىلىم. شۇڭا، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، مىنۇت-سېكۇنت ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەڭلار...! بولمىسا ياغاچ ئاتقا مىنىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ۋاقتىڭلار يېقىنلاشقانسېرى پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىلەر...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-28 22:51  


ۋاقتى: 2013-8-29 13:40:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ۋاقىت دېگەن ھەقىقەتەن قىممەتلىكتە!
« ۋاقىتنىڭ سورىقىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا قىلمىساڭ،ئەجەل يەتكەندە ۋاقىت ياقاڭدىن تۇتۇپ،ھېسابىنى ئالىدۇ! ' ماس بولدىمىكى...

ۋاقتى: 2013-8-31 12:59:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى ئابدۇرېھىم زۇنۇن نىڭ « سەن كەتتىڭ » ماۋزۇلۇق نەسىرىنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. نەسىردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدىيىۋى مەزمۇن  ئىخچام قۇرۇلما، كىشىنىڭ يۇرەك تارىنى تىترىتىدىغان تەسىرلىك تىل ئارقىلىق يۇقىرى ماھارەتتە بايان قىلىنغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-3 13:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەررائى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-29 13:40
شۇنداق،ۋاقىت دېگەن ھەقىقەتەن قىممەتلىكتە!
« ۋاقىتنىڭ  ...



      ئەلۋەتتە، ھېس قىلغانلىرىڭىزنىڭ خاتاسى يوق. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-12 10:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
T.Abaydulla يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 12:59
يازغۇچى ئابدۇرېھىم زۇنۇن نىڭ « سەن كەتتىڭ » ماۋزۇلۇق ن ...



      نەسرىمنى ئوقۇپ ھاياجانلا نغىنىڭىزدىن ۋە ئاتايىتەن ئىنكاس يازغىنىڭىزدىن مەنمۇ ھاياجانغا چۆمۈلدۈم. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-9-12 11:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن چىققان ھەقىقىي قەدرىلەر يۈرەككە تېگىدۇ. تەسىرلىك ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-18 16:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى يوللىغان ۋاقتى  2013-9-12 11:13
چىن يۈرەكتىن چىققان ھەقىقىي قەدرىلەر يۈرەككە تېگىدۇ. ت ...



     نەسرگە كۆز يۈگۈرتكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-26 11:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                        سۆيگۈ (2)

       ئانا يۇرت، مەن سېنى قىزغىن ئىشتىياق، ئوتلۇق ئىخلاس-ئەقىدەم بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن سۆيىمەن. كېچە - كۈندۈز سەن ئۈچۈنلا كۆيىمەن. سەن ئۈچۈن يۈرىكىمدە ماگما قاينايدۇ، ئېڭىم سېنى بارچە يۇرتلارغا رەئىس سايلايدۇ؛ سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئانام، سەن مېنىڭ كۆيۈملۈك دادام؛ سەن مېنىڭ يايلايدىغان يايلىقىم، سەن مېنىڭ تۈگىمەيدىغان بايلىقىم؛ سەن مېنىڭ خەجلەيدىغان ئايلىقىم؛ سەن مېنىڭ ھاياتىم، جېنىم، سەن مېنىڭ بارلىقىم...
       كىندىك قېنىم ساڭا تۆكۈلگەن، بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدىم، ئىستەك-غايىلىرىم سېنىڭ باغرىڭغا كۆمۈلگەن؛ سەندە ئانامنىڭ ئوغۇز سۈتىنى قانغۇچە ئەمگەن، يۇمشاق توپىلىق يوللىرىڭغا باغرىمنى سۇۋاپ ئۆمىلىگەن؛ ساڭا ئىز سالغان، ھەممە نەرسەمنى سەندىن ئالغان؛ سېنىڭ ياپيېشىل قۇملىرىڭدا ئېغىناپ تەرلەنگەن، تىك قىيالىرىڭدا قىقاسلاپ قانات قېقىپ پەرلەنگەن؛ سەندە تەن دەرىخىم ئۇچ تارتقان، كۈچ تاپقان؛ سەندە ئەقلىم چاقلانغان، ئۈمىدىم ئاقلانغان؛ سەندە ئىلىم- پەنگە كۆڭۈل رىشتىم باغلانغان، ئوت-ئىشقىڭدا يۈرەك-باغرىم داغلانغان؛ سېنىڭ ھاۋايىڭنى سۈمۈرۈپ، سۈپسۈزۈك سۇلىرىڭنى قانغىچە ئىچىپ، مېۋە-چېۋە، ئاش-نانلىرىڭنى تويغىچە يەپ چوڭ بولغان، ئەقىل تېپىپ ئوڭ بولغان؛ شۇڭا سېنى سۆيىمەن، ساڭا كۆيىمەن، سەندىن ئايرىلالمايمەن.
       ئانا يۇرت، مەن سېنى سۆيىمەن، خۇددى پاقا كۆلنى سۆيگەندەك، كەسلەنچۈك چۆلنى سۆيگەندەك؛ بۇلبۇل باغنى سۆيگەندەك، كەكلىك تاغنى سۆيگەندەك؛ قۇياش يەرنى سۆيگەندەك، دېھقان ئەجىر-تەرنى سۆيگەندەك؛ ئۇچار قۇشلار كۆكنى سۆيگەندەك، باش بۆكنى سۆيگەندەك؛ كاككۇك زەينەپنى سۆيگەندەك؛ بۈركۈت ئېگىز قىيانى سۆيگەندەك، سۇ جىرانى سۆيگەندەك؛ دېھقان ئېتىزنى سۆيگەندەك، شۇڭقار ئېگىزنى سۆيگەندەك، بۇلبۇل گۈلنى سۆيگەندەك؛ باغۋەن كۆچەتنى سۆيگەندەك، قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆچەكنى سۆيگەندەك؛ قىرغىز ماناسنى، موڭغۇل جاڭغىرنى سۆيگەندەك، ئۇيغۇر 12 مۇقام قاتارلىق مەدەنىي مىراسلىرىنى سۆيگەندەك؛ غېرىب سەنەمنى، پەرھاد شېرىننى، تاھىر زۆھرەنى... سۆيگەندەك.
مەن ساڭا كۆيىمەن، خۇددى ئاتا-ئانا بالىسىغا كۆيگەندەك، ئاشىق مەشۇقىغا كۆيگەندەك؛ يەنە نېمە-نېمىلەر نېمە-نېمىلەرگە كۆيگەندەك.
       سەندىن ئايرىلالمايمەن، خۇددى قوي قوزىسىدىن، چىغرىق پوزىسىدىن، لەڭمەن سوزىسىدىن ئايرىلالمىغاندەك؛ ئوقۇغۇچى دەپتەر-قەلەم، ئۈستەل-ئورۇندۇقىدىن، توخۇ-كەپتەر قوندىقىدىن ئايرىلالمىغاندەك؛ ئوت ئوچاقتىن، بوۋاق قۇچاقتىن ئايرىلالمىغاندەك؛ ئىنسان ئوت، سۇ، تۇپراق، ئاش-نان، ساپ ھاۋا ۋە بىلىمدىن ئايرىلالمىغاندەك...

ئانا يۇرتۇم، سەن ئالتۇن دىيار،
كېچە-كۈندۈز ئىشقىڭ ماڭا يار.


    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-26 11:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-7 12:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                                                 سۆيگۈ  ( 3)

       مەن، سەن، ئۇ ـ_ ھەممىمىز ئۆز ئېغىرلىقىمىز بىلەن تەڭ ئالتۇن، دۇر-گۆھەرلەرنى يۈدۈپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان سائىللاردۇرمىز ...
       ئاڭلا دوستۇم، تەپەككۇر قۇشلىرىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان، ئەجىر-مېھنەت ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقان چاغلىرىڭدا پېشانەڭدىن سىرغىپ چۈشكەن ئۈنچە تەرـــ سەن يۈدۈپ يۈرگەن ئالتۇن، دۇر-گۆھەرلەرنىڭ ئېرىپ- پارچىلىنىپ ئىلكىڭگە ئۆتىشىدۇر.
      لاي-پاتقاقلارغا مىلىنىپ جاپالىق ئىشلىگىنىڭ – كەلگۈسى ئىقبال قۇياشىنىڭ ساڭا ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشىدۇر ...
       دوستۇم، ياتقان بولساڭ، قوپ؛ قوپقان بولساڭ، ماڭ؛ ماڭغان بولساڭ، يۈگەر! سەنمۇ رىقابەت مەيدانلىرىدا بەيگىگە چۈش! ۋۇجۇدۇڭدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس ئالتۇن، دۇر-گۆھەرلەر بىلەن ھەميانىڭ لىق تولسۇن !





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-7 12:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش